تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەھەر - يېزىلار يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى ئەمىن ئۆي ئارزۇسى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈجاۋ

تۇرالغۇ ئۆي مەسىلىسى ھەم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ھەم تەرەققىيات مەسىلىسى بولۇپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇش تارىخىغا مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەردى.

2020 - يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلاردىكى ئادەتتىكى ئائىلىلەرنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى 75 مىڭ ئادەتتىكى ئائىلىگە ئەمىن ئۆي سېلىپ بەردى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى 1090 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، 193 مىڭ 400 ئائىلە نەپكە ئېرىشتى. «تۇرالغۇدىن غەم قىلىش»تىن «تۇرالغۇسى بولۇش»قىچە، يەنە «سۈپەتلىك تۇرالغۇسى بولۇش»قىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇش ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى.

يېزىلاردىكى يېڭى ئۆيلەر ئىللىقلىققا تولدى

ئۆيلەر پاك - پاكىز تازىلانغانىدى، ئۆي جاھازلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى، ئۆينىڭ ئىچى - سىرتى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانىدى... كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ 65 ياشلىق ئاينۇر مەتقۇربان ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدى.

ئاينۇر مەتقۇرباننىڭ ئۆيى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئۇرچى يېزىسى شىكەر قۇمۇش كەنتىدە، ئۇ ئۆمرىنىڭ تەڭدىن تولىسىدا تۇرالغۇ ئۆي جەھەتتىلا قوشاملىق ئۆيدىن كېسەك ئۆيگە، ئاندىن خىش - بېتون قۇرۇلمىلىق ئەمىن ئۆيگە ئۆتۈشتەك ئۈچ قېتىملىق ھالقىشنى باشتىن كەچۈردى. «ئىلگىرى پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر ئىككى ئېغىز ئاددىي كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، قىشتا شامال كىرسە، يازدا توپا كىرەتتى.» 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئاينۇر مەتقۇربان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق چىرايلىق ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرالايدىغانلىقىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم، مېھمانخانا، ياتاق، ئاشخانا، تازىلىق ئۆيىنىڭ ھەممىسى تەل».

مېھمانخانىنىڭ دېرىزە تەكچىسىگە بىرنەچچە تەشتەك گۈل تىزىلغان بولۇپ، باھار ئاپتىپى ئۆينى ئىللىق تۈسكە كىرگۈزگەنىدى. دېرىزە سىرتىدا تۇرالغۇ رايونى، تېرىقچىلىق رايونى ۋە باقمىچىلىق رايونى ئايرىغلىق ئىدى، ھويلىدىكى مېۋىلىك دەرەخلەر بىخ سۈرگەنىدى. كەنتتە ئەمىن ئۆي سېلىنغاندىن بۇيان، كەنت يېڭى كەيپىياتقا تولدى، تەبىئىي گاز ۋە تۇرۇبا سۈيى تۇتاشتۇرۇلۇپلا قالماي، ئاپتوموبىللارمۇ ئىشىك ئالدىغىچە بارالايدىغان بولدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتكەن يېزا ئۆيلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى بىخەتەر، ئىشلىتىش ئىقتىدارى تولۇق، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا قولايلىق بولۇپ، يېزىلارنىڭ «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» كونا قىياپىتى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىلىپ، «يېڭى ئۆيلەرنى سېلىپ، يېڭى كەنتلەرنى بەرپا قىلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

كونا ئولتۇراق رايونلاردا يېڭى تۇرمۇش كۈتۈۋېلىندى

ھاۋا ياخشى ۋاقىتلاردا، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ يېڭىبازار ئاھالىلەر كومىتېتى شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە ما سىگۇڭ قوشنىلىرى بىلەن ئولتۇراق رايوندا ئاپتاپقا قاقلىنىپ پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. «مەن بۇ يەردە 20 نەچچە يىل تۇردۇم، ئىلگىرى نەدىمۇ بۇنداق ياخشى مۇھىت بولسۇن!» دېدى ما سىگۇڭ.

شياڭخېلى ئولتۇراق رايونى ئون تارقاق كونا ئولتۇراق رايون بىرىكتۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلىپ قۇرۇلغان ئولتۇراق رايون بولۇپ، ئىلگىرى بۇ جاينىڭ ئەسلىھەلىرى كونا، ئىقتىدارى تولۇق ئەمەس، مۇھىتى پاسكىنا، قالايمىقان، ناچار ئىدى. بۇلتۇر 5 - ئايدا، شياڭخېلى ئولتۇراق رايونىدا ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىپ، چوڭ جەھەتتىن تاملار چېقىلىپ ھويلىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ، لىفىت ئورنىتىلىپ، يامغۇر سۈيى، پاسكىنا سۇ تۇرۇبا يوللىرى ئايرىپ ئۆزگەرتىلدى، كىچىك جەھەتتىن بىنالارنىڭ كارىدور تاملىرى ئاقارتىلىپ، ئەخلەتلەر تۈرگە ئايرىلىپ، كۆكەرتىلىپ يورۇقلاشتۇرۇلدى، بۇ «يېشى چوڭ» ئولتۇراق رايون ئاخىر يېڭى قىياپەتكە كىردى.

سىرتقا ئورنىتىلغان لىفىت ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كۈنى، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالە كاڭ شياۋيۈن لىفىتتىن چۈشۈپ، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى. ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 6 - قەۋەتتە ئولتۇرىدىغان بولغاچقا، سىرتقا چىقىشى ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. «بىز ياشانغانلارنىڭ ئايىغىمىز چاققان ئەمەس، بىنادىن چىقىپ - چۈشۈشكە كۆپ كۈچ سەرپ قىلاتتۇق.» كاڭ شياۋيۈن مۇنداق دېدى: «لىفىت بولسا باشقىچە بولىدىكەن، كۈچىمەيلا 6 - قەۋەتكە چىقالايمىز».

لىفىت ئورنىتىش، تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلاردىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، مۇۋاپىق پىلانلاش ئارقىلىق ئىستىراھەت مەيدانى، چېنىقىش سورۇنى، مەدەنىيەت كارىدورى قاتارلىق ئاممىۋى بوشلۇقلارغا جاي ئاجرىتىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېز يەتكۈزۈش ئىشكاپى، توك زەرەتلەش تۈۋرۈكى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2019 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى باشلاپ، «ئاھالىلەر ئالدىرىغانغا ئالدىراش، ئاھالىلەر ئېھتىياجلىق بولغاننى ئۆزگەرتىش»تەك «زاكازلىق» ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتتى، ھەرقايسى جايلار ئۆزگەرتىدىغان نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىجرا قىلىپ، ئاھالىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ جىددىي ئەمەلىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى ئاساسلىق ئۆزگەرتىش مەزمۇنى قىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويۇپ، شەھەر - بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 2000 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان كونا ئولتۇراق رايونلارنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتتى. شەھەر - بازارلاردىكى 1714 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشتە ئىش باشلاش پىلانلاندى، بۇ، 231 مىڭ 500 ئائىلىگە چېتىلىدۇ.

تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالەتلەندۈرۈلدى

«ھازىر، ئۆي ئىچى ناھايىتى ئىسسىق، ئەمدى بوران چىقىپ يامغۇر يېغىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق.» جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 76 ياشلىق ئاھالە مۇ. باسا ئەسلەپ: ئىلگىرى ئولتۇرىدىغان كېسەك ئۆيدىن شامال ئۆتۈشۈپ، يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى، قىشتا بەك مۇزلاپ كېتەتتۇق، دېدى. ئۇنىڭ ئۆيى خەتەرلىك ئۆي دەپ باھالاپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا بىر قىسىم مەبلەغ ياردىمى بېرىپ، خىش - بېتون قۇرۇلمىلىق يېڭى ئۆي سېلىپ بەردى.

مۇ. باسانىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق نامرات ئاممىغا نەپ يەتكۈزگەنلىكىنىڭ بىر ئىخچام كارتىنىسى. خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئوبيېكتلىرىنى بېكىتىش، خەتەرلىك ئۆيلەرنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتىشتىن خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش، بىخەتەرلىك سۈپىتىنى نازارەت قىلىشقىچە، يەنە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، ياردەم پۇل مەبلىغىنى نەقلەشتۈرۈشكىچە، ئاپتونوم رايونىمىز خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ھەر تەرەپلىمە ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويدى. «بىر ئائىلىدە يولغا قويۇپ، بىر ئائىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، بىر ئائىلىنى تاماملاپ، بىر ئائىلىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، بىر ئائىلىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ، بىر ئائىلىگە مەبلەغ ئاجرىتىش» ئارقىلىق ھالقىلارنى زىچ تۇتاشتۇرۇش، قەدەممۇقەدەم نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش بويىچە چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا نوپۇسىدىكى تۇرالغۇلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ چىقىلغان تۇرالغۇلار ئىچىدىكى C دەرىجىلىك ياكى D دەرىجىلىك دەپ بېكىتىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى 2020 - يىللىق پىلاندىكى قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىگە كىرگۈزدى. بۇلتۇر 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، بۇ تۇرالغۇلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق دېھقان ئائىلىلىرىنى تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى كاپالىتىگە ئىگە قىلىش بويىچە تولۇق قاپلاش ۋەزىپە - نىشانى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنت بەش دەرىجىلىك قۇرۇلۇش سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىشنى يېزىلارغا نۇقتىلىق ئۇزارتتى. ھەرقايسى جايلار «تولۇق قاپلاش، يوچۇق قويماسلىق» تەلىپى بويىچە، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن جەريان بويىچە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى، بىناكارلىق دېتاللىرىنى ياساش ئۆتكىلى، نەق مەيداندا قۇرۇلۇش قىلىش ئۆتكىلى، پۈتكەن قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.