تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قىزىل بازا» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى

كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىدە:

«قىزىل بازا» پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تېخىمۇ جانلاندۇردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ   ئىختىيارىي مۇخبىر خۇ جىنلياڭ

«3 - نومۇرلۇق كان ياتمىسىدا تۇرۇپ، خۇددى ئەينى يىللاردىكى كان ۋاگونلىرىنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازىنى، چانا سۆرەپ ماڭغان ئاتنىڭ كىشنەشلىرىنى ئاڭلىغاندەك، چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەن، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەۋاتقان توپ - توپ كان ئىشچىلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇق...» 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، قايناق ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيەگە ئەگىشىپ، «جۇمھۇرىيەت ئۇنتۇمايدۇ» ناملىق دېكلاماتسىيەلىك ئويۇن كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرىدىكى كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماق(ئورۇن)لاردىن كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كۆرۈپ غەيرىتى ئۇرغۇدى.

«مەنزىرىنى قايتا نامايان قىلىدىغان ئويۇن قويۇش شەكلى بىزنى خۇددى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50 -، 60 - يىللىرىدىكى كۆكتوقايغا قايتىپ بارغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىدەك كۆرۈنۈش كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغا بىر قېتىملىق جانلىق پارتىيە تارىخى دەرسى بولدى» دېدى كۆكتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى گۇ فاڭ.

بۇ چاغدا، شۆيۈەننىڭ ئەن گۈيخۇەي كۆرگەزمە زالىدا، يەنە بىر تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەر شۆيۈەننىڭ لېكتورى جياڭ شۆيەننىڭ تەسىرلىك بايانى ئىچىدە، ئەن گۈيخۇەينىڭ ئىش ئىزلىرى بىلەن تونۇشۇۋاتاتتى. 1958 - يىلىدىن 1964 - يىلىغىچە، ئەن گۈيخۇەي كۆكتوقاي كان ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان، يېڭى جۇڭگو ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئاشۇ بىر نەچچە يىلدا، كۆكتوقاي دۆلەت ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قەرز قايتۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ئەن گۈيخۇەينىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن كاندىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، دۈمبىسىگە يۈدۈپ، سېۋەت - سېۋەت رۇدا ئارقىلىق دۆلەت ئۈچۈن ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك تاشقى قەرزنى ئۈستىگە ئالغان.

«ئەن گۈيخۇەي كۆرگەزمە زالىنى بەرپا قىلىشتا، ئېكسكۇرسىيەگە، ئۆگىنىشكە كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆكتوقاي روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلدۇق» دېدى كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ دەن. بۇ كۆرگەزمە زالى «ئۇرۇش ئوتى يالقۇنجىغان يىللار، جەڭ مەيدانىغا قايتا ئاتلىنىش، خەلققە سادىق بولۇش، پاك - دۇرۇس بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت قىسىم ئارقىلىق ئەن گۈيخۇەينىڭ پارتىيە ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ھاياتىنى بايان قىلغان.

كىچىكىدىن كۆكتوقاي بازىرىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان خالىدە مۇسابېك بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى گۇرۇھى ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلەپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىمەن، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەرىكىتىمدە كۆكتوقايدىكى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد قۇرغۇچىلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىمەن ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىمەن» دېدى خالىدە.

2017 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىگە رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلدى. كادىرلار شۆيۈەنى 3 - نومۇرلۇق كان ياتمىسى، يەر ئاستى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق قىزىل تارىخىي ئىزلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، نەق مەيدان ئوقۇتۇشى، كۆرۈنۈش ئوقۇتۇشى، ئەمەلىي مىسال ئوقۇتۇشى، قىزىل ناخشا ئوقۇتۇشى، شېئىر ئوقۇتۇشى، ئەمەلىي كۆرۈنۈش ئوقۇتۇشى قاتارلىق ئون خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد قۇرغۇچىلارنىڭ ۋەتەننى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، پۇختا، ئىشلەشنى خالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان يۈكسەك مەنزىلىنى نامايان قىلىپ، ئۇنى تۆھپە ئىزنالىرىنى ئىزدەيدىغان، ئېتىقاد كۈچىنى قوبۇل قىلىدىغان ئەڭ بىۋاسىتە تەربىيە بازىسىغا ۋە روھقا ۋارىسلىق قىلىش ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنى پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەرقايسى تارماق (ئورۇن)، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى. «شۆيۈەنىمىز يەنە 3 - نومۇرلۇق كان ياتمىسى، يەر ئاستى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، گېئولوگىيە كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق قىزىل تارىخىي ئىزلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىيەت نۇقتىسى قىلدى. نۆۋەتتە، بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەربىيەلىنىش، ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشنى ئالدىن زاكاز قىلغان سىنىپ قېتىم سانى 200 دىن ئاشتى» دېدى ۋاڭ دەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.