تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى

96 ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرى قوللاشقا ئېرىشتى

ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئائىلىنى ئاساس قىلىش، مەھەللىنى تايانچ قىلىش، ئاپپاراتنى تولۇقلىما قىلىش، داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، سىياسەت، تەدبىرلەرنى پائال مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ياشانغانلارنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 96 ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى قوللىدى.

داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى سىياسەت كاپالىتى ۋە تەرەققىيات تىرىكىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى، ياشانغانلار ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش چارىسىنى بېسىپ تارقاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، «داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش»كە پائال تۈرتكە بولۇپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەتنىڭ قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدە جەمئىي 470 مىليون يۈەن مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 96 ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى قوللىدى؛ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك مەخسۇس قەرز مەبلىغىدىن 550 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بەينياۋخۇ داۋالىنىش، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش مەركىزى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 7 - دوختۇرخانا جىنچيۇۋەن پاراۋانلىق باغچە رايونى داۋالىنىش، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش مەركىزى تۈر قۇرۇلۇشىنى قوللىدى.

جەمئىيەت كاپىتالىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى يەنىمۇ قوزغاش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭدىكى شەھەرلەر بىلەن كارخانىلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قوزغىتىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدە 10 مىليون 760 مىڭ يۈەن سېلىنمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سانجى خوۋدې ساغلاملىق - كۈتۈنۈش ماكانى ۋە سانجى شەھىرى دۇڭجىڭفۇلې پەرۋىش قىلىش ساناتورىيەسىنىڭ «داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش» قۇرۇلۇش تۈرىنى قوللاپ، «داۋالىنىش - كۈتۈنۈش» مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك كۆپەيتىپ، ياشانغانلار توپىنىڭ «داۋالىنىش - كۈتۈنۈش»كە بولغان مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى تەدرىجىي قاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.