ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، يېپيېڭى مۇساپىنى باشلايلى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، يېپيېڭى مۇساپىنى باشلايلى

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك يېپىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

«باھاردا دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھلار بىخ سۈرۈپ، تاغ - دالىلار گۈزەل تۈسكە كىردى.» كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان باھاردا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك قارالمىلارنى تولۇق تاماملاپ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. بىز يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

بۇ بىر قېتىملىق دېموكراتىك، ئىتتىپاقلاشقان، ئەمەلىيەتچىل، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن يىغىن بولدى. يىغىن مەزگىلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى ئەزالار گۇرۇپپىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ھەم بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ئەزالار بىلەن بىللە دۆلەت زور ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، بىرلىكتە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ تولۇق ئادا قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ۋە باشقا ئالاقىدار دوكلاتلارنى ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى، قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى بىردەك قۇۋۋەتلىدى ھەم قەتئىي قوللىدى. رىتىم تېز، ۋەزىپە ئېغىر ئەھۋالدا، بارلىق ئەزالار يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى تەلەپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، شۇنداقلا «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل. «14 - بەش يىل»نىڭ سەلتەنەتلىك مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ بىزنىڭ ئىرادە ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا غەيرەت ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرسىمۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلىشىپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بازا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان، تەربىيەلەيدىغان ۋە يېتەكلەيدىغان مۇھىم سۇپا، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتنى تۈگىتىدىغان ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان مۇھىم يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خاراكتېرى ۋە ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سەۋىيەدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىشى، كۆپنىڭ كۈچىنى توپلىشى كېرەك.

يېڭى دەۋر يېڭى ۋەزىپىلەرنى يۈكلىدى، يېڭى مۇساپىدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھېسسىياتى بىلەن خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ قاتناشقۇچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى بولۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى، خەلقچىللىق قەلبى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، يېڭى شەرەپ قۇچۇپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىپ گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ يېپيېڭى مۇساپىنى باشلايلى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، ۋەزىپە مۈشكۈل، ئىستىقبال پارلاق. ئۇلۇغ نىشان ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا چاقىرماقتا، شەرەپلىك بۇرچ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە چاقىرماقتا. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.