تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 2- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئائىت قارار لايىھەسى توغرىسىدىكى تۈزىتىلمە نۇسخىسى قاتارلىقلارنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكى 174 كىشى، قاتناشقانلار 171 كىشى، قاتنىشالمىغانلار ئۈچ كىشى، قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى سىڭدۈرۈلۈپتۇ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا خۇلاسىلىنىپ، ۋەزىيەت توغرا، چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپتۇ، بەلگىلەنگەن نىشان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بوپتۇ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. دوكلاتتا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ چوڭقۇر ئىگىلەنگەنلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە ماسلىشىپتۇ، بۇ، بايرىقى روشەن، قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل دوكلات بوپتۇ. ۋەكىللەر بۇ دوكلاتنى ئومۇميۈزلۈك قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋەكىللەر گوۋۇيۈەننىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىدى. قاراپ چىقىشتا، ۋەكىللەر بەزى پىكىر ۋە تەۋسىيەلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تولۇقلىدى، جەمئىي 81 جاينى تۈزەتتى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرى ۋە دوكلاتنى تۈزىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى شۈ شاۋشى يىغىنغا مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتى بەردى. مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق قارىدى: پىروگرامما لايىھەسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ۋە تەلەپكە ئۇيغۇن، بۇنىڭدا مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى (لايىھە)»نى تەستىقلاش تەكلىپى بېرىمىز.

شۈ شاۋشى يىغىنغا مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق قارىدى: 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى. گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2021 - يىللىق پىلان دوكلاتى ۋە پىلان لايىھەسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشاننى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچ ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاش، 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەستىقلاش تەكلىپى بەردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شى ياۋبىن يىغىنغا مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى مۇنداق قارىدى: 2020 - يىلى مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولدى. گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىدە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، بۇ، خامچوت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن يولغا قويۇشقا بولىدۇ. 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ گوۋۇيۈەن ئوتتۇرىغا قويغان «2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»نى تەستىقلاش، 2021 - يىللىق مەركەزنىڭ خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلاش، شۇنىڭ بىلەن بىللە 2021 - يىللىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەتتىكى قەرز پۇل قالدۇق سومما نورمىسى 15 تىرىليون 108 مىليارد 922 مىليون يۈەننى، مەخسۇس تۈر قەرز پۇل قالدۇق سومما نورمىسى 18 تىرىليون 168 مىليارد 508 مىليون يۈەننى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى.

يىغىن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئۈچ قاراپ چىقىش تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوكلاتىنى ماقۇللىدى.

3 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگرامما لايىھەسىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، پىروگرامما لايىھەسىگە ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى، جەمئىي 55 جايغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى پىلان دوكلاتى بىلەن پىلان لايىھەسى، خامچوت دوكلاتى بىلەن خامچوت لايىھەسىنى ئەستايىدىل تەكشۈردى. گوۋۇيۈەن ۋەكىللەرنىڭ تەكشۈرۈش پىكرىگە ئاساسەن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى دوكلاتقا ئەستايىدىل تۈزىتىش كىرگۈزدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ تەكشۈرۈش پىكرى، گوۋۇيۈەن چىقارغان تۈزىتىش ۋە مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتقا ئاساسەن، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسى، پىلان دوكلاتى بىلەن پىلان لايىھەسى، خامچوت دوكلاتى بىلەن مەركەزنىڭ خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلاش تەكلىپىنى بەردى ھەم «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، پىلان دوكلاتى بىلەن پىلان، خامچوت دوكلاتى بىلەن خامچوت توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنى ۋاكالىتەن تەييارلىدى. يىغىن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 2020 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، 2020 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئائىت قارار لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىش پىكرىگە ئاساسەن، تۈرلۈك لايىھەلەرگە قاراپ چىقىپ، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئىككى قارار لايىھەسى ۋە بىر قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ئايرىم - ئايرىم ئوتتۇرىغا قويدى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىدا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي بەرگەن ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، بۇ ئۈچ قاراپ چىقىش نەتىجىسى دوكلاتى ھەم قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئىككى قارار لايىھەسى ۋە بىر قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسى ماقۇللاندى ھەم قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئىككى قارار لايىھەسى ۋە بىر قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلمە نۇسخىسىنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.