ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئاپتونوم رايون مالىيەسى خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلەتكەن.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە چىقىمى تېز ئاشتى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە چىقىمى 69 مىليارد 210 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.6 ئېشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن تۈرلۈك نۇقتىلىق ساھەلەر چىقىمىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 1 - ئاي ۋە 2 - ئايدا، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلىتىلگەن چىقىمنىڭ مالىيە چىقىمىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %72.1 ۋە %78.4كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە: ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى %43.9 ئاشقان، سەھىيە - ساغلاملىق چىقىمى %50.5 ئاشقان، مائارىپ چىقىمى %26.9 ئاشقان، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق چىقىمى %78.3 ئاشقان، شەھەر - يېزا مەھەللە چىقىمى %36.5 ئاشقان. خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، مۇقىملىق پايدىسى، تەرەققىيات نەتىجە - ئۈنۈمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون مالىيەسى يەنە ئاساسىي قاتلامنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتتى. 1 - ئايدىن 2 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك چىقىمى %39.3 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون چىقىمىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %27.8 بولدى؛ ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) دەرىجىلىك چىقىم %41.1 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون چىقىمىدا ئىگىلىگەن سالمىقى %72.2 بولدى.