تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۇسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن لېكسىيە دوكلاتى بەردى.

چۈ چىڭشەن دوكلاتىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى سىستېمىلىق يىغىنچاقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر شەرھلەپ بايان قىلدى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تارىخىي قانۇنىيەتنى تونۇش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى توغرىسىدا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك تۆھپىسى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتا قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ چۈشەندۈرۈش بەردى ھەم پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن سىستېمىلىق يېشىپ چۈشەندۈردى.

دوكلات چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، مول مەزمۇنلۇق بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تىرىشىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ھەقىقىي تۈردە ئورتاق تونۇشقا ۋە قەتئىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز.

بېيجىڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىكى كادىرلار، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ، جەمئىي 700دىن ئارتۇق كىشى دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى بېيجىڭدا تۇنجى مەيدان لېكسىيە دوكلاتى يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، يېقىندا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.