تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ۋە ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) 2021 - يىللىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ۋە ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى يىفېي رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ يۇڭ قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردىكى كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش - چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشنى نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. قەتئىي، كەسكىن تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئىرادە كۈچى، چىدامچانلىق كۈچى، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، سادىقلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، پائال تۈردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

بىرىنچىدىن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە تىكلەپ، باتۇرلۇق بىلەن جاپا - مۇشەققەتنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقنى زىممىگە ئېلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، خەۋپ - خەتەرنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىقنى شەرھلەش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، قايتا - قايتا ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ئۆگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن مەنىۋى مەنزىلنى ئۈزلۈكسىز قوغلىشىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىۋى لۇشيەننى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، مۇھىم، زور ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىم پارتىيە نەزەرىيەسىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا سېلىشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەنقىد قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مەقسىتىگە يېتىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر باتۇرلاردىن بولۇش كېرەك. كۈرەش قىلىش ئارقىلىق چېنىقىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق تاۋلىنىشنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، يۈكسىلىپ، مۇرەككەپ، كەسكىن كۈرەش داۋامىدا بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، جاھان ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، بەلنى رۇسلاپ، كۈرەش قىلىشتىكى ھەقىقىي قابىلىيەت ۋە ھەقىقىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، داۋاملاشتۇرۇپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان كۈرەش قىلىش ئىزىنى قالدۇرۇش كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ كونكرېت تەدبىرگە ئايلاندۇرۇش، كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك؛ ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تېجەشلىك، ئاددىي - ساددا بولۇش، ھەشەمەتچىلىكتىن قاتتىق ساقلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىقتىسادچىللىق بىلەن كەسىپنى گۈللەندۈرۈش كېرەك؛ قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى سىن يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.