تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەۋلان قىلغان قىزىل بايراق 

چوڭ ئىشلار خاتىرىسى (3)

1938-يىلى

1- ئاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى دېڭ فانى پارتىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى.

كېڭەيتىپ ئوقۇش

دېڭ فا

خۇاڭ خوچىڭ

شۇ ئايدا شېڭ شىسەينىڭ ئىلتىماسى بىلەن، دېڭ فا «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىن خۇاڭ خوچىڭنى يۆتكەپ شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، قوشۇمچە سوت ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقۇرۇش باشقارمىسى مەشق سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى؛ ۋاڭ شياۋچۈەننى يۆتكەپ شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، قوشۇمچە جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش سىنىپىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى. خۇاڭ خوچىڭ شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، بۇ تەشكىلاتنى ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر تۈركۈم ئەزالىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، بۆلۈم، بۆلۈمچىلەرنىڭ رەھبەرلىكىگە تەيىنلىدى، شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى ۋە «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىكى يولداشلارنىڭ ھەممىسى جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىگە قاتناشتى. ئۇزاق ئۆتمەي، يەنە جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا پايدىلىق نۇرغۇن يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتى. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى بۇ تەشكىلاتنىڭ قانۇنلۇقلۇقىدىن پايدىلىنىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىپ، جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنى ھەقىقىي ئاممىۋى تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى.

2- ئاي شېڭ شىسەينىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»، يەنئەن ۋە يەنئەندىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ داۋالىنىۋاتقان كادىرلار ئىچىدىن ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق 100دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىرنى تاللاپ شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا يۆتكىدى. بۇنىڭ ئىچىدە «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىن بىر تۈركۈم كادىرلارنى ئاجرىتىپ، مەركىزىي تىرانسپورت كومىتېتى شىنجاڭ شۆبىسىنى تولۇقلاپ، يول ياساش، يول ئاسراشقا پائال تەشكىللەپ، خەلقئارانىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى تىرانسپورت قاتناش لىنىيەسىنىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

4 - ئاي ماۋ زېدۇڭ مائارىپ، مالىيە كادىرلىرىنى شىنجاڭغا تاللاپ ئەۋەتىش ئىشى توغرىسىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن يۈنگە: «بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا كۆڭۈل قويۇپ بېجىرىپ بېرىڭ ھەم ئۇنىڭغا بىر - بىرلەپ جاۋاب خەت يېزىڭ، مېنىڭچە پىرىنسىپ جەھەتتىن ئۇنىڭغا قوشۇلسىڭىز بولىدۇ»، «مالىيە ئىشلىرى بىرىنچى مۇھىم ئىش، ئۇ يەر ياخشى بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىدىمۇ بىزگە كۆپ ياردىمى بولىدۇ» دەپ كۆپ قېتىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

5- ئاي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ تەشكىللىشىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تەشۋىق قىلىنغان بىر قاتار تىياتىرلار دىخۇادا قويۇلدى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى ناخشىلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېيتىش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى ئويۇنلارنى كەڭ كۆلەمدە قويۇش قاتارلىق يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنى قوزغىدى.

لىن جىلۇ دىرامىغا رېژىسسورلۇق قىلغاندا ئىشلەتكەن سەھنە جابدۇقلىرى.

10- ئاي شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى خۇاڭ خوچىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە قىشلىق كىيىم - كېچەك توپلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۈچ كۈن پۇل ئىئانە قىلىش، ھال سوراش خېتى يېزىش، ئايروپىلان ئىئانە قىلىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بويىچە ئىئانە توپلاپ، ئالدىنقى سەپنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى ۋە سەپەرۋەر قىلدى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئىئانە قىلغان «شىنجاڭ» ناملىق ئۇرۇش ئايروپىلانى.

1939-يىلى

1- ئاي مالىيە نازارىتىنىڭ مۇۋەققەت نازىرى ماۋ زېمىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، بىر قاتار تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، مالىيە ئىسلاھ قىلىنىپ، شىنجاڭ مالىيەسىدىكى ئېغىر قىزىل رەقەم ئەھۋالى ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى.

ماۋ زېمىن شىنجاڭدا تارقاتقان يېڭى پۇل.

شۇ ئايدا يەنئەندىن شىنجاڭغا خىزمەت قىلىشقا كەلگەن كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىدىن لى زۇڭلىن، ۋاڭ شيەنتاڭ، ۋاڭ مو، لى خې، ما شۇ، چېن چىڭيۈەن قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىلدى. ئۇلار گېزىتخانىغا كەلگەندىن كېيىن، «شىنجاڭ گېزىتى»دە پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ، 8 - ئارمىيە، يېڭى 4 - ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ماركسىزم، لېنىنىزم ۋە ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىنى بېسىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ قىياپىتىنى يېپيېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.

شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا خىزمەت قىلغان كوممۇنىستلار

6- ئاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى چېن تەنچيۇنى پارتىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋە 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى.

9- ئاي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جوۋ ئېنلەي يەنئەندىن شىنجاڭ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا باردى. شىنجاڭدىكى مەزگىلدە «يېڭى ئەسكەرلەر يىڭى»دىكى كوماندىر - جەڭچىلەرنى يوقلىدى ھەم شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەش مەسىلىسى توغرىسىدا شېڭ شىسەي بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشتى.

1940-يىلى

1- ئايدىن 2- ئايغىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، ئاۋىياتسىيە، مال دوختۇرلۇقىنى ئۆگەنگەن كۇرسانتلار ۋە بىر قىسىم كادىرلار قېپقالغاندىن باشقا، يېڭى ئەسكەرلەر يىڭىدىكى 360 نەپەر كوماندىر - جەڭچى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ شىنجاڭدىن ئايرىلىپ يەنئەنگە قايتتى.

2- ئاي جوۋ ئېنلەي، رېن بىشى قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن شىنجاڭ ئارقىلىق يەنئەنگە قايتتى. شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، جوۋ ئېنلەي پارتىيەنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىۋاتقان يولداشلىرىنى قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىكتىن پارتىيەنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

جوۋ ئېنلەي (ئوڭدا)، دېڭ فا (سولدا) بالىلار بىلەن 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەمىنلىگەن

ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن خۇڭيى رەتلىگەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.