مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى
«پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «<پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل> خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 2021 - يىلى تۇنجى قېتىم «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىشنى قارار قىلدى. بۇ خىزمەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرەپ تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشتە، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىجىل كۈرەش قىلىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئۇقتۇرۇش»تا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تۇنجى قېتىم تارقىتىلىدىغان ئوبيېكتلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى 2021 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە پارتىيە ئىستاژى 50 يىلغا يەتكەن، ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغان ھايات پارتىيە ئەزالىرىغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستاتىستىكا قىلىش، تەشكىللەپ تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن خاتىرە ئىزنىكىنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
«پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغاندىن كېيىن، بىر تۈرلۈك دائىملىق خىزمەت سۈپىتىدە، ئادەتتە ھەر يىلى «1 - ئىيۇل»دا بىر قېتىم مەركەزلىك تارقىتىلىدۇ. يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى «<پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل> خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش، باشقۇرۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىش تەرتىپى، تارقىتىش شەكلى، ياساش، باشقۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقاردى.