تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى يېتەرلىك بولدى گۈللەندۈرۈش يېڭى خەرىتىسى سىزىپ چىقىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقتى.

3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن تەرەققىي قىلالايدىغان بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سالمىقى زور، كۆلىمى كەڭ، تەسىرى چوڭقۇر بولۇپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن. 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە دەل جايىدا كۈچەپ، ئۇدا جەڭ قىلىپ ئۇدا غەلىبە قىلدى. 2020 - يىلى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىندى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، شىنجاڭنىڭ مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلدى

«ئېرىم بىلەن ھويلىمىزدا كىچىك پارنىك تېرىقچىلىقى قىلدۇق، بىر يىلدا كۆكتات سېتىپ 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىمىز، ئىشىك ئالدىمىزدا يېڭىدىن كىچىك باغچە قۇرۇلدى، بىز يەنە كىچىك ئاشخانا ئېچىۋالدۇق، كۈنىگە 100 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىۋاتىمىز.» 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، خوتەن شەھىرىنىڭ گۇجانباغ يېزىسى رۇك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى پاتەم مەمەت خۇشال ھالدا زىيارەت قىلىپ كىرگەن كەنت كادىرلىرىغا كىرىمىنى ھېسابلاپ بەرگەندە چىرايىدىن خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

رۇك كەنتىدە پاتەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 27 ئائىلە كۆزىتىپ ئۆلچىنىدىغان ئائىلە قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. «ئائىلە كىرىم ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچىگەندىن كېيىن، بىز يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسلارنىڭ بىرىنىڭمۇ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسى رۇك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى دا.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە يېڭى نامراتلىق يۈزبېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىغا تايىنىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆزىتىپ ئۆلچەش بويىچە ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا بايقاش، ۋاقتىدا ئالدىن سىگنال بېرىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

يەكەن ناھىيەسى ئىشقۇل يېزىسى بەخت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خاسىيەت تۇراپ ئىلگىرى پەقەت يەر تېرىشقىلا تايىنىپ كىرىم قىلاتتى، يىللىق كىشى بېشى كىرىمى 5000 يۈەنگە يەتمەيتتى، گەرچە «نامراتلىق قالپىقى»نى ئېلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ - خەتىرى مەۋجۇت ئىدى.

خاسىيەتنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا، يەكەن ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر ھەم باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىرىمى تۇيۇقسىز ئازىيىپ كەتكەن ياكى چىقىمى تۇيۇقسىز ئېشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، قاراتمىلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قوللاندى.

«مەن ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولدۇم، مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشقا مەسئۇل، ھازىر ئائىلەمدىكىلەرنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ھەسسىلەپ تىرىشىپ، باغ - ئورمان پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تۇرمۇشۇمنى ياخشى ئۆتكۈزىمەن.» بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشى توغرىسىدا توختالغاندا خاسىيەت ئىشەنچكە تولدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلدى

نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى، لېكىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى «كۈچ ئۇلاش تايىقى»نى تارىخىي ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ياخشى ئىشلەشتە ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل، ئېغىر.

3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سەھەردە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسى جۈنگۇ كەسىپلەر باغچىسى ئوراش - قاچىلاش سېخىغا كىرگىنىمدە، خىزمەتچى زۆھرە ئەبەيدۇللا ئىشچىلار بىلەن جۈنگۇ قاچىلاۋاتاتتى.

زۆھرە لاڭرۇ يېزىسى لاڭرۇ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ كىرىمى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. بۇلتۇر كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» بويىچە دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇ لاڭرۇ يېزىسىغا جايلاشقان كوئېنلۇن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ جۈنگۇ كەسىپلەر باغچىسىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدىغان بولدى. «زاۋۇت ئۆيۈمگە يېقىن، ئۆزۈمنىڭ پۇل تاپالايدىغانلىقىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم. مەن ھازىر ئۆيدىكىلەردىن پۇل سورىمىساممۇ بولىدۇ، يەنە ئاتا - ئانامغا پۇل بېرەلەيمەن، ئۇلار بەك خۇشال بولدى» دېدى زۆھرە خۇشال ھالدا.

مۇقىم كىرىم، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتقان كەسىپلەرنى مەنبە قىلىدۇ. خوتەن ناھىيەسى «10، 100، 1000، 10 مىڭ، 100 مىليون» كەسىپ يىرىك پىلانى بويىچە، توشقان، توخۇ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق كەسىپلەرنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇردى، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىسىگە تايىنىپ، كەسىپ ئارقىلىق بېيىشقا يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنى مىسالغا ئالساق، نۆۋەتتە كوئېنلۇن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۈنىگە 60 مىڭ خالتا ئۆلچەملەشكەن، كۆلەملەشكەن يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، 200دىن ئارتۇق ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىسىنىڭ يېڭى غول كەنتىدىكى مىنشىن باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھاۋالىلىك بېقىش ئەندىزىسى بىلەن كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، 27 نامرات ئائىلە پاي قوشۇپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + كەنت ئىككى كومىتېتى + نامرات ئائىلە» مەشغۇلات ئەندىزىسى ئارقىلىق كالا - قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى. نۇرغۇن دېھقانلار كالا - قويلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قوشسا، ھەر يىلى پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە كوپىراتىپتا ئىشلەپ مائاش ئالالايدۇ.

كەسىپلەر گۈللەنسە، يېزا - كەنتلەر گۈللىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز خاس كەسىپلەرنى يۈكسەلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنت ساياھىتى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت باشقۇرۇشىدىكى زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەش سېخىدىن 2109نى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاشۇرۇلدى

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، نامراتلارنى يۆلەشتە جەزمەن ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. 35 نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىمتىھان قەغىزىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش جەريانىدا، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يېتەرلىك بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا باشتىن - ئاخىر ئەھمىيەت بەردى.

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىدىكى ئۆرۈك ماكانى نانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ناۋاي ئۇستام غۇلام مۇتەللىپ ئەنئەنىۋى چېپىت (نېپىز نان)نى كۆڭۈل قويۇپ يېقىۋاتاتتى. «بىر جۈپ قولۇمغا تايىنىپ، ئائىلەمنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمىنى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردۇم. ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، يېڭى ئۆي سالدىم، ھازىر تۇرمۇشىمىز بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدى، مەن يەنە تىرىشىپ، پۇل يىغىپ ناھىيە بازىرىدىن بىر يۈرۈش بىنا ئۆي سېتىۋالىمەن، بالامنى ئىچكىرى رايونغا ئوقۇشقا ئەۋەتىمەن» دېدى ئۇ.

يۇرچى يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چىشيەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا كەسىپكاردىن 132 كىشى، نان سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن 73 كىشى بار، ناۋاي ئۇستىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرگەندىن كېيىن، ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 5000 يۈەن بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، كەڭ دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاكتىپلىقى قوزغىتىلدى، نامرات ئائىلىلەر «مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر»دىن «مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن»گە ئۆزگەردى، مانا بۇ ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشتۇر.

نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇقىم قىلىش، كەسىپ ئارقىلىق كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قاراقاش ناھىيەسى «تىزىملىك شەكلى»دىكى تەربىيەلەش، نىشانلىق تەربىيەلەش، ئەمەلىي مەشغۇلات بويىچە تەربىيەلەش، ئىش ئارقىلىق تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمگەكچىلەرگە قارىتا مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى چۈشىنىدىغانلار، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش باشلامچىلىرى، مەدەنىي كەيپىياتنى تارقاتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى. 2020 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، پۈتۈن ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 22 مىڭ نامرات ئائىلە كەسىپ ۋە تۈرنىڭ تۈرتكىسىدە كىرىمىنى ئاشۇردى.

بىرەر تېخنىكا ئۆگىنىپ، بېيىش يولىنى كېڭەيتىش. خوتەن ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى «ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش ۋە كارخانىلار ئەمەلىي تەربىيەلەش» پىكىر يولىنى چۆرىدەپ، يېمەك - ئىچمەك، تىككۈچىلىك، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى، توكچىلىق، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق 27 كەسىپ تەسىس قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، زامانىۋى ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.