تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىپ تىيانشاننى يورۇتتى

8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى

ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىپ تىيانشاننى يورۇتتى

8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تارتىلغان). (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى)

[ئىستون سۆزى]

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قاينام - تاشقىنلىق 100 يىللىق مۇساپىسىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا نۇرغۇن ئۆچمەس قىزىل ئىزنالار قالدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ جايلار ھەر دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىلىرىغا، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىغا ئايلاندى.

بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىسىدا «قىزىل بازىلارغا زىيارەت» ئىستونىنى ئاچتى، بىز ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىرلىكتە قىزىل بازىلارنى زىيارەت قىلىپ، تارىخىي نەق مەيدانلارنى ياد ئېتىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەسلەيمىز. بىز قىزىل گېننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن شانلىق ئىزىغا ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ، ئېتىقاد يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسىنى بىرلىكتە ياڭرىتايلى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 392 - نومۇرلۇق قورۇدا جۇڭگو - رۇسىيە ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرۈلگەن توپا - ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. كۆك خىش پېشايۋاننى بېسىپ ئوتتۇرىغىچە قوپۇرۇلغان، قېنىق قىزىل رەڭلىك ئىشىك - دېرىزىلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، يىللار ئىزنالىرى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ جىمجىت تۇراتتى. 1937 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە، بۇ جاي 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئىدى.

ئاستىنقى قەۋەتتىكى كارىدوردىن كىچىك بىناغا كىرگەندە، ئالدى تەرەپتە خاتىرە زالى بار. خاتىرە زالىنىڭ دەل ئوتتۇرىدا 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ سىن ماتېرىيالىنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىدىغان LED ئېكرانى بار بولۇپ، ئىككى تەرىپىدە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە بالىلارنىڭ ھەيكىلى بار. خاتىرە زالىنىڭ سول تەرىپىگە چېن تەنچيۇ، دېڭ فا قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار ھايات ۋاقتىدا ئىشلەتكەن كىيىم - كېچەك، يۇڭ ئەدىيال، قۇلاقچا ۋە كىتابلار تىزىپ قويۇلغان، ئوڭ تەرىپىدە چېن يۈن، تېڭ دەييۈەن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇدىن ئىبارەت 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ تۆت مۇدىرىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى قىسقىچە تەرجىمىھالى بار.

قىزىل رەڭلىك ياغاچ پەلەمپەي بىلەن خاتىرە سارىيىنىڭ 2 - قەۋىتىگە چىققاندا، بىنانىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىدىكى ئۆي ئىلگىرى پارتىيە ۋەكىلى چېن تەنچيۇنىڭ ئىشخانىسى ئىدى. ئىشىكنى ئاچقاندا، قۇياش نۇرىنىڭ ئۆيگە چۈشۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۈستەل، ئۈستەل چىرىغى، تېلېفون، كىيىم ئاسقۇچ... ئاددىي - ساددا سەرەمجانلاشتۇرۇش بۇرۇنقىدەكلا ئىدى.

«8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىدا 1937 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە چېن يۈن، دېڭ فا، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە تۈرمىدە تىز پۈكمەي كۈرەش قىلغانلىقىدەك تارىخىي قىياپەت قايتا نامايان قىلىنغان، بۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخقا گۇۋاھ» دېدى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تارىخ تەتقىقات يۇرتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى مەي يۈخۇا.

قارىغاي - ئارچىلار دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ، قەھرىمانلار مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھى چەكسىز باھار يامغۇرىغا ئايلىنىپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئايىغى ئۈزۈلمەي بۇ يەرگە كېلىپ، ئاشۇ مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان ئەسلىي مەقسەتنى ھېس قىلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بىر خىل روھنى ئەسلىدى.

«نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد، ياشانغانلارنى يۆلەپ، بالىلارنى يېتىلەپ بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قىزىل بازا ئارقىلىق ھازىرقى زامان كىشىلىرىنى تەربىيەلىدى، بارغانسېرى كۆپ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يەرگە كېلىپ پىدائىي بولدى. 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان ھەسەن ئابدۇللانىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوغلى بۇ يەرگە يەتتە - سەككىز قېتىم ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن، يەنە ئېكسكۇرسىيە خاتىرىسىگە مۇنداق يازغان: «ئىلگىرىكى شىنجاڭ نېمىدېگەن نامرات، ئەجدادلار قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن يېڭى جۇڭگونى بەرپا قىلغان، بىز ھازىرقى زامان كىشىلىرى چوقۇم پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ باتۇر، قورقماس، شەخسىيەتسىز، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تىنچ يىللاردىكى بەختلىك تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك».

خاتىرە سارىيىنىڭ «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» چۈشەندۈرگۈچىسى مەتبەر مەمەت تاماشىبىنلارغا مۇنداق بىر بۆلەك تارىخنى سۆزلەپ بېرىشنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ: «ھەربىر قېتىم سۆزلىگەندە، مەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە بىردەك ئاتلىنىشتەك كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ھېس قىلالايمەن، شۇنداقلا ئاشۇ كوممۇنىستلارغا تېخىمۇ ئاپىرىن ئوقۇيمەن. تارىخنىڭ بىزگە ئۇقتۇرغىنىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاش كېرەك، تارىخنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگىنىگە تېخىمۇ ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئويلىنىش كېرەك».

مۇخبىر مەتبەرنىڭ يېتەكلىشىدە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى كونا جايىنىڭ يېنىغا يېڭىدىن سېلىنغان خاتىرە سارايغا كىردى. يېڭى خاتىرە سارىيىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 7881 كىۋادرات مېتىر، تەكشى يۈزى «山» خېتى شەكلىدە كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئىنقىلاب ئىشلىرىنىڭ ئالىيجاناب، ئۇلۇغلۇقىغا سىمۋول قىلىنغان. ئۈستۈنكى قىسمى غايەت زور قىزىل بەش يۇلتۇز شەكلىدە بولۇپ، كونا جايدىكى قىزىل ئۆگزە بىلەن ئۆزئارا ماسلاشقان، بۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىنىدىغانلىقنىڭ سىمۋولى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېي (شەھەرلىك ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە ئورۇنلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزى) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇزېي باشلىقى تۇرسۇن قىزىربېك تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ يېڭى سارىيىدا كۆرگەزمە قىلىش، قوغداش، تەتقىق قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، تاماشىبىنلارغا قىزىل مەدەنىيەتنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە چوڭقۇر ئاساسىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ، نۆۋەتتە قۇرۇلۇش تاماملاندى، كۆرگەزمە ئورۇنلاشتۇرۇش تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل 5 - ئايدا ئېچىلىدۇ.

بىر كونا جاي، بىر يېڭى خاتىرە ساراي، 80 - 70 يىلنى ھالقىپ ئۆتكەن زامان ۋە ماكان، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا پۈتكەن تىللاردا داستان بولغۇدەك سەلتەنەتلىك داستانىنى ئورتاق شەرھلىمەكتە، خۇددى كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار بىرى پاتسا بىرى چىققىنىدەك، كېيىنكىلەرنى تەلپۈنۈشكە، ئەگىشىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

«پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش.» بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدا چاقناپ تۇرغان بۇ بىر بۆلەك تارىخ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىققا ئايلاندى، يېڭى مەزگىلدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، كۈرەش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ جاھان مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، ئەجدادلارنىڭ قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغانلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە.

[ئېكسكۇرسىيە كۆرسەتمىسى]

8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى 1937 - يىلىدىن 1942 - يىلىغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان ئىش بېجىرىش ئورگىنى تۇرۇشلۇق جاي ئىدى. خاتىرە سارىيىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 503.6 كىۋادرات مېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 1100 كىۋادرات مېتىر. جەمئىي 12 ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، 1 - قەۋەتتە بەش ئېغىز، 2 - قەۋەتتە يەتتە ئېغىز ئۆي بار. 1 - قەۋەت، 2 - قەۋەتتە ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە زالى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، سارايدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 4000ى بار، بۇنىڭ ئىچىدە 16سى دۆلەتلىك 1 - دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 1962 - يىلى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ كونا جايى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، «ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى» دەپ نام بېرىلگەن، 1965 - يىلى 10 - ئايدا نامى «8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى»غا ئۆزگەرتىلگەن. نۆۋەتتە، بۇ كونا جاي پۈتۈن مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى ۋە مەملىكەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى. 2004 - يىلى 12 - ئايدا، 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق توققۇز مىنىستىرلىق، كومىتېت تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە 100 قىزىل ساياھەت نادىر مەنزىرە رايونى(نۇقتىسى)نى نۇقتىلىق قۇرۇش پىلانى»نىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيىنىڭ يېڭى سارىيىنىڭ بۇ يىل 5 - ئايدا ئېچىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.