تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئو ئېقىمىدىكىلەرنىڭ سۇيىقەستى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ

قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئەخمەت بارات

پومپېئو، جېڭ گوئېن ئېقىمىدىكىلەر جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە قەستەن تۆھمەت قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يامان غەرەزدە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەقىقىي ھېسسىياتىغا كۆز يۇمدى. مەن بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمەن.

مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ، شىنجاڭدا چوڭ بولدۇم، بۇ يىللاردا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، قاراماي شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇقىم ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلق تۇرمۇشى چىقىمى سىجىل كۆپىيىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دەيدىغان ئىدىيەنى نامايان قىلدى. قاراماي شەھىرىدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار، دوختۇر - سېسترالار، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر - ساقچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار قاتارلىقلار كېچە - كۈندۈز ئىش ئورنىدا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولىدىغان، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان ئىتتىپاقلىق كۈچىنى نامايان قىلدى.

يۇقىرىقى پولاتتەك پاكىتلار شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئامما مۇقىم، ئىناق مۇھىتتا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

پومپېئو، جېڭ گوئېن ئېقىمىدىكىلەرنىڭ سۇيىقەستى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدا بازىرى يوق، تاماشىبىنى تېخىمۇ يوق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى خۇددى ھاياتىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.