تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېشىل زاۋۇت بەرپا قىلدى

يېڭىسار چىلۇ توقۇمىچىلىقى:

ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېشىل زاۋۇت بەرپا قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر يۈ فېي

چوڭ سېختا، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇرچۇق يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، يەتكۈزۈش، يۆگىمە رەختنى ئالماشتۇرۇش، ئۇلاش، تەكشۈرۈش... ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسى تەرتىپلىك، ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى، رەت - رەت ئاپتوماتىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر قىلچە نۇقسانسىز ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشكەنىدى، بۇ، يېڭىسار چىلۇ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆرۈنۈشى.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، ئىشچى ئايشەمخان روزىمەمەت ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئايلىنىپ يۈرۈپ چارلاپ تەكشۈرۈۋاتاتتى.

«مەن يېڭى خىزمەتكە قاتناشقاندا، ھەر 10 مىڭ ئۇرچۇقتا 130 ئادەم ئىشلەيتتى، ھازىر بىزگە پەقەت 36 ئادەم بولسىلا بولىدۇ.» 32 ياشلىق ئايشەمخان پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «يىپ ئېگىرىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاپتوماتلىشىش ۋە ئۇچۇرلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە بىز ئىشلىتىدىغان ئىشچىلار تېخىمۇ ئازىيىدۇ».

«كونترول ئۆيىدىن چىقمايلا، مەن نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىشنى بەش قولدەك بىلەلەيمەن.» يېڭىسار چىلۇ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى ئۇچۇر مەركىزىدە، ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىم ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىدى.

يېڭىسار چىلۇ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى زاۋۇت قۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يىپ ئېگىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ قوللىنىشقا تايىنىپ، كارخانىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پەرقلىق يىپ ئىشلەپچىقىرىشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېشىل زاۋۇت ئىدىيەسىنىڭ شىركەتتە يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ھۈنەر - سەنئەت تەرتىپى قىسقاردى، مەھسۇلات سۈپىتى مۇقىملاشتى، خام ماتېرىيالنىڭ خورىشى تۆۋەنلىدى.

ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش يېشىل زاۋۇت بەرپا قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈشتىكى يادرولۇق ھالقا، شىركەتنىڭ ئاساسلىق توك ئىشلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى بىردەك چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ ئارقىلىق كونترول قىلىپ، ھاۋا بېسىملىق ماشىنا گۇرۇپپىسىنىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقىنى يىغىۋېلىش، ئىنچىكە يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىنىڭ قالدۇق ئىسسىقلىقىنى يىغىۋېلىش، ھاۋا بېسىملىق ماشىنا گۇرۇپپىسىنى تورلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىنىڭ سېلىشتۇرما بىرلىك مەھسۇلات مىقدارىغا كېتىدىغان توك سەرپىياتىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش كەسىپلەر ئارىسىدا ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزدى.

«ئەقلىي ئىقتىدارلىق چوڭ سانلىق مەلۇمات بىلەن ئىلغار ھۈنەر - سەنئەتنى بىرلەشتۈرۈش بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن سەرپىياتلىق، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا، بايلىقنى ئەلالاشتۇرۇشىمىز ۋە دەۋرىي پايدىلىنىشىمىزغا تۈرتكە بولدى» دېدى يېڭىسار چىلۇ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ جېڭيەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، يېڭىسار چىلۇ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيدى، يىللىق سېتىش سوممىسى 300 مىليون يۈەنگە يەتتى. جۇ جېڭيەن مۇنداق دېدى: «كەلگۈسىدە، زاۋۇت ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى دائىرىلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرۈنمىلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ئارخىپلىرىنى قەغەزسىزلەشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېشىللاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىدىغان ئاقىل كارخانا بەرپا قىلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.