تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ھامان ئۆز - ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ئادىل ھۈسەن

پومپېئو ئېلان قىلغان شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەر شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا ئاساسسىز ھۇجۇم قىلدى ۋە قەستەن قارا چاپلىدى، مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن!

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بىز جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ تېررورىزم، ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

مەن 20 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدا شىنجاڭدىكى يېزىدا تۇغۇلغان، ۋەتىنىمىزنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم، يۇرتىمىزدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگىمۇ گۇۋاھ بولدۇم. كىچىك ۋاقتىمدا، ئائىلىمىز كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، سىرتقا چىقساق توپىلىق يولدا ماڭاتتۇق، ھازىر بولسا بىنا ئۆيدە ئولتۇرىمىز، سىرتقا چىقساق ئاسفالت يولدا ماڭىمىز، ھازىر ماددىي جەھەتتىن بېيىدۇق، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى باياشات بولدى، كۈنلىرىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتا بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماي، كەنت ئاھالىلىرىنى ھاللىق سەۋىيەگە تەڭ يېتىشكە يېتەكلىدۇق. مەن تۇرۇۋاتقان كەنتتىكىلەرنىڭ %92ى ئاز سانلىق مىللەت، كەنت كوللېكتىپىنى زورايتىش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بىز مەبلەغ سېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىنى پائال ھەل قىلدۇق، كەنت ئاھالىلىرى ئەمىن ئۆي، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈنلىرى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى، چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

بىز پومپېئونىڭ خالىغانچە يالغان - ياۋىداق سۆز تارقىتىشى ۋە زەھەر تارقىتىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز، ئۇنىڭ «يالغان كۆڭۈل بۆلۈش، راست ئارىلىشىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش»تەك جىنايى قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى ھامان ئۆز - ئۆزىدىن بىتچىت بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.