تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا بوھتان چاپلاشقا يول قويمايمىز

تۇرپان شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەنۋەر غوجەخمەت

پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىدە پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلاپ، يالغان سۆزلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان ئەخلاقسىز ماھىيىتى ۋە «ئاخىرقى كۈنىدىكى غالجىرلىق»ىنى تەلتۆكۈس ئاشكارىلىدى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەلىشىدە، مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تيەنجىن شەھەرلىك باشقۇرۇش كادىرلىرى شۆيۈەنى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى سىرتتىن ئوقۇتۇش شۆيۈەنى، داليەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىدە ئوقۇدۇم. ئائىلەمدە يەتتە جان بار، خوتۇنۇم پېنسىيەگە چىقتى، ھەر ئايدا پېنسىيە پۇلى ئالىدۇ؛ ئىككى قىزىم ۋە بىر كۈيۈ ئوغلۇم ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان، مۇقىم خىزمىتى بار، كىرىمى كاپالەتكە ئىگە. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز. بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى شىنجاڭدىكى مىليونلىغان بەختلىك ئائىلىنىڭ ئىخچام كارتىنىسىدۇر. ھازىر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدەك پاكىتقا بوھتان چاپلاشقا يول قويمايمىز. پومپېئو توقۇغان ئۇچىغا چىققان يالغانچىلىق پەقەت ئۇنىڭ ناچار پەزىلىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشتەك رەزىل غەرىزىنىلا دەلىللەيدۇ. ھەرقانداق تۆھمەت شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش مۇساپىسىنى توسۇيالمايدۇ، ھەرقانداق يالغان - ياۋىداق سۆز جۇڭگوغا قارا چاپلىيالمايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.