تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شامال بىلەن يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلىدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولدى

قومۇل:

شامال بىلەن يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلىدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېتەرلىك بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن شىڭ باۋيۈ

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى شەھەر رايونىدىن 70 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ قومۇل يەندۇن شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، پارچە - پارچە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەلىك قۇياش ئېنېرگىيەسى نۇر تاختىلىرى قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇراتتى، شامال چاقپەلەكلەر مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، شامالغا ئەگىشىپ ئايلىنىۋاتاتتى.

بۇ، قومۇلدىكى نۆۋەتتە قۇرۇلۇپ بولغان ئەڭ چوڭ شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 300مىڭ كىلوۋات سائەت، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 200مىڭ كىلوۋات سائەت، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 100 مىڭ كىلوۋات سائەت، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى شامال ئېلېكتىرى ئارقىلىق تەخمىنەن 350 مىليون كىلوۋات سائەت توك چىقىرالايدۇ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق تەخمىنەن 150 مىليون كىلوۋات سائەت توك چىقىرالايدۇ.

شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل يەندۇن شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى مەركەزلەشتۈرۈش - كونترول قىلىش بىناسىنىڭ مەركىزىي كونترولخانىسىغا كىرگىنىمىزدە، ھەرقايسى ئېكرانلاردا شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، مەشغۇلاتقا مەسئۇل خىزمەتچى خادىملار شامال كۈچى، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى پات - پات ئۇقتۇرۇپ تۇراتتى. نۆۋەتچى خادىم ياڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى 24 سائەتنىڭ ھەممىسىدە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان ئادىمىمىز بار، نۆۋەتچى خادىم ئارقا سۇپىدىكى يۈرۈشۈش سانلىق مەلۇماتى ۋە نەق مەيداندىكى خادىملارنىڭ ئۇدۇللاشتۇرۇشىغا ئاساسەن كاشىلىلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قومۇل شەھىرى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ گۇرۇپپىلىدى، شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى شامال ئېنېرگىيەسى ۋە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ئېچىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى شىنجاڭدىكى بىرقەدەر بالدۇر شامال كۈچى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىنى ئۆزئارا تولۇقلاشتىن بىر ۋاقىتتا پايدىلىنىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، 47 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىگە 500 مىڭ پارچىگە يېقىن كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي تاختىسى رەتلىك تىزىلغان، سول تەرەپكە بۇلۇڭ گىرادۇسى بويىچە 132 شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى جايلاشقان.

«شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلايدۇ، لايىھە جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر خىل ئۆزئارا تولۇقلاش ھېسابلىنىدۇ، كەچتە يورۇقلۇق بولمىسىمۇ، شامال ئېلېكتىر يەنىلا سىجىل توك تارقىتالايدۇ، ئەگەر كۈندۈزى شامال بولمىسا، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلاپ توك چىقىرالايدۇ، شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان توك چىقىرىش شەكلى تەدرىجىي كېڭەيتىلىۋاتىدۇ» دېدى قومۇل يەندۇن شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىستانسا باشلىقى ياڭ جىلۇڭ.

ياڭ جىلۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قومۇل يەندۇن شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 660 مېتىردىن 710 مېتىرغىچە بولۇپ، ئاساسىي شامال يۆنىلىشى شەرقىي جەنۇب يۆنىلىشىدە، شامال كۈچى بايلىقى بىرقەدەر ياخشى؛ كەڭلىك گىرادۇسى قىيپاش شىمالدا بولۇپ، يەر شەكلى بىرقەدەر ئېگىز، بۇلۇت مىقدارى بىرقەدەر ئاز، ئاتموسفېرانىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ياخشى، يىللىق قۇياش ئومۇمىي رادىياتسىيە مىقدارى ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە 6100 مېگاجوئۇل كېلىدۇ، بۇ يەرنىڭ شامال كۈچى ۋە قۇياش ئېنېرگىيە بايلىقى مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قومۇل يەندۇن شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى بۇ يەرنى ماكان قىلىپ تاللىغان.

شىنجاڭدا، شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىشتىكى ئۆزئارا تولۇقلاش كېچە بىلەن كۈندۈزدە بىر - بىرىنى تولۇقلاش بولۇپلا قالماستىن، يەنە پەسىل خاراكتېرلىك پەرقمۇ بار. ھەر يىلى ئەتىياز پەسلىدە شامال بايلىقى ئەڭ مول، شامال ئېلېكتىر كۈچى ئەتىياز پەسلىدە ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ. يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنىڭ ياز پەسلىدىكى توك چىقىرىش مىقدارى ئەڭ چوڭ بولىدۇ، ياز، قىش ئىككى پەسىل توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان پەسىل بولۇپ، شامال، يورۇقلۇق بىلەن توك چىقىرىش ئارقىلىق ئېلېكتىر كۈچى تەكشى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپلا بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ياڭ جىلۇڭ مۇنداق دېدى: «گەرچە ئېلېكتىر ئىستانسىسى شامال - يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئەڭ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئېھتىياجغا ئاساسەن قانداق قىلىپ دەل جايىدا توك چىقىرىش مەسىلىسى بىزنى ئىزچىل قىيناپ كەلگەنىدى.» بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2020 - يىلى، بىر يۈرۈش ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تۈجۈپىلەنگەن كونترول سىستېمىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. سىستېما ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 10مىڭ كىلوۋاتلىق گېنېراتور گۇرۇپپىسىدا %30تىن ئارتۇق ئادەم كۈچى تېجىلىپ، قومۇلدىن جېڭجوۋغىچە بولغان 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، توكنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلدى، قومۇلنىڭ شامال ئېلېكتىرىگە چەك قويۇش نىسبىتى %5تىن تۆۋەنگە چۈشتى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىشقا چەك قويۇش نىسبىتى %3تىن تۆۋەنگە چۈشتى.

«تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ياخشىلاش ئارقىلىق، ھازىر بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تىرانسفورموتور پونكىتىدا ئادەمسىز نۆۋەتچىلىك يولغا قويۇلدى، ھازىرقى خادىملارنى تەقسىملەش نىسبىتىنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ئاز بولغاندا %20 تېجىگىلى بولىدۇ» دېدى ياڭ جىلۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.