تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەسىپلەرنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

غۇلجا ناھىيەسىدىكى يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر رايونى:

كەسىپلەرنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك، غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن لى مېي

3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، مۇخبىرلار غۇلجا ناھىيەسىدىكى يىدۇڭ سانائەت باغچىسى يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر رايونىغا كەلگەندە، شىنجاڭ داموچۇەنچى ئائىلە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيىدىكى ئالدىراش ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسى ئۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

تۆت - بەش كىۋادرات مېتىرلىق چاسا شەكىللىك تەكشۈرۈش سۇپىسى ئالدىدا، تۆت ئايال ئىشچى تۆت تەرەپتىن يېڭىلا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختىلىق يوتقاننىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. يىراققا نەزەر سالغاندا، 2 - قەۋەتتىكى 1600 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان ئازادە، يورۇق زاۋۇت ئۆيىدە 100دىن ئارتۇق ئىشچى ئۆز ئىش ئورنىدا جىددىي، تەرتىپلىك ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، ئۇلار كېسىش، پاختا قوشۇش، تىككۈچىلىك قاتارلىق تۈرلۈك ئىش ھالقىلىرى ئارقىلىق، رەتلىك، چىرايلىق تىكىلگەن يوتقانلارنى تەكشۈرۈش سۇپىسىغا ئېلىپ چىقتى.

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر رايونىدا ئائىلە بۇيۇملىرى توقۇمىچىلىقى، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسى ۋە توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىدىن ئىبارەت ئىككى باغچە رايونى بار بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5700 مو، ئومۇمىي سېلىنمىسى 18 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئون نەچچە كارخانىنى بۇ رايونغا كىرىشكە جەلپ قىلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرى پۈتكۈزۈلگەن ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئائىلە بۇيۇملىرى توقۇمىچىلىقى، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشى مۇكەممەل ئۇل ئەسلىھەسى ۋە ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئالاھىدىلىكى بىلەن تېزلا بەش كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. 2020 - يىلى غۇلجا ناھىيەسىدىكى يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

شىنجاڭ داموچۇەنچى ئائىلە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى ئائىلە توقۇمىچىلىقى، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 2 - قارارلىق قۇرۇلۇشىغا ماكانلاشقان بەش كارخانىنىڭ بىرى. ئىككى ئايغا يېقىن ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ۋە خىزمەتچىلەرنى تەربىيەلەش ئارقىلىق، 2021 - يىلى 1 - ئايدا كارخانا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ تىجارەت باشلىدى.

«باغچە رايونىنىڭ كارخانىلارغا غەمخورلۇق قىلىشى ئەتراپلىق بولدى، بىزنىڭ تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىمىز يېتەرلىك. ھازىر بىزنىڭ 100دىن ئارتۇق خادىمىمىز بار، ياز پەسلىدە يەنە ئىككى نۆۋەت تەكلىپ قىلساق، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 350تىن ئاشىدۇ. بىزنىڭ ئىككىنچى يۈرۈش زاۋۇت بىنايىمىز بېزىلىشكە باشلىدى، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھازىرقى يىلىغا 300 مىڭ يۈرۈش پاختىلىق يوتقان ئىشلەپچىقىرىشتىن 500 مىڭ يۈرۈش ئەتراپىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كۆپىيىپ، ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 200 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ» دېدى شىنجاڭ داموچۇەنچى ئائىلە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېنشى شيەنشيا.

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى، نۆۋەتتە، 2000دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشغا مۇقىم تۈرتكە بولدى. خۇددى شىنجاڭ داموچۇەنچى ئائىلە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىرىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى تۇرانبۇۋى ئىلاخۇن ئېيتقاندەك، كارخانىنىڭ ماكانلىشىشى بىلەن، ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئائىلە ئاياللىرى كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىپتۇ.

«مەن بۇرۇن ئۆيدە بالا باقاتتىم، بۇ يەرگە ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن ماھارەت ئۆگەندىم، ھازىر ئايدا 3000 يۈەنگە يېقىن مائاش ئالىمەن، مەن بۇ يەردە داۋاملىق ئىشلەيمەن» دېدى تۇرانبۇۋى.

2021 - يىلى غۇلجا ناھىيەسى تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى تىرىشىپ 10 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ، 30 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ يىل بىز ئائىلە توقۇلما بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچە رايونىغا 13 كارخانىنى، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچە رايونىغا بەش كارخانىنى كىرگۈزۈشنى پىلانلىدۇق، مۆلچەرىمىزچە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق كەسىپلەر رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، 5000 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دېدى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يىدۇڭ سانائەت باغچە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ كۇي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.