تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئورمان كۆلىمى ئېشىپ 120 مىليون موغا يەتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تەبىئىي ئورماننى قوغداش، سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىش قاتارلىق ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئورمان كۆلىمى ۋە زاپاس مىقدارىنى ئۆتكەن بەش يىلدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 3 مىليون 768 مىڭ مو ۋە 35 مىليون كۇب مېتىر ئاشۇرغان. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ئورمان كۆلىمى ئېشىپ 120 مىليون موغا، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %5.02كە يەتكەن.

شىنجاڭنىڭ ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، 2008 - يىلى، شىنجاڭ ئون چوڭ ئورمان ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، بۇ، تاغلىق رايون، تۈزلەڭلىك بوستانلىقى ھەم بوستانلىق گىرۋىكىدىكى چۆللۈك قاتارلىق كەڭ رايونلارنى قاپلىدى، چوڭقۇر يولغا قويۇش ۋە ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئورمان بايلىقى كۆلىمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئورمان تۈرى قۇرۇلمىسى، يەر ھوقۇقى تەۋەلىكى قۇرۇلمىسى، ئورمان ئايرىمىسى قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز مۇۋاپىقلىشىشقا يۈزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

تەبىئىي ئورماننى قوغداش جەھەتتە، شىنجاڭ 1998 - يىلىدىن باشلاپ تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويدى، 2000 - يىلىدىن 2004 - يىلىغىچە، شىنجاڭ تەبىئىي ئورماننى قوغداش قۇرۇلۇشى رايونىنىڭ ياغاچ ماتېرىيال مەھسۇلات مىقدارى ھەر يىلى 280 مىڭ كۇب مېتىردىن 80 مىڭ كۇب مېتىرغا تەڭشىلىپ ئازايتىلدى، 2005 - يىلى تەبىئىي ئورماننى تاۋار خاراكتېرلىك كېسىش ئومۇميۈزلۈك توختىتىلدى. 22 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تەبىئىي ئورماننى قوغداش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، جەمئىي 5 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تەبىئىي ئورمان ئۈنۈملۈك قوغدالدى.

دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش جەھەتتە، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ جەمئىي 14 مىليون 769مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلىشنى تاماملاپ، 100 مىليون تۈپتىن ئارتۇق مەجبۇرەن كۆچەت تىكتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «سۇ ئارقىلىق يېشىللىقنى مۇقىملاشتۇرۇش» پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنى نۇقتىلىق ھالدا ئىھاتە ئورمىنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىشكە يۆتكەپ، ئېتىز ئىھاتە ئورمىنى ۋە يېزا - كەنتلەرنى كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈشنى ئاساس قىلغان دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز تەبىئىي ئورماننى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقىرىپ، قاتتىق، ئىلمىي بولغان قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تەبىئىي ئورماننى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ساغلام، مۇقىم بولغان ئورمان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، چۆللۈك ئورمىنىنى قوغداش، بوستانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چېكىنگەن ئىھاتە ئورمىنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تارىم ۋە جۇڭغاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئويمانلىقنىڭ گىرۋىكىدىكى بوستانلىق رايونلىرىنى چۆرىدىگەن ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلدى. قوغداش رايونى قۇرۇلۇشى، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۇقتىسىمان تارقالغان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، قۇملاشقان يەر دائىرىلىك مۇھاپىزەت رايونى، سۇلۇق يەر باغچىسى، ئورمان باغچىسى، قۇملۇق باغچىسى، مۇھىم سۇ مەنبەسى يېرى ھەم مۇھىم سۇلۇق يەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. ئېكولوگىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئېكولوگىيە ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئېكولوگىيە بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.