تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، پەرىزات ئابدۇل

خوتەن شەھىرى ئىلچى ئۇنىۋېرسال يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا، دېھقانلار سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان قىزىلگۈللەرنى دەرىجىگە ئايرىماقتا (2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تارتىلغان). (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى)

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىش قانچىلىك زور؟ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىر ليۇ يۇڭفۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئىلگىرىكى تارىختىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەرگە تەڭ كېلەلەيدۇ. ئىلگىرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئىزچىل ساپ يېزا ئىگىلىك رايونى ئىدى، ھازىر زامانىۋى سانائەت بار بولدى. پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىش ئىنتايىن زور بولدى.

چوڭقۇر مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق سىڭدۈرۈلگەن، ئىتتىپاقلىق ۋە تەر بىلەن پۈتۈلگەن «جەنۇبىي شىنجاڭ جاۋاب قەغىزى»نى ئاچقىنىمىزدا، كۆرگىنىمىز پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا مول مېۋە بەرگەنلىكى بولدى؛ ئاڭلىغىنىمىز يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ جاراڭلىق مېلودىيەسىنى ئورۇنلىغانلىقى بولدى؛ ھېس قىلغىنىمىز ئۇزاق يىللىق نامراتلىق بىلەن خوشلاشقان تۈركۈملىگەن ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بولدى.

ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ھەرىكەتكە كەلگەن سانائەت «باشلامچىلىرى»

جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەتىياز بالدۇر كەلگەچكە، ئىشنى باشلاش، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەل ۋاقتىدا بولدى. تېخى باھار تۈسىنى ئالمىغان پارچە - پارچە بوستانلىقلاردا، زاۋۇتلاردا ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئايلىنىۋاتقان ئاۋازى، قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتماقتا ئىدى.

3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسى(تەرەققىيات رايونى)دە، 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدىغان «ئاقسۇ يېنىك سانائەت بەش خىل مېتال شەھەرچىسى» تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى. بۇ تۈرنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، يىللىق سودا سوممىسى 500 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، 1000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

سانائەتنى باشلامچى قىلغان كەسىپلەر تەرەققىياتى ئېنىقكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

2019 - يىلى 5 - ئايدا، قەشقەر جاۋخۇا ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە تۇنجى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلەپچىقىرىلدى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن شېڭجىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش، شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۆتكەشتەك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئاقساراي يېزىسى ئۇزۇنئېرىق كەنتىگە بارغاندا، شېرىن ھىد دىماققا ئۇرۇلىدۇ. شېكەر قىيامى زاۋۇتى، كەمپۈت زاۋۇتى، پېچىنە - پىرەنىك زاۋۇتى قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش زاۋۇتلىرى كەنتتىكى «شېرىن كەسىپ»نى بەرپا قىلغانىدى.

ئۇزۇنئېرىق كەنتىدىكى بارلىق ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنى شېرىن ھېسلارغا تولدۇرغىنى شۇكى، 2018 - يىلى كەنتتە سوقماق ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت قۇرۇلغاندىن باشلاپ، ياشلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى، تاپىدىغان پۇلى بار بولدى. ھازىر، كەنتتە 16 زاۋۇت، 28 يەككە سودا - سانائەتچى بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىپ، 260تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىدىن ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ئورازئالى قاشقارباي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇزۇنئېرىق كەنتىدە كىشى بېشىغا ئاران يېرىم مو يەر توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. 2017 - يىلى، پۈتۈن كەنتنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى «نۆل»، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى «نۆل» بولغانىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن سانائەت بولمىسا بولمايتتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نۇرغۇن كەنت ئۇزۇنئېرىق كەنتىگە ئوخشاش نوقۇل دېھقانچىلىق كەنتىگە تەۋە. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، زامانىۋى سانائەت بۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، نامراتلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يولىنى ئاچتى. بەزى نامرات ناھىيەلەردە «ناھىيەدە كەسىپلەر باغچە رايونى بولۇش، يېزىلاردا نامراتلارنى يۆلەش سېخى بولۇش، كەنتلەردە كەنت قۇرغان زاۋۇت بولۇش، ئائىلىلەردە كىچىك ھۈنەرخانا بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسى شەكىللىنىپ، 10 مىڭدەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

گۇما ناھىيەسى رەقەملىك ئىقتىساد كەسىپلەر باغچە رايونىدا، قىزغىن رىياسەتچى مال تونۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى؛ شېنجېن - قەشقەر زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، يېڭى «ھاياتلىق» بارلىققا كەلمەكتە ئىدى... تۇرمۇشنى، قىياپەتنى ئۆزگەرتىدىغان بىر خىل قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ جەنۇبىي شىنجاڭنى ئويغىتىپ، بۇ قەدىمىي تۇپراقنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

دۆلەتنىڭ كەسىپلەر سىياسىتى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، رايون ئەھۋالى ئەمەلىيىتى ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. زامانىۋى سانائەت «باشلامچىلىرى» ھەرىكەتكە كېلىپ، نوقۇل ھالدىكى كەسىپلەر تەرەققىيات يولىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1 - ، 2 - ، 3 - كەسىپنىڭ تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالدى.

چىن ھېسسىيات بىلەن ياردەم بېرىپ - يۆلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا بارغان قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بەك تېز بولغانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا كەنتتىكى خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست − قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ھەم قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مەملىكەت بويىچە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى. شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي كۈچ سەرپ قىلىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىن تارىم دەرياسى بويىغىچە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىن تۇرپان ئويمانلىقىغىچە، خوتەن - قاراقاش - لوپ بوستانلىقىدىن ئالتاي يايلىقىغىچە؛ ئورگان، ئىدارىلەردىن ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا - كەنتلەرگىچە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوماندانلىق ئىشتابلىرىدىن شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغىچە، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىدىن مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرىغىچە... مىليونلىغان «نامراتلارنى يۆلىگۈچى»لەر پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

2016 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى تۈرىدە ئېغىر نامرات ناھىيەلەر، نامرات كەنتلەر، نامرات ئاممىغا مايىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇلدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇقنى يولغا قويدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشتىكى ئۈنۈملۈك يول قىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارغا قارىتا دائىملىق سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، شەندۇڭ رۇيى، چىڭداۋ جىفا، زىبو چىخۇا كىيىم تىككۈچىلىكى قاتارلىق ماكانلاشقان كارخانىلارنىڭ سىجىل تۈر تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بەردى، زوۋ چېڭ گوشېڭ كىيىم - كېچەك پىششىقلاش، جىنشېڭ توقۇمىچىلىقى، سېنما كىيىم - كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى، شەندۇڭ شۇيفا، دۇڭيىڭ لەنگۇاڭ ئېلېكتىرونى قاتارلىق تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ ماكانلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈردى، زوۋ چېڭ گوشېڭ كىيىم - كېچەك پىششىقلاش تۈرىلا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 1500دىن ئارتۇق نامرات نوپۇسنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى

خەلقنىڭ ئېھتىياجى ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى.

جەنۇبىي شىنجاڭدا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، قىياپىتى يېڭىلاندى، روھى كۆتۈرەڭگۈ بولدى. قاراڭ −

قاتار - قاتار ئەمىن ئۆيلەر پاكىز ۋە يورۇق بولۇپ، ھويلىلاردا تۇرمۇش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقتىن ئىبارەت «ئۈچ رايون» ئايرىلدى، ئۆيلەرگە سۇ، توك، پار تولۇق سەپلەندى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ نامرات ئاممىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈردى، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 584 مىڭ 900 نامرات ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

ھەربىر نامراتلارنى يۆلەش سېخىدا ئىشلەپچىقىرىش جانلاندى، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغان پۇقرالار كەلگۈسىگە ئۈمىدۋار بولماقتا. ئاپتونوم رايون دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىدىن 227 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويدى.

ئاشۇ قاتار - قاتار يېزا - كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى، يورۇق سىنىپلارغا زامانىۋى ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى تولۇق سەپلەندى؛ سولياۋ ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن تەنتەربىيە مەيدانىدا بالىلار چېپىشىپ قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى.

چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسى توپا ئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇردىنىياز زاكىرنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، ھويلىنىڭ شەرقىي بېشىدىكى يېڭى ئۆي پۈتكەن بولۇپ، ھويلىنىڭ جەنۇبىدىكى باقمىچىلىق رايونىدا 30 نەچچە كالا يەم يەۋاتاتتى، باش باھارنىڭ قۇياش نۇرى پۈتۈن ھويلىنى ئىللىتقانىدى، تېخىمۇ ئىللىق بولغىنى ئۇنىڭ تەبەسسۇمى ئىدى، «ئىلگىرى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىرنەچچە مو ئۈنۈمسىز يەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. 2017 - يىلى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن، مەن ئاز سوممىلىق نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلىغا تۆت موزاي سېتىۋالدىم، تۇنجى يىلى 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تاپتىم. ھازىر ئۆيىمىزدە 30 نەچچە كالا بار، مۆلچەرىمچە، بۇ كالىلارنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 500 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا».

«ئىلگىرى بالام كىچىك بولغاچقا سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمىگەنىدىم، ھازىر ياخشى بولدى، كەنتتە ئىشچى بولدۇم، يەنە تېخنىكا ئۆگىنىۋالدىم.» ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسىدىكى بىر ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ھۆرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى نۇرغۇن ئاممىنىڭ قەلبىدىكى بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى، روھىي قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، پۇقرالارنىڭ «ھەميېنى» بارغانسېرى تومپايدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كەيپىياتى بارغانسېرى ئازادە بولدى، چېھرىدە بارغانسېرى كۈلكە جىلۋىلەندى.

قاتار - قاتار كەتكەن «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»، يورۇق يول چىراغلىرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئوپتىك تالالار يېزا - كەنتلەرگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، خەلق قەلبىنى يورۇتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشقا تۇتىشىدىغان يوللىرى ئېچىلدى.

چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىدىغان بولدى، چىرايلىق گىرىم قىلىدىغان بولدى، كىتاب ئوقۇغان جاراڭلىق ئاۋازلار ياڭراپ تۇردى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار ھەرىكەتكە كەلدى، تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا بېرىش - كېلىش كۆپەيدى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، شادىمان ناخشا - ئۇسسۇللار ئەۋجگە چىقتى. جەنۇبىي شىنجاڭ ئۆزگەردى، ئۆزگىرىش يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە نامايان بولدى، ئۆزگىرىش كىشىلەرنىڭ تەبەسسۇمىدا نامايان بولدى، ئۆزگىرىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا نامايان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.