تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپى بويىچە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىن باياناتچىسى جاڭ يېسۈينىڭ تەكلىپى بويىچە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلار يىغىنى باشلانغاندا، لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تاراتقۇ ساھەسىدىكى دوستلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنىنى خەۋەر قىلىش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت. بۇ يىل بىز يەنىلا داۋاملىق سىن ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىمىز، كۆپچىلىك سوئال سورىساڭلار بولىدۇ.

ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا قانىلى مۇخبىرى: زۇڭلى لى كېچياڭ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى تاماملاشنىڭ شەكلى ۋە ئورنىغا تەسىر كۆرسەتتى، يۇقۇمنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك تارقالغىنىغا بىر يىل بولدى، جۇڭگونىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتى ۋە كىرىمىدە قانداق كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگو تەرەپ قانداق كونكرېت تەدبىر قوللىنىپ بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلايدۇ؟ بولۇپمۇ ياشانغانلار نوپۇسى كۆپىيىش ئارقا كۆرۈنۈشىدە، ئىستېمال ئېھتىياجى، بولۇپمۇ چەت ئەلنىڭ سۈپەتلىك ماركا ئىستېمالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

لى كېچياڭ: ئىشقا ئورۇنلىشىشنى بىر دۆلەت، بىر ئائىلىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن چوڭ ئىش، دېيىشكە بولىدۇ. بۇلتۇر يۇقۇم يامرىغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كوچىلاردا پىيادىلەرنى كۆرگىلى بولمىدى، نۇرغۇن دۇكانلار تاقالدى، ئەينى چاغدا بىزنىڭ ئەڭ ئەندىشە قىلغىنىمىز كەڭ كۆلەملىك ئىشسىزلىقنىڭ كۆرۈلۈشى ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە، كېيىن مەن جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، نۇرغۇن دۇكانلارنى كۆردۈم. بىر كىچىك دۇكاندا، دۇكان ئىگىسى ماڭا: ئۈچ ئاي تىجارەت قىلمىدۇق، ھۆكۈمەت باجنى كېمەيتكەچكە، كەچۈرۈم قىلغاچقا، ئۆي ئىجارىسى، سۇ، توك پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش جەھەتتە مەدەت بەرگەچكە، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى مەبلىغى نەقلەشكەچكە، بىز خادىم قىسقارتمىدۇق، بەرداشلىق بېرەلىدۇق، دېدى. مەن ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى قانداق قىلدىڭلار؟ دەپ سورىدىم. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا پەقەت تۇرمۇش پۇلىلا تارقاتقانلىقىنى ئېيتتى. نەق مەيداندىكى 20دىن ئارتۇق خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى: دۇكىنىمىز ياتاق، تاماقنى كۆتۈردى، بىزنى ئىشتىن قالدۇرمىدى، بىز بۇنىڭدىن مىننەتدار بولدۇق، دېدى. كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت كارخانىنى ساقلاپ قالغاندىلا، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغاندىلا، ئىش، بازار ئەسلىگە كېلىشى بىلەن تەڭ سودىنىڭ جانلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتى.

بۇلتۇر بىز ماكرولۇق سىياسەت تۈزگەندە، ئېنىقسىز ئامىللار بەك كۆپ بولغاچقا، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ كۆزلىمە نىشانىنى بېكىتمىدۇق. لېكىن تەكرار دەڭسەپ كۆرۈپ، يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى بېكىتتۇق، يەنى شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى 9 مىليوندىن ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. چۈنكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا بايلىق يارىتىشنىڭ مەنبە ئېقىن سۈيى. ئەينى چاغدا بىز يەنە پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدۇق، ئەمەلىيەتتە پەقەت 9 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلسىلا، ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئاشىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق، چۈنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش بولسىلا كىرىم بولىدۇ، ئىستېمالىنى يېتەكلىگىلى، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

بۇلتۇر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، بىزنىڭ بازار سۇبيېكتىمىز كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقىنى نامايان قىلدى، كەڭ خەلق ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يەڭدى، ئەڭ ئاخىرىدا شەھەر - بازارلاردا 11 مىليون 860 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد %2.3 ئاشتى، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمى مۇناسىپ ئاشتى، ھەممىسى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى.

بۇ يىل بىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىمىز يەنىلا ناھايىتى چوڭ، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچى تەخمىنەن 14 مىليون كىشى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر 9 مىليون 90 مىڭ كىشى بولۇپ، تارىخىي يېڭى پەللە يارىتىلدى، يەنە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، يەنە 270 مىليون - 280 مىليون دېھقان ئىشلەمچىنى ئىشلەمچىلىك قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شۇڭا بىز بۇ يىل ماكرولۇق سىياسەت تۈزگەندە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىدە يەنىلا چىڭ تۇردۇق، بىز داۋاملىق تۈردە «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باش ئورۇنغا قويىمىز. بۇلتۇر چىقىرىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىرلەر تەڭشەپ چېكىندۈرۈلمەيلا قالماي، يەنە سەل كۆپەيتىلدى، باشقا سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ يىل بىز شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن 11 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنى بېكىتتۇق، ئەمەلىي ئىجرا قىلىش داۋامىدا يەنىمۇ يۇقىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز يەنە شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇردۇقكى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا يەنىلا بازارنى باش رول ئالغۇزۇش كېرەك، يەنى داۋاملىق بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولۇش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. بۇلتۇر يۇقۇمدا ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بولدى، بىزنىڭ بۇ بىرنەچچە يىللىق تەرەققىياتىمىزدىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەمىزگە ئوخشاش، جۈملىدىن توردا مال سېتىۋېلىش، تېز يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتىمۇ تېز سۈرئەتتە ئاشتى، يەنە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بىز بىر تەرەپتىن نىسپىي مۇقىم بولغان ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە داۋاملىق ئىلھام بېرىشىمىز، يەنە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ ئېچىشىمىز كېرەك. ھازىر جۇڭگودا جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش گۈللىنىۋاتىدۇ، بۇ، 200 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە چېتىلدى. بەزىلەر ئۆزى يالغۇز نەچچە كىشىلىك ئىش قىلىپ، ناھايىتى جاپا تارتىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز ئۇلارغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىشىمىز، بولۇپمۇ مېخانىزم خاراكتېرلىك چارە ئارقىلىق يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي زەخىملىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. بۇ ھەم جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ تېخىمۇ ساغلام، مۇقىم ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

بايا مۇخبىر دوستىمىز تىلغا ئالغان ياشانغانلار مەسىلىسىگە كەلسەك، جۇڭگودىكى ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى 260 مىليونغا يېتىدۇ، ياشانغانلار كەسپىنى غايەت زور يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ، دېيىشكىمۇ بولىدۇ، ئۇ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياج ئېلىپ كەلدى. دەل جۇڭگو بازىرىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجى بولغاچقا، مۇشۇنداق بىر كەڭ بازار يەنە مۇقەررەر ھالدا چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتى، مۇلازىمىتى ھەتتا مەبلەغ سېلىشىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ بازىرىمىز ئېچىۋېتىلگەن.

جۇڭگودا 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇس بار، ئەمگەك كۈچى بايلىقىنى ئەڭ مول بايلىق، دېيىشكە بولىدۇ، جۇڭگو خەلقى يەنە جاپاغا چىدايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى بولسىلا كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ. «ئادەم ھاياتىدا تىرىشچان بولۇشى كېرەك، شۇندىلا ھېچنېمىسى كەم بولمايدۇ.» مەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، تەدرىجىي ھالدا ئورتاق بېيىشقا قاراپ قەدەم تاشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ئىسپانىيە ئې ف ئې ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى ئالدىنقى ئايدا ۋۇخەنگە زىيارەتكە بارغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا قارىتا ئاشكارىلىق دەرىجىسى كەمچىل بولدى، دەپ ئەيىبلىدى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى جۇڭگو تەرەپتىكى خىزمەتداشلارنىڭ نۇرغۇن خىزمەت تەپسىلاتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولغانلىقىنى كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى 2019 - يىلى 10 - ئايدىن 12 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان كېسەللىك مىسالى بىلەن بولغان تېخىمۇ كۆپ دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو تەرەپ بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەشنى خالامدۇ - يوق؟ ياكى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ جۇڭگوغا قىلىدىغان زىيارىتىنى يەنە بىر قېتىم كۈتۈۋېلىشنى خالامدۇ - يوق؟

لى كېچياڭ: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى، جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرگە ئوخشاش ۋىرۇسنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى تېزدىن ئېنىقلاپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇمنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پايدىلىق. لېكىن يۇقۇمنى مەنبەدىن تەكشۈرۈش ھەقىقەتەن بىر مۇرەككەپ ئىلمىي مەسىلە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىجىل تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق پىرىنسىپى ۋە پوزىتسىيەسى بويىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلايدۇ، شۇنداقلا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جۇڭگودا مەنبەدىن تەكشۈرۈش تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ. كېيىنكى قەدەمدە بىز يەنە داۋاملىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي بولغان مەنبەدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

ھازىر يۇقۇم يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامرىماقتا، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش مەنبەدىن تەكشۈرۈش بولۇپلا قالماستىن، يەنە ۋاكسىنا ئەملەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قول تۇتۇشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ بۇنداق بىر ئورتاق دۈشمىنى ئالدىدا، ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭلا غېمىدە بولۇپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ. بىز يەنە ئىنسانلارنىڭ بۇ كېسەل ئالۋاستىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز، مەن يەنە كېلەر يىلى بىزنىڭ يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى مۇخبىرى: سىز ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2021 - يىللىق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى %6تىن يۇقىرى بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز، نۆۋەتتە نۇرغۇن خەلقئارا ئاپپاراتلار جۇڭگونىڭ 2021 - يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى %8 ئەتراپىغا يېتىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا، «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ كۆلىمى زورايغاندىن باشقا، يەنە دۇنياۋى خاراكتېرلىك مەبلەغ زىيادە بولۇش سەۋەبىدىن ئۆي مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش زىيادە قىزغىنلىقى كېلىپ چىقىش خەۋپى مەۋجۇت، ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەڭ قويۇۋېتىلگەن مالىيە ۋە پۇل سىياسىتىنى قوللاندى. زۇڭلىدىن سوراپ باقسام، بۇنداق ئەھۋالدا بۇ يىل ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئازراق تارىيىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇتمۇ؟ ياپونىيە ئىقتىساد تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۆلچەرىچە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى 2028 - يىلى ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

لى كېچياڭ: مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، بىزنىڭ ئىقتىسادنى %6تىن يۇقىرى ئاشۇرۇش كۆزلىمە نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز ھەقىقەتەن كۆپ تەرەپنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، نۇرغۇن تەھلىللەر بار. بەزىلەر ئاكتىپ دەپ قارىدى، يەنە بەزىلەر مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن دەپ قارىدى. بىز ئەلۋەتتە ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىنى كۆرۈشنى خالايمىز. لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، بۇ يىل ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدۇق، سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئامىللار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىدىكى ئېنىقسىزلىق يەنىلا ناھايىتى چوڭ. بىز %6تىن يۇقىرى ئاشۇرىمىز دېدۇق، %6 تۆۋەن ئەمەس، ھازىر بىزنىڭ ئىقتىسادىمىزنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 100 تىرىليون يۈەنگە يەتتى، %6 ئاشسا 6 تىرىليون يۈەن بولىدۇ، «13 - بەش يىل»نىڭ دەسلىپىدە بولغان بولسا، %8تىن يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى بولغاندىلا ئاندىن بۇنىڭغا يەتكىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ %6تىن يۇقىرى ئاشۇرىمىز دېگىنىمىز ئېھتىماللىق قالدۇرغىنىمىز، ئەمەلىيەت جەريانىدا تېخىمۇ يۇقىرى ئېشىشى مۇمكىن. لېكىن بىز پىلان تۈزۈۋاتمايمىز، كۆزلىمىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىمىز، كۆزلىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئاساسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقنى ساقلاشنى، بولۇپمۇ كېلەر يىللىق، كېيىنكى يىللىق نىشانلار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا بازار مۆلچەرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىر مەھەللىك تېز مېڭىشنىڭ پۇختا مېڭىش بولۇشى ناتايىن، پۇختا ماڭغاندىلا ئاندىن مەزمۇت ماڭغىلى بولىدۇ. بىز يەنىلا جۇڭگودىن ئىبارەت بۇنداق بىر غايەت زور ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىپ، ئۇزاق مەزگىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇلتۇر ئاز كۆرۈلىدىغان غايەت زور زەربە ئالدىدا، بىز ۋاقتىدا كەسكىن تەدبىر قوللاندۇق، لېكىن يەنە ئىرادىمىزنى ساقلىدۇق، «باستۇرۇپ سۇغىرىش» بىلەن شۇغۇللانمىدۇق. بىزنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مالىيە مەبلەغ كۆلىمىمىز 2 تىرىليون يۈەن بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى بازار سۇبيېكتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلدى، ئاساسلىقى باج كېمەيتىلىپ ھەق تۆۋەنلىتىلدى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈش مېخانىزمى قوللىنىلدى، يەنى «جان قۇتقۇزۇش پۇلى» ئەڭ تېز بولغاندا يەتتە كۈن ئىچىدە ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق مالىيە كۈچى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، ناھايىتى تېزلا ئۈنۈم كۆرۈلدى. ئەگەر بىز ئەينى چاغدا چوڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇش، چوڭ كەسىپلەرنى يولغا قويۇشنى نۇقتىلىق ئويلاشقان بولساق، بۇلارنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئەمەس، لېكىن دەلىللەشتە يەنە بازارنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، 200 كۈندىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، پەقەت بىر ھەپتە ۋاقىتتىلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويساق، كارخانىلار زور تۈركۈمدە تاقىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇلتۇر مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللانغان سىياسەت كۆلىمى ۋە سالمىقى سەل كىچىكمۇ قانداق دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بىز «ئوغۇت»نى يىلتىزىغا بەردۇق، سىياسەتنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردۇق، شۇڭا تېز ئۈنۈم بەردى، رول ئوينىدى. ھازىر قارايدىغان بولساق، بۇ كۆلەم ۋە سالماق مۇۋاپىق بولغان، تەييارلانغان زاپاس سىياسەتمۇ كېيىن ئىشلىتىلمىدى.

بۇلتۇر بىز كەڭ قويۇۋېتىش سىياسىتىنى ياكى ئاتالمىش مىقدارلاشتۇرۇش، كەڭ قويۇۋېتىشنى قوللانمىدۇق، بۇ يىلمۇ «جىددىي بۇرۇلۇش»نىڭ ھاجىتى يوق، يەنىلا سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنى كۈچەپ مۇقىم مۇستەھكەملەپ، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاشتا يەنىلا «ئوغۇت»نى يىلتىزغا بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھازىر بازار سۇبيېكتى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار يەنىلا ھاياتىي كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئەسلىگە كەلگەچكە، بىز سىياسەتنى مۇۋاپىق تەڭشىشىمىز كېرەك، لېكىن تەڭشەش مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، بەزى باسقۇچ خاراكتېرلىك سىياسەتلەر قايتۇرۇلسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بەزى قۇرۇلما خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى كېمەيتمەسلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.

قانداق قىلغاندا سالماقنى كېمەيتمەسلىكنى ساقلىغىلى بولىدۇ؟ مەبلەغ كۆلىمى ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم، لېكىن پۇلنى ياخشى ئىشلىتىش تېخىمۇ مۇھىم، بىز بۇلتۇر ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە توپلىغان تەجرىبىلەردىن داۋاملىق پايدىلانساق بولىدۇ. مەسىلەن، مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتە، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا «بىرنى ئازايتىش، بىرنى ئاشۇرۇش، بىرنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىتىش» كېرەك. «بىرنى ئازايتىش» مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شۇ دەرىجىلىك چىقىمىنى ئازايتىش بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر باشلامچىلىق بىلەن ئىقتىسادچان تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك؛ «بىرنى ئاشۇرۇش» مەبلەغنى بىۋاسىتە يەتكۈزۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە بازار سۇبيېكتلىرىغا سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنىڭ كېمەيمىگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭدا تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزگىلى، خەلققە نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ؛ «بىرنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىدا تۆۋەنلىتىش» پىشاڭ نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى پايدىنى مۇۋاپىق ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يېتەكلەش بولۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى مۇقىملىق ئاساسىدا تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئەلۋەتتە، بىز تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭمۇ ۋاقتىدا ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز.

جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ تۈپ مەقسىتى جۇڭگو خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭگو يەنىلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. بىز مەۋقەنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى كۈچەپ ياخشى قىلىشقا قويىمىز. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنىڭ ھەممىسىگە مۇھىم تۆھپە قوشقانلىق.

جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: زۇڭلى ياخشىمۇسىز. ئالدىنقى ئىككى يىلدا دوختۇرخانىدا يېتىش ھەققىنى باشقا جايدا ئاتچوت قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ، باشقا جايدا داۋالىنىشقا زور قولايلىق يارىتىلدى. ئەمما نۇرغۇن كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ، يەنە نۇرغۇن ياشانغانلار باشقا جايدا كۈتۈنىدۇ، ئۇلار ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىپ دورا يازدۇرسا، يەنە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ئاتچوت قىلدۇرۇشى كېرەك، بۇ بەك قولايسىز، شۇڭا سوراپ باقسام، ئامبۇلاتورىيە ھەققىنى ئاتچوت قىلىش قاچان ھەل قىلىنىدۇ؟

لى كېچياڭ: مەن جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىدىكى راست نام بىلەن قالدۇرۇلغان سۆزدىن بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى كۆردۈم. دەرۋەقە، بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ ئالدىدا، كۆپچىلىك نۇرغۇن ياشانغانلارنىڭ بالىلارنى ئاپىرىپ - ئەكىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، بۇ ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى باشقا جايدا كۈتۈنۈش ئۈچۈن ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ بالىلىرىنى بېقىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى دائىم باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ پايپېتەك بولىدۇ، بۇ مەسىلىنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك. بۇ يىل ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئۆلكە ھالقىپ بىۋاسىتە ئاتچوت قىلدۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز، كېلەر يىلىنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ھەربىر ناھىيەدە بىر بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتى بېكىتىلىپ، ئامبۇلاتورىيە خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالاش ھەققى بىۋاسىتە ئاتچوت قىلدۇرۇلىدۇ، بۇ ياشانغانلارنى يەنە بۇ ئىش ئۈچۈن غەم قىلدۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ ئىش، يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار قارىماققا ئانچە چوڭ ئىش ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ھۆكۈمەت خادىملىرى كۆپرەك كۆڭۈل بۆلسىلا، ياشانغانلارنى، ئائىلىلەرنى تېخىمۇ كۆپرەك خاتىرجەملىككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

فېڭخۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى: ئۆتكەن بىر يىلدا شياڭگاڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى، كەلگۈسى ئىككى يىلدا يەنە سايلام يىلىغا قەدەم قويىدۇ، مۇشۇ چاغدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شياڭگاڭ سايلىمىغا ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ. تاشقى دۇنيا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ قانداق قىلىپ داۋاملىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىشىگە ناھايىتى دىققەت قىلىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» شياڭگاڭدا كەلگۈسىدە قانداق قىلىپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ؟

لى كېچياڭ: بىز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇنغا قاتتىق ئاساسلانغان ھالدا ئىش كۆرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا ئائىت قانۇن - تۈزۈملەر ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايمىز، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق.

بايا سىز مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا چىقارغان قارارىنى سورىدىڭىز، قاراردا «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ تۈزۈم سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشمۇ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇلتۇر شياڭگاڭ تەكرار زەربىگە ئۇچرىدى، بىز شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەركىزىي ھۆكۈمەت داۋاملىق پۈتۈن كۈچى بىلەن مەدەت بېرىدۇ.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى: دۆلەت پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن نۆۋەتتە بىر قىسىم نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردا بىزدە يەنىلا كەمتۈكلۈك مەۋجۇت، ھەتتا «گالنى بوغىدىغان» ئەھۋاللار كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىشتەك بەزى ھادىسىلەرنى كۆردۇق، مەسىلەن، بىر قىسىم رايونلاردا، بىر قىسىم يۇقىرى، يېڭى كەسىپ تۈرلىرىگە كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىنىپ، ئىشنىڭ ئايىغى چىقمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. سىز بۇنداق ئەھۋالغا قانداق قارايسىز؟ كەلگۈسىدە ھۆكۈمەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە يەنە قانداق يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟

لى كېچياڭ: كۆپ يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدە بەزى مۇھىم، زور بۆسۈشلەر بولدى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى تېز بولدى، لېكىن ئاساس تەتقىقات ساھەسىدە ھەقىقەتەن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە، جەزمەن ئاساس تەتقىقات ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان ئاساس تەتقىقاتتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. ئۇل قانچە چوڭقۇر سېلىنسا، ئاندىن بىنانى شۇنچە ئېگىز سالغىلى بولىدۇ. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغلاشماي، ھەر بىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ مېڭىش كېرەك.

نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن جەمئىيەت تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تېخى يۇقىرى ئەمەس، بولۇپمۇ ئاساس تەتقىقات سېلىنمىسى تەتقىقات سېلىنمىسىنىڭ پەقەت %6ىنى ئىگىلەيدۇ، ھالبۇكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئادەتتە %15تىن %25كىچە بولىدۇ. بىز كېيىنكى قەدەمدە ئاساس تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسىنى داۋاملىق ئىسلاھ قىلىپ، پەن - تەتقىقات خادىملىرىنى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى پەن - تەتقىقات خادىملىرىنى خىراجەتنى ئۆز ئالدىغا ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك، پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قىممەتلىك زېھنىي كۈچىنى جەدۋەل تولدۇرۇش، سېلىشتۇرۇپ باھالاش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلدۇرماسلىقىمىز، يەنىلا ئۇلارنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك، زور مىقداردا جۇغلىغاندىلا ئاندىن ئاز - ئازدىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ يەردە مەن ياش ئوقۇغۇچىلارغا بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن، سىلەر كەلگۈسىدە قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىڭلاردىن، قانداق ئارزۇيۇڭلار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە دىققەت قىلىشىڭلار كېرەك، ئاساسىي ماھارەتنى مۇستەھكەملەش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى بىر - بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. مىڭ گەز ئېگىز دەرەخنىڭمۇ ئوزۇقلۇقى يەنىلا يىلتىزىدا بولىدۇ. ئۇلنى پۇختىلىساق، كەلگۈسىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالالايمىز، ھەر ساھەدە قالتىس كارامەتلەرنى كۆرسىتەلەيمىز.

يېڭىلىق يارىتىشتا يەنىلا بازارنىڭ كۈچىگە تايىنىش كېرەك. كارخانا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سۇبيېكتى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە ھۆكۈمەت پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەت كۈچلىرىگە تېخىمۇ كۆپ تايىنىپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىدۇ، شۇڭا بىز «پۈتكۈل جەمئىيەت» دائىرىسىدە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قىسىم مېخانىزملارنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، بۇ يىل بىز ياسىمىچىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىراجىتى سېلىنمىسىنى قوشۇپ ھېسابلاپ %100 چىقىرىۋېتىش تەدبىرىنى قوللاندۇق، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر تۈرلۈك باجدا ئېتىبار بېرىش بولۇپ، بازارلاشتۇرۇپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمى چارىسى ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئەلۋەتتە، تەتقىق قىلىپ ئېچىشتا ئىختىساسلىقلارغا تايىنىش كېرەك، جۇڭگونىڭ ئىختىساسلىقلار بايلىقى مول. بىز بىر تەرەپتىن باشلامچى، سەر خىل ئىختىساسلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭمۇ قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەك. مۇشۇ يىللاردا، بىز «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»قا تۈرتكە بولۇپ، «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش» ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي قوللىنىشچان يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولدۇق، شۇنداقلا بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ زور بوشلۇق ياراتتۇق.

بىز پەن - تېخنىكىدا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك دەيمىز، ئالىملار جاسارەت بىلەن تىرىشىشى كېرەك، بۇ، خەلقئارا ھەمكارلىق، كەسىپداشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى بىر - بىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىلمىي ئىزدىنىش بىلەن كەشپىيات، بايقاشلار ھەمكارلىشىشقا، ئورتاق تىرىشىشقا موھتاج. بېكىنىۋېلىشنىڭ ئىستىقبالى يوق، زەنجىر ئۈزۈلۈشنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوق. جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئاساسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يۈكسىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مۇخبىرى: ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى پەسكوي ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى كۆپ قېتىم بۇنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتايىن خاتا بولغان جۇڭگوغا قارشى سىياسەتنى يولغا قويغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇلارمۇ ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ قالايمىقانچىلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئوڭشىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەمما ۋاشىنگتوندىن كەلگەن نۇرغۇن سادالار جۇڭگو تەرەپنىڭ ھۆكۈمى ۋە مەيدانىنىڭ مۇھىم ئىككى نۇقتىغا سەل قارىغانلىقىنى بىلدۈردى: بىرى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى ئىككى تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن بولۇپ، بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دائىم: مەسئۇلىيەت پۈتۈنلەي ئامېرىكا تەرەپتە، دېگىنىدەك ئەمەس؛ يەنە بىر نۇقتا، جۇڭگوغا بولغان پوزىتسىيە ھەمدە مۇھىم، زور سىياسەت جەھەتتە، مەيلى يۇقۇم ئەھۋالىنى مەنبەدىن تەكشۈرۈش بولسۇن ياكى شياڭگاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق مەسىلىلەردە بولسۇن، ئامېرىكىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە ئەمەلىيەتتە يۈكسەك ئورتاق تونۇشقا ئىگە. سىز ئامېرىكىدىن كەلگەن بۇ خىل قاراشقا قانداق ئىنكاس قايتۇرىسىز؟ بولۇپمۇ ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت كېلەر ھەپتە ئالياسكىدا بايدېن تەختكە چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ئۆتكۈزىدىغان پەيتتە، جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار سىياسەت ۋە مەيدانىنى تەڭشەپ ياكى ئۆزگەرتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قايتا باشلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولامدۇ - يوق؟

لى كېچياڭ: ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەقىقەتەن ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو ۋە ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمكارلاشسا ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق، ئېلىشسا ئىككىلا تەرەپكە زىيانلىق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 40 نەچچە يىل بولدى، بوران - چاپقۇن، ئەگرى - توقايلىقلاردىن ھالقىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلىشى يەنىلا دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولغانلىقىدىندۇر. بىز ئىككى تەرەپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن تېلېفونلاشقانلىقنىڭ روھى بويىچە، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماي، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ، ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى.

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تەرەققىيات باسقۇچى، جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشىمايدۇ، ئۆزئارا ئالاقە قىلىشقاندا زىددىيەت، ئىختىلاپلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەزىدە ھەتتا بىر قەدەر كەسكىن بولىدۇ، ئاچقۇچ بۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ئەقىل - پاراسەتلىك، ئىقتىدارلىق، ئىككى تەرەپ يەنىلا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ سۆھبەتلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كۆپ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق سۆھبىتىنىڭ بولۇشىنى، بىر مەھەل ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ گۇماننى تۈگىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بۇ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەش ۋە تۈگىتىشكە پايدىلىق.

جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان نۇرغۇن ساھەلەر بار. بۇلتۇرقى كۆپ تەرەپلىمە زەربە ئارقا كۆرۈنۈشىدە، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ سودا كۆلىمى يەنىلا 4 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %8.8 ئاشتى. بىز يەنىلا تېخىمۇ كۆپ زېھنىمىزنى ئورتاق نۇقتىغا قويۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم مەسئۇلىيىتى بار. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەگرى - توقايلىقلاردىن ھالقىپ ئالدىغا قاراپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى: سىز بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدىڭىز. ھازىر بەزى بازار سۇبيېكتلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئادىل رىقابەت، بازار مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە بەزى قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بۇ يىل ھۆكۈمەت قانداق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى پەسەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ؟

لى كېچياڭ: بۇلتۇر بىز ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتقاندا، ناھايىتى گەۋدىلىك بولغان بىر نۇقتا شۇ بولدىكى، ماكرولۇق سىياسەت تۈزگەندە ۋە يولغا قويغاندا، بازار سۇبيېكتىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ئويلىشىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى كۆتۈردۇق. جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈردۇق ۋە تەرەققىي قىلدۇردۇق. بازار سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرگەندە، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى بەش يىلدا، بىزنىڭ بازار سۇبيېكتىمىز 60 مىليوندىن ئارتۇق كۆپەيدى. بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە، كېيىنكى مەزگىلدە تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىپ ئاشتى، ھازىر بازار سۇبيېكتىنىڭ ئومۇمىي سانى 130 مىليوندىن كۆپرەككە يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلتۇر يەككە سودا - سانائەتچىدىن يەنە 10 مىليوندىن كۆپرەكى يېڭىدىن كۆپىيىپ، 80 نەچچە مىليوندىن 90 نەچچە مىليونغا كۆپەيدى، بۇ، 200 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، جانلاندۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشى.

بۇ يىل بىز سىياسەت تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشتا يەنىلا داۋاملىق بازار سۇبيېكتىنى چۆرىدەيمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتىنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، بەلكى جانلاندۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇلتۇر بىز كەلگۈسى تەرەققىياتقا ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك دېگەن ئىدۇق، بۇ يىل بازار سۇبيېكتىنى ساقلاپ قالساقلا، ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكىلىقىنى تولۇق نامايان قىلغىلى بولىدۇ، دەيمىز. شۇڭا ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشتە بازار سۇبيېكتىدا بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقنى ئۇلارغا بېرىپ، ئۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسىغا قارىتا، بىز داۋاملىق ھالقىنى قىسقارتىشىمىز، ماتېرىيالنى قىسقارتىشىمىز، خىراجەتنى قىسقارتىشىمىز، ۋاقىت چېكىنى قىسقارتىشىمىز كېرەك. بىر تەرەپتىن بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشىمىز، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قويۇۋېتىپ رىقابەتلىشىشى ئۈچۈن چەكلىمىلەرنى بوشىتىشىمىز كېرەك.

ئەلۋەتتە، رىقابەتنىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن جەزمەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بولۇشى كېرەك. ئادىل باشقۇرغاندىلا، ھەققانىي باشقۇرغاندىلا بازار سۇبيېكتىنىڭ ھەقىقىي ئىجادچانلىقىنى نامايان قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، بۇنىڭ ھەممىسى ئىسلاھات. بىز «ئالاقە تورى +»، نەرسە تورىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى قوللىدۇق، لېكىن كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئالدامچىلىق قىلغان، ساختىلىق قىلىپ ئىناۋىتىنى يوقاتقان ياكى يېڭى كەسىپ ھالىتى نامىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلغان، قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغانلارغا قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك، چۈنكى بازار قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىلسە، ئادىللىق بولمىسا، رىقابەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچنى نامايان قىلغىلى بولمايدۇ.

ھۆكۈمەت يەنە ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش، سەمىمىي بولۇش، ئىنچىكە ئىشلەپ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى كارخانا، خەلق ئاممىسىغا چېتىلىدىغان دائىم بېجىرىدىغان ئىشلارغا قارىتا توردا بېجىرىش، يان تېلېفوندا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە، جەمئىيەتتە ئىجادچانلىققا ئىگە قىلىش كېرەك.

تەيۋەن سىمسىز سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، تەيۋەن تەرەپ چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىدە نۆۋەتتە پەسىيىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى، چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ، كەلگۈسىدە قانداق مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىدۇ؟

لى كېچياڭ: بىزنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان زور سىياسەت فاڭجېنىمىز ئىزچىل، شۇنداقلا ئىنتايىن ئېنىق، يەنى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇش. مۇشۇ ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، بىز تەيۋەندىكى ھەرقانداق سىياسىي پارتىيە، تەشكىلاتنىڭ بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، شۇنداقلا تەيۋەندىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، زاتلارنىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا بىز بىلەن سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.

بىز ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قارشى تۇرىمىز، شۇنداقلا تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىمىز.

بىز ئىزچىل «ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. بۇ بىر نەچچە يىلدا تەيۋەن كارخانىلىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن سىياسەتلەر چىقىرىلدى. نۇرغۇن تەيۋەن كارخانىلىرى ۋە قېرىنداشلار بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىمىز.

خەلق گېزىتخانىسى مۇخبىرى: يۇقۇم قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە بەزى قىيىن مەسىلىلەر گەۋدىلىك بولدى، مەسىلەن، داۋالىنىش، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىقلار دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈككە ئايلاندى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا تەسىر كۆرسەتتى. ھۆكۈمەت قايسى جەھەتلەردىن قول سېلىپ بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ؟

لى كېچياڭ: بۇ يىل ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي چىقىمى بۇلتۇرقىدىن سەل كۆپەيدى، تەخسىمۇ كىچىك ئەمەس، شۇڭا مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولغان خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىمىز، بولۇپمۇ مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە ئاساسىي داۋالىنىش. ئەگەر كېيىنكى يېرىم يىلدا ئىقتىساد سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەنسە، ئۇنداقتا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ مالىيە چىقىمى، جۈملىدىن قەرز چىقىمىنى بۇ ساھەلەرگە مايىللاشتۇرىمىز. بۇنىڭ شۇ يىللىق GDPنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى روشەن بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما يىراق كەلگۈسى تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە تىرەكلىك رول ئوينايدۇ. بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك، بۇ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يۆنىلىشى قىلىشى كېرەك.

مائارىپ ۋە ساغلاملىق ھەربىر ئائىلە، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. مەن ئىككى يىغىندا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، بىر ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرى: ھازىر ناھىيەلىك، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى كەمچىل، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى يۇقىرى ئەمەس، ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرۈشمۇ ناھايىتى قىيىن، دېدى. بىز بۇ يىل قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ناھىيە، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئۇلارنى خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇش تارىخىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز، ئۇنۋان باھالاشتا مايىل سىياسەت قوللىنىمىز. شەھەرلەردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىگە قارىتا، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئالسىلا، ئۇلارنى چوقۇم تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز. ئائىلە ئەھۋالى، رايوننىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن، بالىلارنىڭ باشلىنىش پەللىسىدىلا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. پۇرسەت ئادىللىقى ئىچىدە، مائارىپ ئادىللىقى ئەڭ چوڭ ئادىللىق.

ساغلاملىق بەختنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. ھازىر ناھىيە، يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە كۈچى يەنىلا بىرقەدەر ئاجىز، نۇرغۇن كىشى كېسەل بولسا چوڭ شەھەرلەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا قاترايدۇ. بۇ يىل بىز كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق دوختۇرخانا، شىپاخانىلارغا قارىتىلغان سېلىنمىنى زورايتىپ، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسى ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرگە بېرىلىدىغان دورىلارنى ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دورا ۋە يۇقىرى قىممەتتىكى داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئامما ھەقىقىي ھېس قىلالايدىغان بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە كۆپرەك قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، كېسەل داۋالاتقاندىكى بېسىمىنى ئازايتىمىز. بۇمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش جەھەتتە، ھۆكۈمەت يەنە جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى مەھەللە مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، ئىمكانقەدەر باج ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىپ قوللاپ، ئائىلىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش جەھەتتىكى يۈكىنى ئازراق يېنىكلىتىپلا قالماي، يەنە كۆپرەك ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ. قىسقىسى، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتىكى ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بىز تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقىنىمىز كەڭ كۆلەمدە قاپلىغان، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى. ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي تەرەققىيات داۋامىدا سەۋىيەنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك، لېكىن مۇھىم نۇقتىنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ھەممە ئادەمگە، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە ئاساسىي داۋالىنىشقا قارىتا، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك.

سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى مۇخبىرى: جۇڭگو دۆلەت ئىچىدە چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «قورشاۋى»دا مەجبۇرىي قوللانغان مەلۇم ئىستراتېگىيەلىك تارىيىش تەدبىرىمۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى دۆلەت ئىچى بازىرىنى بەرپا قىلغان چاغدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ چەت ئەل مەبلىغىگە قالدۇرۇلغان بوشلۇق كەلگۈسىدە بارغانسېرى كىچىكلەمدۇ قانداق؟

لى كېچياڭ: جۇڭگو مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ھەم دۆلەت ئىچى بازىرىنى زورايتىش، ھەم ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى، بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن دېيىشكە بولىدۇ، ئىشىكنى تاقىۋالغاندا چىقىش يولى بولمايدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىدۇ، بۇ، جۇڭگونىڭ ئۆز مەنپەئىتىنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا دۇنياغا پايدىلىق. جۇڭگونىڭ ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنى زورايتىپ، ئۆز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمۇ چەت ئەل مەبلىغى، چەت ئەل مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىگە غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. مەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، بىر كارخانىچى: ئىچكى ئايلىنىشنى تۇتۇشتا دۆلەت ئىچى بازىرىنى كېڭەيتىش كېرەك، قوش ئايلىنىشنى تۇتۇشتا خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىش كېرەك، ئىككى بازارنى يەنە تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ، دېدى. ئۇ ناھايىتى سەمىمىي گەپ قىلدى، سۆزى ئىخچام، مەزمۇنلۇق بولدى.

ئېچىۋېتىشتە يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تىرىشىپ، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشى كېرەك. سەككىز يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، بۇلتۇر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت، جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق 15 دۆلەت RCEP كېلىشىمىنى پۈتۈشتى، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونى، بۇنى ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى، مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادىتى، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدىكى دۆلەتلەر ئورتاق قۇرغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان، باراۋەر مۇئامىلە قىلغاندىلا، ئورتاق تونۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ياردەم بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ. جۇڭگو دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بىز ئۆز رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدايمىز. پەقەت ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشقا پايدىلىق بولسىلا، مەيلى كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك مېخانىزم بولسۇن، بىز ھەممىسىگە ئاكتىپ، ئوچۇق پوزىتسىيەدە بولىمىز.

بىز يەنىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىرتقا ئېچىۋېتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش پاسسىپ تىزىملىكىنى داۋاملىق قىسقارتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتقا ئېچىۋېتىشكە داۋاملىق تۈرتكە بولىمىز. مەن نۇرغۇن چەت ئەل كارخانىسىنىڭ جۇڭگونىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم، بىز يەنە بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىمىز. ئومۇمەن ئېيتقاندا، كۆپ خىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش داۋامىدا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگونى داۋاملىق چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان مۇھىم مەنزىلگە، دۇنيادىكى چوڭ بازارغا ئايلاندۇرىمىز.

مۇخبىرلار يىغىنى تور سىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئاساسىي يىغىن مەيدانى خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا تەسىس قىلىندى، شۆبە يىغىن مەيدانى مېيدىيا ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە تەسىس قىلىندى. مۇخبىرلار يىغىنى تەخمىنەن 110 مىنۇت داۋاملاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.