تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ ئارقىسىدا باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان سىياسىي مۇددىئا بار

خوشۇت ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئىبراھىم نۇر

يېقىنقى مەزگىلدە، پومپېئو بىزنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا خالىغانچە تۆھمەت قىلدى، قارا چاپلىدى، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەزەپلەندىم، ئۆز كەچۈرمىشىم ۋە تەسىراتىم ئارقىلىق كىشىلەرگە پومپېئونىڭ قىلچە تۆۋەن چېكى يوق بىر چۈپرەندە ۋە ئالدامچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشكە ئىرادە باغلىدىم.

خوشۇت ناھىيەسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئىلگىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئاجىز، يول يۈرۈش قىيىن، بۇلغىما چىقىرىش قىيىن، سۇ ئىشلىتىش قىيىن، ھاجەتخانىغا كىرىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىدى، پۇقرالار كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئىشلەتمەيدىغان ياكى كېرەكسىز نەرسىلىرىنى ھويلا - ئارانلىرىغا قالايمىقان دۆۋىلەپ قوياتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوشۇت ناھىيەسى دادىل تەدبىر قوللىنىپ شەھەرنى ئۆزگەرتىپ، ناھىيە بازىرىنى كۆكەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، 340 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق گۈلزارلىق مەنزىرىسى بەرپا قىلىپ، كوچىلاردىكى كىچىك سەيلىگاھلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك باغچىلاشقان ناھىيە بازىرى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملىدى. ھازىر ناھىيە بازىرىنىڭ قىياپىتى بۇرۇنقىدەك ئەمەس، شىمالىي غول ئۆستەڭ مەنزىرە بەلبېغى ئۈزۈم مەدەنىيىتى باغچىسى، بىڭخې مەنزىرە بەلبېغى بىلەن ئۈچ بۇرجەك ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ شەكىللىنىپ، ھەم ھەر مىللەت ئاممىنى ئارام ئېلىش، پائالىيەت قىلىش سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى، ھەم ناھىيە بازىرى قۇرۇلۇشىنىڭ يېشىل ئېكولوگىيە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. ھازىرغا قەدەر، خوشۇت ناھىيەسىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاممىۋى يېشىللىق كۆلىمى 39.35 كىۋادرات مېتىرغا، قۇرۇلۇش قىلىنغان رايونلارنىڭ كۆكەرتىلىش نىسبىتى %38.12كە، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %39.83كە يەتتى. «شەھەر باغچە تۈسىنى ئالدى، كىشىلەر سۈرەتتەك مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى». بۈگۈنكى كۈندە، بۇ، خوشۇت ناھىيە بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىستىراھەت تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى.

پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، بىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنتلەرنى مۇۋاپىق پىلانلاپ قۇردۇق، ئاسفالت يوللارنى تۇتاشتۇردۇق، يول چىرىغى ۋە چېنىقىش سايمانلىرىنى ئورناتتۇق، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى قاتارلىقلارنى سالدۇق، كوچا - كويلار، ھويلا - ئارانلارنىڭ قورشاۋ تاملىرى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. ھازىر كەنت ئاھالىلىرى پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىشلىتىۋاتىدۇ، يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئازادە ئەمىن ئۆيلەردە ئولتۇرۇۋاتىدۇ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ.

پومپېئو ئېلان قىلغان شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەر پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ھەق - ناھەقنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلدى، ئۇنىڭ مەقسىتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ئۇنىڭ غەرىزى ئىنتايىن رەزىل بولۇپ، باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان سىياسىي مۇددىئا يوشۇرۇنغان.

بۈگۈنكى شىنجاڭدا كۈنلەر تىنچ ئامان، يۇرت - ماكان ئامان - ئېسەن. شىنجاڭنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىدەك رېئاللىق ئالدىدا، پومپېئونىڭ رەزىل ئويۇنى قارىماققا ئىنتايىن كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.