تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى شەكلىدە يېڭىلىق ياراتتى

ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار مول قىزىل بايلىقنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى جانلىق دەرسلىككە ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ھېس قىلىش دەرىجىسى، جانلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىغا «ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈش» جەريانىدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلدۇردى.

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ چۇمپاق بازىرىدىكى قاسىم مەخمۇتنىڭ قىزىل كىتاب ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، دېھقان پارتىيە ئەزاسى توختى مۇسا «شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتى»نى ئەستايىدىل ئوقۇۋاتاتتى. «پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ياخشى ئۆگىنىشىمىز، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك» دېدى توختى.

بۇ يىل، بۈگۈر ناھىيەسى قىزىل تەربىيە ئەمەلىيىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، چۇمپاق بازىرى قاسىم مەخمۇت قىزىل كىتاب ئۆيى، ئالاساي كەنتى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت نۇقتىسى، نورچوققا كەنتى پارتىيە ئەزالىرى قىزىل تەربىيە كوچىسى ۋە ناھىيە، يېزا ئەدەبىيات - سەنئەت تەشۋىقات ئەترىتى قاتارلىقلارنى پۈتۈن ناھىيە بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى قىزىل تەربىيە ئەمەلىيىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قىزىل ئەمەلىيىتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزىل تەربىيەسىدىكى جانلىق بازىغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىللە، قىزىل تەربىيە ئەمەلىيىتى بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۈگۈر ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چې خېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل بىز يەنە ناھىيە، يېزا، كەنت، گۇرۇپپا تۆت دەرىجىنى قاپلىغان قىزىل تەربىيە ئەمەلىيىتى پونكىت - نۇقتىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل ئەنئەنىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرىمىز».

3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بوستان تېرەك يېزىسى دۆلەتبۇلاق كەنتىنىڭ كەنت تارىخى سارىيىدا تەڭنە، ياغاچ قاچا، كىرسىن چىراغ قاتارلىق كونا بۇيۇملار، ئاياللار رەخت توقۇۋاتقان رەسىم، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ كونا قىياپىتى قاتارلىق كونا سۈرەتلەر دۆلەتبۇلاق كەنتىدە پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.

شۇ كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنتتىكى 20 نەچچە پارتىيەلىك كادىرنى كەنت تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ كەنت پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇغۇچىلار، ئاممىنى كەنت تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، ئۇلارنى ھازىر بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئازاب - ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى ئەسلەپ، راھەت - پاراغەتنىڭ قەدرىگە يېتىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى چىڭىتىشقا يېتەكلىدى.

«كەنت تارىخى سارىيى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى كۆزلەش ئەسلىي مەقسىتىگە گۇۋاھ بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى» دېدى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى ياڭ خەيشيا.

3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، فۇكاڭ شەھىرى بوفېڭ خۇڭمېي خور ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بالدۇرلا «مىكرو ناخشىخانا»غا كېلىپ قىزىل ناخشىلارنى مەشىق قىلدى. «بۇ يىل پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، بىز قىزىل ناخشىلارنى ياڭرىتىپ، ھەربىر ئاھالىنىڭ قەلبىگىچە يەتكۈزىمىز» دېدى خور ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى جېڭ يوۋدى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، فۇكاڭ شەھىرى بوفېڭ كوچا باشقارمىسى مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش پونكىتىدىن پايدىلىنىپ، مىكرو پارتىيە دەرسى، مىكرو ناخشىخانا، مىكرو كىتابخانا، مىكرو كىنوخانىدىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك «مىكرو مۇلازىمەت»نى پائال قانات يايدۇرۇپ، «پارتىيەگە كىرىشتىكى ئەسلىي مەقسەت»نى سۆزلەش، «قىزىل كىنو» كۆرۈش، «ئىنقىلابىي ناخشا» ئېيتىش، «پارتىيە تارىخىغا ئائىت كىتابلار»نى ئوقۇش قاتارلىق كىشىلەر ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇردى.

3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسىدا، «جىنگاڭچۈەن» ناملىق كىنو قويۇلۇۋاتاتتى، فىلىمدە پىدائىي قىسىم جەڭچىلىرىنىڭ دۈشمەن بىلەن ئارمىيەمىز ئوتتۇرىسىدا كۈچ پەرقى زور بولغان ئەھۋالدا، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى ئارقىلىق قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشقانلىقىدەك قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى بايان قىلىنغان. مەھەللىدىكى پېنسىيەگە چىققان كادىر رەيھانگۈل ئوسمان مۇنداق دېدى: «كىنونى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەھەللە مۇلازىمىتى تەشۋىقات خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، مەھەللىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».

«پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلەش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش» كىنو پارتىيە دەرسى پائالىيىتى كۇچا شەھىرى قانات يايدۇرغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى، كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئالدىن پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» «جىنگاڭچۈەن» «قىزىل يۇلتۇز جۇڭگونى نۇرلاندۇردى» «جوۋ ئېنلەينىڭ يەنئەنگە قايتىشى» قاتارلىق دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى فىلىملىرىنى مەركەزلىك زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى يېزا (بازار)، كوچا باشقارمىسى، مەكتەپ، كارخانا، ئورگان، ئىدارە، پاراۋانلىق ئورنى، ھەربىي گازارمىدا سەييارە قويدى.

ھازىر، كۇچا شەھىرى 300 مەيداندىن كۆپرەك كىنو پارتىيە دەرسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تەربىيە ئالغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يەتتى.

(مۇخبىر شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ياڭ پېڭ، لىن خەي، لى جياجۈن، ۋاڭ لۇڭجياڭ، ياڭ بىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.