ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئۇچى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، بىر ئۇچى پۇقرالارنىڭ بەخت - سائادىتىگە تۇتىشىدۇ.
3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇش كېرەك.
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىز 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى «مەركەزداش چەمبەر»نى ياخشى سىزدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 461 مىڭ 100 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 3 مىليون 154 مىڭ 700 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %102.47ى، %116.84ى ئورۇندىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى
«خالو، كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر، مەن سىلەرنىڭ كونا دوستۇڭلار خۇاڭ ۋېن، بۈگۈن سىلەرگە بىر كوۋخۇڭ ئېلىپ كەلدىم، ھازىر زاكاز قىلساڭلار %20 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايسىلەر جۇمۇ...» 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 90 - يىللاردا تۇغۇلغان قىز خۇاڭ ۋېن دوۋيىن بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق، تورداشلار ۋە مەستانىلەرگە ئەڭ يېڭى پاسوندىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى تەۋسىيە قىلدى.
بۇلتۇر، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى سىياسىتىنىڭ قوللىشىدىن مەنپەئەتلەنگەن داشۆ ئوقۇغۇچىسى خۇاڭ ۋېن 200 مىڭ يۈەن قەرز پۇل ئېلىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ھازىر ئۇنىڭ گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىش شىركىتىنىڭ ئايلىق سېتىش سوممىسى 500 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى، يەنە 21 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ھەممە ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك. 2020 - يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تەسىر كۆرسەتتى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خىزمەت شەكلى، ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، توردا مۇلازىمەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تېز ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۈچ قوشتى.
كارخانىلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغان «كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش، كېچىكتۈرۈش، قايتۇرۇش، تۆۋەنلىتىش، تولۇقلاپ بېرىش، ئۇزارتىش» قاتارلىق سىياسەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارغا قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى، بىر قېتىملىق قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى، كەسپىي تەربىيەلەش ياردەم تولۇقلىمىسى قاتارلىق يۆلەش سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، كارخانىلارنىڭ جەمئىي 13 مىليارد 598 مىليون يۈەن ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى.
«بىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانى، <ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش> پىلانىنى سىجىل يولغا قويۇش ئارقىلىق، تۈرلۈك ياردەم تولۇقلىمىسى ۋە مۇلازىمەت مۇددىتى توشقانلارنى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا پائال يېتەكلىدۇق.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 - يىلى، شىنجاڭ جەمئىي 2152 نەپەر «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» خادىمىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا قوبۇل قىلدى. سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، ياشلىق باھارىنى بېغىشلاش، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىنى تاللىدى.
ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدىكى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %89.05كە يېتىپ، بېكىتىلگەن نىشان - ۋەزىپىلەر تاماملاندى.
100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئەتىگەندە، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئەلنۇرى نان مەدەنىيىتى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيى ناننىڭ مەززىلىك ھىدىغا تولغانىدى، ناۋاي ئۇستام غۇلامجان مۇتەللىپ ئۇستىلىق بىلەن تونۇردىن ئىسسىق ھور چىقىپ تۇرغان نانلارنى بىر - بىرلەپ قومۇرۇۋاتاتتى.
36 ياشلىق غۇلامجان تومئېرىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئىلگىرى ئۇ ئۆز ئۆيىدە ناۋايلىق قىلاتتى، كىرىمى ناھايىتى ئاز ئىدى. بۇلتۇر كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر» نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى، ھازىر ئۇ ھەر ئايدا 8000 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى. «ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىلا پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، مەن ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، يەنە بەش شاگىرت قوبۇل قىلدىم.» ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا، غۇلامجاننىڭ چىرايى خۇشاللىققا تولدى.
ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. ئاپتونوم رايون دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 227 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق پىلانىنى يولغا قويدى.
نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، «ماھارەت + دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى + ئاساسىي ئەمگەك ساپاسى» بويىچە بىرىكمە شەكىلدىكى تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. بۇلتۇر 391 مىڭ 100 ئادەم قېتىم نامرات ئەمگەك كۈچى تەربىيەلىنىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 149 مىڭ 700 ئادەم قېتىم كۆپىيىپ، ئېشىش نىسبىتى %62.01 بولدى.
«جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ نامرات نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى مۇددەتتىن بىر يىل بۇرۇن نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاندى، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 50 مىڭ نامرات ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى.» بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدىكى ئېنىق سان - سېپىرلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نەتىجە - ئۈنۈمىگە گۇۋاھ بولدى.
ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئىشقا ئورۇنلىشىش غەيرىتىنى ئاشۇردى
قەشقەر شەھىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك زاۋۇتىدا ھەنىپىگۈل ئۆمەر ئىشچىلارنىڭ كىيىم تىكىش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى.
«مېنىڭ نىشانىم سېخ مۇدىرى بولۇش!» دېدى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئىلگىرى ئائىلە ئايالى بولغان ھەنىپىگۈل تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن. تەربىيەلىنىپ ئىش ئورنىغا چىقىپ، خىزمەتكە چۈشۈپ بىر يىل بولمايلا، ئۇ ئىككى ئاقما لىنىيەگە مەسئۇل گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى 4000 يۈەندىن ئاشتى.
بۇلتۇر 6 - ئايدا، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى ئاستانە بازىرى گۇڭشاڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شياۋلۇڭ شۇ جاي تەشكىللىگەن ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنى تاماملىغاندىن كېيىن، جۇڭفۇليەنجۇڭ (قومۇل) بىرىكمە ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىگە قوبۇل قىلىنىپ، كەپشەرلەش ماھارىتى ئىشچىسى بولۇپ، ئايدا 4500 يۈەن مائاش ئالدى. «ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىنى تۈگىتىشىم بىلەنلا، كارخانىنىڭ كېلىپ مېنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن، تېخنىكا بولسىلا خىزمەت تېپىش غەيرىتىمىزمۇ ئاشىدىكەن» دېدى ۋاڭ شياۋلۇڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.
بىر ماھارەتنى ئىگىلەش، بىر كىنىشكىگە ئىگە بولۇش، بېيىش يوللىرىنىڭ ئاياغ ئاستىدا ئېچىلىشى ئاددىي ئائىلىلەرنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تەسۋىرلىمەكتە. ھەنىپىگۈل، ۋاڭ شياۋلۇڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھېكايىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.
ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك خادىملارنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى ماھارەت ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ماھارەت ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ماھارەت ئارقىلىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىغا باشلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز 1 مىليون 231 مىڭ 400 ئادەم قېتىمنى تۈرلۈك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىنىڭ %111.95ىنى تاماملىغان.
مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقاندىلا، پۇقرالار ئاندىن بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى داۋاملىق خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ئىگىلىك تىكلەشنى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، يۆلەشنى ياخشى ئىشلەش، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، شەھەر - بازارلاردا 460 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەكنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %88تىن كۆپرەككە يەتتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاممىنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.