ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
شىنجاڭ بىلەن جىلىن جۇڭگو (چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى − ئالتاي تاغ تىزمىسى) قار - مۇز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىناق رايونىنى ئورتاق قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، شىنجاڭدىكى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 2 مىليوندىن ئاشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئايلىنىشىدا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى... «14 - بەش يىل»دا ئىش باشلاندى، قەدەم ئېلىندى، شىنجاڭ مۇشۇنداق باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە زور ئۈمىد ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، مەۋقە يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرمەكتە.
يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى
3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، باۋشەن پولات - تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى تۆۋەندە قىسقارتىلىپ (1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى دېيىلىدۇ) تۆمۈر تاۋلاش زاۋۇتى تۆمۈر تاۋلاش 2 - شۆبە زاۋۇتىنىڭ C دومنا پېچى تۆمۈر چىقىرىش سۇپىسىدا، قىپقىزىل چوغدەك تۆمۈر ئېرىتمىسى ئېتىلىپ چىقتى. بۇ جاي شىركەت ئىشلەپچىقىرىشىدىكى باشلامچى بولۇپ، كۈندىلىك تۆمۈر ئېرىتمىسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 18 مىڭ توننىغا يېتىدۇ.
«بىز يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ تەلىپى بويىچە، سىرتقى جەھەتتە دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئىچكى جەھەتتە بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدۇق، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، باش ئىشتاب ۋە قايتا تەشكىللەنگەن ئىككى كارخانا ئومۇمىي ئىشلەپچىقارغان تۆمۈر، پولات، ماتېرىيال ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1 مىليون 152 مىڭ 100 توننا، 1 مىليون 212 مىڭ 400 توننا، 1 مىليون 138 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، ئۇدا ئىككى ئاي پايدا ئېلىندى، بۇ، «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات تارىخىدىمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ھېسابلىنىدۇ» دېدى «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر شياۋ گودۇڭ پەخىرلەنگەن ھالدا.
سانلىق مەلۇماتلار ئۈن - تىنسىز بولسىمۇ، شىنجاڭنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭدار تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە گۇۋاھ بولالايدۇ: 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %3.4 ئاشقان.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىغا يامرىغان، دۇنيا ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشكە پاتقان، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپ، كەسكىن بولغان ئەھۋالدا، بۇ %3.4نىڭ قىممىتى يۇقىرى −
بۇلتۇر پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 1 تىرىليون 379 مىليارد 758 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سىجىل قايتا ئۆرلىدى، ئېھتىياج مۇقىم ئەسلىگە كەلدى، تەرەققىيات سۈپەت - ئۈنۈمى ئۆستى، ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى؛
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىندى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك تۈگىتىلدى؛
پۈتۈن يىلدا شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 461 مىڭ 100 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 3 مىليون 154 مىڭ 700 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پۈتۈن يىلدا پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 23 مىڭ 845 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %3.2 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، %1.7 ئەمەلىي ئاشتى... خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى كۈچلۈك بولدى.
«نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، جاپالىق تىرىشىشتىن كەلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى شۈ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.
ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۆزگەرتىلىپ تەرەققىيات يېڭى يولى ئېچىلدى
تاڭ سەھەر، خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازىرىنىڭ داۋا بازار كەنتى يەنىلا جىمجىت ئىدى، لېكىن كەنت بېشىدىكى تونۇردىن ئىسسىق ھور چىقىۋاتقان بولۇپ، ناننىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپقا تارالغانىدى. ناۋاي ئۇستام مەمەتئېلى ئوبۇلھەسەن ئىنتايىن ئالدىراش ھالدا: «ئەتىگەن سائەت 5تىلا خېمىر يۇغۇرۇش، ئوت يېقىشنى باشلايمىز، ھەركۈنى ئاز دېگەندە 600 نان ياقىمىز، بۇنىڭغا بەش - ئالتە خالتا ئۇن كېتىدۇ» دېدى.
سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى قايتا بەرپا قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە، نان شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ يىل 1 - ئايدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسى سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، كۆلەمنى كېڭەيتكەندىن كېيىن يېڭىچە قىياپەتتە نامايان بولۇپ، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى، «1 - كەسىپنى ئۇلاش، 2 - كەسىپنى مەۋقە قىلىش، 3 - كەسىپ بىلەن قول تۇتۇشۇش» تېرىقچىلىق، ساياھەت، يېمەك - ئىچمەك، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە نانچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتتى.
نانچىلىق كەسپى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقانلىقىنىڭ بىر كارتىنىسى.
3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىشنى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يۆتكەپ ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى بارلىققا كەلتۈردى.
تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن خاس باغ - ئورمانچىلىق بازىلىرىنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشتىن چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىگىچە؛ يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر كەسپىدىكى بۇلۇتتا «ئەقىل» توپلاشتىن، چوڭ تىپتىكى ياسىمىچىلىق كەسپىدە تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە «تىيانشان بۇلۇت جىلغىسى»نىڭ ئەمەلىي قوللىنىدىغان مۇلازىمىتىگىچە... بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا يۈرگىنىڭىزدە يېڭى تەرەققىيات كۈچلىرىنىڭ تېز قەد كۆتۈرگەنلىكىنى ھەممىلا يەردە كۆرەلەيسىز.
«شىنجاڭ مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى، كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپەت ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈردى» دېدى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۇڭ جيەنخۇا.
2020 - يىلى، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %25 ئاشتى؛ سانائەتتىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى %20.5 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتىدىن 18.1 پىرسەنت پوئېنت ۋە 13.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولىغا كىردى، گەرچە بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، كۈتۈۋېلىنغان چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يەنىلا 158 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى پۇختىلىدى
3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، كىيىم - كېچەك، تۈرلۈك ماللار، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى لىق قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئاستا - ئاستا ئالاتاۋ بېكىتىدىن چىقىپ، مەنزىلگاھى پولشا مالاشېۋىچقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان بۇ پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىپ - چىققان 1000 - قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 35 كۈن مۇددەتتىن بۇرۇن قاتنىدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ پىشقان ئۈلگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقارا كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز تۈگۈن نۇقتىسى شەھىرىدە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش تەستىقلاندى؛ ئۈرۈمچى خەلقارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى؛ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى...
خۇشاللىق بىلەن ئىلگىرىكىنى ئەسلىگىنىمىزدە، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئېچىۋېتىش، ئىلگىرىلەشنىڭ تەرەققىيات كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، تېببىي دورا - سەھىيە، مالىيە - پۇل مۇئامىلىسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈگىمەس ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى مۇجەسسەملەندى.
شىنجاڭنىڭ بازار سۇبيېكتى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 2 مىليوندىن ئېشىشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى. «ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، رىقابەت كۈچىدۇر.» ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ شياۋنىڭ مۇنداق دېدى: مۇقىملىق پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىغا ئەگىشىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇلدى.
تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، زور بىر تۈركۈم قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسى ۋە زاپاس كۈچىنى پۇختىلىدى.
ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ تېخىمۇ تەشەببۇسكار قىياپەت، تېخىمۇ مۇستەھكەم قەدەم بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىگە قەدەم قويماقتا.