باي:
قىزىل مەدەنىيەتنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئىنقىلابىي روھقا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جياڭ خەيياڭ، جاڭ شۈدۇڭ
«مەن مەكتەپ تەشكىللىگەن <پارتىيە تارىخىنى بىلىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش> نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنىڭ دەل ئەسلىي مەقسەتنى يارىتىش، ئەسلىي مەقسەتنى قوغداش ھەم ئەسلىي مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم، پارتىيە تارىخى بىزنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان دەرسلىك» دېدى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى باي ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلئايىم مەمەت.
پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باي ناھىيەلىك مائارىپ - پەن - تېخنىكا ئىدارىسى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى ئۆگىنىش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
باي ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ باش تېما سىنىپ (ئەترەت) يىغىنى تەشكىللەش، قىزىل كۆرۈنۈشلۈك دىرامىلارنى رېپېتىتسىيە قىلىش، قىزىل فىلىملەرنى كۆرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئۆز غايىسىنى دەۋر باش تېمىسىغا سىڭدۈرۈپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
باي ناھىيەلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خې جيەنشىن مۇنداق دېدى: «قەھرىمانلار خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى قىسقا فىلىم كۆرۈشكە تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۇلارنى قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».
باي ناھىيەلىك قار لەيلىسى يەسلىسى ئوقۇش باشلانغان «تۇنجى دەرس»تە بالىلارنى «ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» قاتارلىق باش تېما پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بالىلارنى مول پائالىيەت جەريانىدا ئۇزۇن سەپەر ھېكايىلىرىنى چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇزۇن سەپەرنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، بالىلاردا ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى يېتىلدۈردى.
باي ناھىيەلىك قار لەيلىسى يەسلىسىنىڭ مۇئاۋىن يەسلى باشلىقى يې جىڭ مۇنداق دېدى: «قارلىق تاغقا يامىشىش» «ئوتلاقتىن ئۆتۈش» «قامال لىنىيەسىنى كېسىپ ئۆتۈش» «لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېز سۈرئەتتە ئېلىش» «لازىكۇدىكى كەسكىن جەڭ» «دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش» «قىزىل بايراقنى ئىزدەش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلارغا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنىڭ جاپا - مۇشەققىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ، بالىلاردا ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، جاپادىن قورقمايدىغان ئىدىيەۋى پەزىلەت يېتىلدۈردۇق.
باي ناھىيەسى سايرام بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ «قىزىل يۆگىمە رەسىم» تېمىسىدا ئەسەر قوبۇل قىلىش، قىزىل ھۆسنخەت، رەسىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىنى ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى. «پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيىدىغان، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىگە ئاڭلىق سىڭدۈرۈپ، ۋەتەن قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشقۇزۇش ئۈچۈندۇر» دېدى سايرام بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋ كاڭ.