ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل غوپۇر، جيا چۇنشيا
قىزىل ئىزنالار ③
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ قىياپىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. سۈرەتتە: قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق يېزىسىدىكى شەرق ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
ئازادلىقتىن ئىلگىرى، تەربىيەلىنىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، دېھقانلار سايلامغا قاتناشقاندا كۆپىنچە «پۇرچاق تاشلاپ سايلاش» قاتارلىق شەكىللەر قوللىنىلاتتى. (گېزىتىمىز ماتېرىيال سۈرىتى)
3 - ئاي كىرىشى بىلەن، مەيىن باھار شامىلى يۈزلەرنى يېنىك سىپاپ ئۆتتى، ھەممە جاي گۈزەل باھار تۈسىگە كىردى. «14 - بەش يىل»لىق يېڭى مۇساپىگە دادىل قەدەم تاشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئوخشاش غەيرەت - جاسارەتكە تولدى، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولدى.
مۇساپە قانچە ھەيۋەتلىك بولغانسېرى، يول باشچىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. 100 يىلدىن ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى خۇددى چاقماق چاققاندەك كونا جۇڭگونىڭ قاراڭغۇ تۈن پەردىسىنى يېرىپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە پارلاق ئىستىقبال ئېلىپ كەلدى.
جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزمنىڭ قوش زۇلۇمىغا ئۇچرىغان چەت، يىراق، بېكىنمە، نادان، قالاق جايدىن بۈگۈنكى كۈندىكى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا قاراپ مېڭىشقا، قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.
ئىنقىلاب چوغى ئويغىنىشقا چاقىردى
تارىختا، شىنجاڭ رايونى دۇنيادىكى «تۆت چوڭ مەدەنىيلىك سىستېمىسى» كېسىشكەن جاي بولۇپ، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلانغان، كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ھالبۇكى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى فېئودال يەرلىك مىلىتارىستلار بىر مەھەل چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىچكى جەھەتتە خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى، سىرتقا قارىتا ئىشىكنى تاقاش تەدبىرىنى يولغا قويدى. مائارىپ، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان شىنجاڭ چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا شىنجاڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئوتى لاۋۇلداپ كۆيۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ھايات - ماماتلىق خەتەرلىك جىددىي پەيتتە قالدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە بىرلىكتە ئاتلاندى، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئائىلە دۆلەت ئېڭى، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى مىسلىسىز يۇقىرى بولدى. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە «شىنجاڭ گەرچە چەت چېگرا رايون بولسىمۇ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بىزنىڭمۇ ئۆزگەرمەس ئىرادىمىز، ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمىز» دەپ تېلېگرامما يوللاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى. كوممۇنىستلار يەنە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ئىئانە توپلاش ھەرىكىتىنى قوزغاپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بەردى. «پۇلىمىز بارلار پۇل چىقىرىپ، كۈچىمىز بارلار كۈچ چىقىرىپ، كۆپچىلىك بىرلىشىپ ياپون قاراقچىلىرىنى جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرايلى» قاتارلىق لوزۇنكا، شوئارلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىسسىق قېنىنى ئۇرغۇتۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرغۇزدى. 1939 - يىلى 8 - ئايدا، شىنجاڭ بارلىق ئىئانە پۇلغا ئون كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىۋېلىپ دۆلەتكە ھەدىيە قىلدى، بۇلارغا «شىنجاڭ ناملىق» دەپ نام بېرىلدى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ چېنىقتۇرۇشى ئارقىلىق، كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر مىللەت تەرەققىيپەرۋەر زىيالىي ياشلار ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلدى، ئىنقىلاب چوغلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارالدى، يورۇقلۇق ۋە ئۈمىد قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قەيسەرلىك بىلەن بارا - بارا كۈچەيدى.
1949 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولۇپ، قاراڭغۇ، قالاق كونا تۈزۈم ئۈزۈل - كېسىل بىكار قىلىنىپ، 1000 يىللاردىن بۇيان ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئېزىلىش، ئېكسپىلاتاتسىيەگە ئۇچراشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرى تۈپتىن ئۆزگەرتىلدى، ھەر مىللەت خەلق ھەقىقىي تۈردە دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخ ۋە رېئاللىق، سىياسىي ۋە ئىقتىساد، مىللەت ۋە رايون قاتارلىق ئامىللارنى تولۇق ئويلىشىش ئاساسىدا، شىنجاڭدا مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدى. 1955 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بۇ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ سوتسىيالىزمنى ئورتاق قۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
ئىلغار مەدەنىيەت خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئۇرغۇتتى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى شىنجاڭ بىر مەدەنىيەت چۆللۈكى ئىدى. دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بۇ چۆللۈكنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، چەكسىز يېشىللىق ئۇرۇقى چاچتى.
1935 - يىلى 11 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭ شۆيۈەنى (شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاساسى)نىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىنىپ، «مىللەتنى شەكىل، ماركسىزم - لېنىنىزمنى مەزمۇن قىلىش»تىن ئىبارەت مائارىپ فاڭجېنىنى تۈزۈپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، ماركسىزم - لېنىنىزم ئۆگىنىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ماركسىزملىق كىشىلىك ھايات قارىشى بويىچە ئويغىتىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى. شىنجاڭ شۆيۈەنى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ماركسىزم - لېنىنىزمنى تارقىتىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 100دىن ئارتۇق كادىرنى شىنجاڭدا ماركسىزم - لېنىنىزم ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشقا ئەۋەتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۇنيانىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشى، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشى، دەۋر ئېقىمىغا يېتىشىۋېلىشىنى بىر خىل مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇردى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچىدىكى زور تەسىر كۈچكە ئىگە بىر تۈركۈم تەرەققىيپەرۋەر زاتلار ۋە زىيالىيلار ئارقا - ئارقىدىن غەربىي قىسىمغا كەلدى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە بولۇپ، شىنجاڭدا مىللەتنى ئاساسىي شەكىل قىلغان، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى مەركەز قىلغان، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى. چەت، يىراق شىنجاڭ «جۇڭگونىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىر مۇھىم تايانچ بازىسى» دەپ تەرىپلەندى.
يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ شىنجاڭدا كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەينى چاغدا، ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ نادىر كىلاسسىك ئەسەرلىرى دىخۇا (ئۈرۈمچىنىڭ ئىلگىرىكى ئاتىلىشى)دىكى كىتابخانىلاردا ئاشكارا سېتىلىپلا قالماي، ھەتتا چەت، يىراقتىكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىمۇ نەچچە يۈز پارچە بايقالدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ماۋ زېدۇڭنىڭ «ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش توغرىسىدا» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىدىغان، ماركسىزم - لېنىنىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان تەرەققىيپەرۋەر بازا بولدى؛ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ دەرسخانىسىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە داڭلىق ئالىملار ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىنى بىۋاسىتە سۆزلىدى.
يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى. «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دا ئىنقىلابىي ناخشىلار ئۈنلۈك ئېيتىلدى، ياڭراق ناخشىلار دىخۇا شەھىرىدە تارقىلىپ، ئاممىنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بىلەن تەرەققىيپەرۋەر زاتلار دىرامىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كەلدى، كىنو ئارتىسلىرىدىن جاۋ دەن، شۈ تاۋ قاتارلىقلار ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىغان «كۈرەش» ناملىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن دىراما ئون كۈندىن ئارتۇق قويۇلۇپ، ھەر مەيدان ئويۇن تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولدى؛ داڭلىق يازغۇچى ماۋ دۇن پۈتۈن كۈچى بىلەن «4 - ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيانقى يېڭى مەدەنىيەتنى تارقاتتى، ئۇ سۆزلىگەن «4 - ماي ھەرىكىتى − ئۆزىنى تەكشۈرۈش» قاتارلىق ئۈچ قېتىملىق نۇتۇق سانسىزلىغان تەرەققىيپەرۋەر ياشلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يول ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشتى.
يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى يەنە شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈردى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىچىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 27 كىشى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە رەھبەرلىك ۋەزىپىسى ھەم ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى، بۇنىڭ ئىچىدە، لىن جىلۇ شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ ئىلمىي مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇلار ھەر مىللەت مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىجادىي تۆھپە قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى.
خەلق ئېتىقادلىق بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ چوغىنى تارقىتىپ، مەدەنىيلىك، ئىلغارلىققا ئىنتىلىدىغان بارلىق ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يورۇتۇپ، ئۇلارنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ پارلاق تەرەققىياتقا قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولىدىغان جۇشقۇن كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى
مەنبە چوڭقۇر بولسا، ئېقىن يىراققا بارىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ھەممە يېرى قىزىل ئىزنالارغا تولغان شىنجاڭ داشۆنىڭ مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە، ھەر مىللەت داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يۈ شيۇسۇڭ يولى، لىن جىلۇ چوڭ يولى، دۇ جۇڭيۈەن يولى، جاڭ جۇڭشى يولى قاتارلىق كوممۇنىستلار ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان يوللاردا مېڭىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كوممۇنىزملىق غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتماقتا.
100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىغا ئويۇلغان قىزىل ئىزنالىرىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى شىنجاڭنىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتكەنلىكىدە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىدىيە، مەدەنىيەت، مائارىپنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئاممىنى ئويغىتىپ، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇپ، غايە، ئېتىقادى بار ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار، قۇرغۇچىلارنى يېتىشتۈرگەنلىكىدە، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرگەنلىكىدە.
دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشى بىلەن ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ «دېرىزىنى ئېچىپ دۇنياغا نەزەر سېلىش»قا باشلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە تەرەققىيپەرۋەر زاتلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭ شۆيۈەنىدىن ئىبارەت كونا شەكىلدىكى خۇسۇسىي مەكتەپ ھالىتىدىن تېخى قۇتۇلمىغان بۇ شۆيۈەن ئىلغار ياشلارنى يېتىشتۈرىدىغان كاتتا سارايغا ئۆزگەرتىلدى، نۇرغۇن ياش ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ بىلەن قەتئىي ھالدا ئىنقىلاب يولىغا ماڭدى.
دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى مىسلىسىز تەرەققىياتقا ئېرىشتۈردى. پەقەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىنىلا مىسالغا ئالساق، 1933 - يىلىدىن ئىلگىرى، پۈتۈن شىنجاڭدا ئاران 60 نەچچە مەكتەپ، 2000 ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ھالبۇكى 1942 - يىلىغا كەلگەندە، شىنجاڭدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى، جەمئىيەت باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ 2463كە، ئوقۇغۇچى 271 مىڭ 100گە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر مىللەت ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.
دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئورتاق غايە - ئېتىقاد، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتە، مەنىۋى جەھەتتە زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملىدى.
ھەممە جاي يېپيېڭى تۈسكە كىردى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە مەنىۋى دۇنياسىغا سىڭىپ كىرىپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ پائال ياخشىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەقلىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، چوڭقۇر ھەم ئۇزاققا داۋاملىشىدىغان ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش ھېسسىياتى بىلەن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.