تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

شۆھرەت زاكىر، شىن باۋئەن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شىن باۋئەن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

شۆھرەت زاكىر دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتى، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتى ۋە جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەبلەغ، كەسىپ، تۈر، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى كۈچلۈك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلى ھەم شىنجاڭنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ كۈچلۈك تىرەك بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز «ئۈچ بازا، بىر يول»نىڭ ئورنىنى بېكىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، قوللىشىنى، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كۆپ قوللاپ، ياردەم بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىن باۋئەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىركەتنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش شىركەتنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىركىتىمىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، گۇرۇھنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەيدۇ. «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، 750 كىلوۋولتلۇق غول تور رامكىسى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» نىشان - تەلىپىنى چۆرىدەپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى تورلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش، «ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ» قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، يانداش ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ جىگاڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.