ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياڭ شۇخەن، جيا چۇنشيا
قىزىل ئىزنالار②
ئۈرۈمچىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى. (گېزىتىمىزنىڭ ماتېرىيال سۈرىتى)
1950-يىلى ئەتىيازدا، شىنجاڭ تۇپرىقىدا قاينام-تاشقىنلىققا تولغان چوڭ ئىشلەپچىقىرىش قانات يايدۇرۇلدى. 1-ئىيۇل پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قاتارلىق بىر تۈركۈم زامانىۋى زاۋۇتلار قەد كۆتۈردى. (ماتېرىيال سۈرەت)
ھەيۋەتلىك تىيانشان ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدى؛ كۆز يەتكۈسىز كوئېنلۇندا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تارىخىي مۇساپىسى يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان كۈرەش قىلىش داستانى، تارىخ سەھىپىسىدە چاقنىغان ئۇلۇغ مۆجىزە، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىگەن، ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن گۈزەل تۇرمۇش ياراتقان سەلتەنەتلىك سەھىپە.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا باشتىن-ئاخىر شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ھەم ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزمنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي زۇلۇمىدىن ئازاد قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەربىر مۇھىم، زور تارىخىي مەزگىل ۋە مۇھىم تارىخىي پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ كەلدى.
دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خارابىگە ئايلانغان ھالەتتىن ھەممە كەسىپلەر روناق تېپىشقىچە، خەلق كۈن كەچۈرەلمەس ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن پۇقرالارنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ۋە ساغلاملىقىغىچە، چەت، يىراق، بېكىنمە ھالەتتىن قاتناش يوللىرى تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشقىچە... شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى كىشىلەرگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، بۈگۈنكى ئىناق، مۇقىم شىنجاڭنىڭ بولمايدىغانلىقى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بىر تال قىزىل يىپ باشتىن-ئاخىر تۇتاشتۇردى
100 يىللىق مۇساپە قاينام-تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.
100 يىللىق قاينام-تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، باشتىن-ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن مىسلىسىز جاپالىق كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان مەدھىيە ناخشىسىنى پۈتتى.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى، يۈ شيۇسۇڭ قاتارلىق زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، ھەممىلا يەردە ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىدى، شېڭ شىسەينىڭ «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، تىنچلىقنى ساقلاش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىش، پاك-دۇرۇس بولۇش، مىللەتلەر باراۋەر بولۇش»تىن ئىبارەت ئالتە بۈيۈك سىياسەتنى تۈزۈشىگە ياردەم بەردى، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلدى ۋە راۋاجلاندى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاشلىق كەمچىل بولۇش ئەندىشىسى قالمىدى.
1949-يىلى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنىپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھەر مىللەت خەلققە رەھىمسىزلەرچە زۇلۇم سېلىشىغا خاتىمە بېرىلدى، بۇ، شىنجاڭ تارىخىدىكى بىر مۇھىم، زور بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى دەۋر ئاچتى. شۇنىڭدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەملىشىپ دوستانە ئۆتىدىغان، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىدىغان شانلىق سەھىپىنى پۈتۈشكە باشلىدى.
1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. بۇ، پارتىيەنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە سىياسىتىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى يېڭى بىر باسقۇچقا قاراپ ئالغا سىلجىتتى.
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، شىنجاڭنىڭ سانائەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۈرلۈك سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، سىياسىي، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت قىياپىتىدە گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئارىسىغا كېلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سوراپ، ئىتتىپاقلىقنى سۆزلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يولىدا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن باتۇرلارچە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.
بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، 2-، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەتتىن شىنجاڭ خىزمىتىگە تەپسىلىي قاراپ چىقتى، پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى بېكىتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئېنىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.
100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جان-دىل بىلەن ھەر مىللەت خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ قىزىل يىپ بىلەن باشتىن-ئاخىر تۇتاشتۇرۇپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.
مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى
ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر.
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ئۈچۈن، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىدا داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلدى، مەڭگۈ ئۆزگەرمەي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا لىن جىلۇ، خەن گۇاڭ، شۈ لياڭ قاتارلىق شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان بىر تۈركۈم جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆز خىزمەت ئورنىدا تىرىشچان، پاك بولدى، ھەممە جايدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى چىقىش قىلدى، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇۋال قىلىنغان دېلولارنى بىكار قىلىپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ، كۆۋرۈك سېلىپ، يول رېمونت قىلىپ، قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇپ، نامراتلارغا غەمخورلۇق قىلدى، ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، ئۇلار ھازىرغىچە ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا مەدھىيەلەنمەكتە.
1938-يىلى 2-ئايدا، ماۋ زېمىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرلىقىغا، مۇۋەققەت نازىرلىقىغا تەيىنلەندى. ئەينى چاغدا شىنجاڭ مالىيەسى يىلمۇيىل مالىمانچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئېغىر قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانىدى. ماۋ زېمىن مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى قالتىس ئىقتىدارى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان ناھايىتى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن شىنجاڭ مالىيەسىنى بىرقەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توغرا يولغا سالدى.
1939-يىلى، لىن جىلۇ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغاندا، پۇقرالارنى ئېغىر ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان «باجنى ھۆددىگە ئېلىش تۈزۈمى»نى قەتئىي بىكار قىلىپ، ھەرخىل نامدىكى 20 نەچچە خىل باجنى يەتتە خىلغا ئازايتىپ، پۇقرالار تەرىپىدىن «پاك ئەمەلدار لىن» دەپ ئاتالدى. ئۇ ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياسىغان كەلكۈن توسۇش توسمىسى، «ئىتتىپاق يېڭى كۆۋرۈكى» قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ھازىرمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
ئىگىلىك تىكلەش جاپالىق بولسىمۇ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، نامرات، قالاق، ھەممە ئىشلار خارابلاشقان، ئارقىدا قالغان ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش»تەك مەردانە ئىرادە بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، قەدىمىي چۆل-باياۋاندا ھەيۋەتلىك، سەلتەنەتلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.
1950-يىلى باھاردا، بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدا قاينام-تاشقىنلىق چوڭ ئىشلەپچىقىرىش قانات يايدۇرۇلدى. «جاپادىن قورقماي، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، چۆللۈكتە باغ بەرپا قىلىمىز» دېگەن ياڭراق ناخشا ساداسى ئىچىدە، شىنجاڭدىكى تۇنجى پولات-تۆمۈر بىرلەشمە كارخانىسى − «1-ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر زاۋۇتى، تۇنجى ئاپتوماتلاشقان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى − ۋېيخۇلياڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تۇنجى پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى − «1-ئىيۇل» پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم زامانىۋى زاۋۇتلار قەد كۆتۈردى.
سانلار ئاۋازسىز بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ كۈچلۈك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. 1952-يىلى شىنجاڭنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 635 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 1949-يىلىدىكىدىن %52 ئاشتى، پاختا ۋە ياغلىق دان ھوسۇلىدا بىردەك تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
چەكسىز مەنزىرىلەر يېڭىلاندى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشتى.
2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چوقۇم تارىخ بېتىگە پۈتۈلىدىغان ئۇلۇغ بىر كۈن. بۇ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا مۇنداق دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملاندى، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى! بۇ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئاممىنىڭ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان نامراتلىق جاھىل كېسىلىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ، كىشىنى نېمىدېگەن خۇشال قىلىدىغان پەيت! قۇياش بىلەن ئايمۇ گۇۋاھ بولدى، تاغ-دەريالارمۇ گۇۋاھ بولدى، كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، ۋەتەن قوينىدا گۈللەپ ياشناۋاتقان گۈزەل شىنجاڭ تېخىمۇ بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، گۈزەل بۈگۈنى بولمايتتى.
سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماي، قەلبىدىن پارتىيەگە تەلپۈندى
كىشى قەلبى ئەڭ چوڭ سىياسىي، خەلق ئەڭ چوڭ ئىشەنچ.
پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن بۈگۈنكى شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلق ئىناق ئۆتۈپ، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتىدۇ. سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكتە.
ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش-زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، يېرى يوق، يېرى ئاز ھەر مىللەت دېھقانلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلدى. ھەر مىللەت دېھقانلار شاد-خۇراملىققا چۆمۈپ، يېڭى جەمئىيەتنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تېخىمۇ ھىمايە قىلدى.
1952-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، يەر ئىسلاھاتى ئالدىن نۇقتىدا سىناق قىلىنغان كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار يەر ئىسلاھاتى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، داستان شەكلىدە رەئىس ماۋ زېدۇڭغا «ماۋجۇشىغا تەقدىم» دېگەن بىر پارچە ھۆرمەت خېتى يېزىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە رەئىس ماۋ زېدۇڭغا بولغان چەكسىز قىزغىن، چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.
قەددىنى رۇسلاپ ئازادلىققا ئېرىشكەن كېرىيە ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇمنىڭ ماۋ جۇشىغا يۈزتۇرا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ۋەتەننىڭ ئەڭ غەربىي چېتىدىن ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغانلىقى جۇڭگو زېمىنىدا تىللاردا داستان بولۇپ كەلدى. 1958-يىلى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە، ماۋ جۇشىنىڭ قۇربان تۇلۇم بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشقان كۆرۈنۈشى تارىخ بولۇپ ساقلاندى ھەم قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئايلىنىپ، تىيانشان ئوغۇل-قىزلىرىنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش قىزىل گېنىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا.
پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازىرى لەڭگەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى خۇداۋەدى ئىمىن 20 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئۆز ھويلىسىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىشتا چىڭ تۇردى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلى دادىسىنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ كۈچ ئۇلاپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى مەڭگۈ چېگرا رايوندا جەۋلان قىلدۇردى، قەلبلەردە جەۋلان قىلدۇردى؛ ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى ساز كەنتىدىكى چېگرا قوغدىغۇچى بۇرماقان مولدۇ چېگرانى قوغدىغان 50 نەچچە يىلدا 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق تاغ يولىنى بېسىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق چوڭ-كىچىك تاشقا ئۆز قولى بىلەن «جۇڭگو» دېگەن خەتنى ئويۇپ چىقتى. بۇرماقان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش بىر خىل ئېتىقاد، ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىدىغان ئائىلە ئىستىلى.
100 يىللىق كۈرەش يولى، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە غەيرەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى.