تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

شى جىنپىڭ چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك

3-ئاينىڭ 7-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات «14-بەش يىل» ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر ئىقتىسادىي تەلەپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ؛ پەقەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارغىلا قويۇلغان تەلەپ بولۇپ قالماي، بەلكى بارلىق رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تەلەپ؛ بىر مەزگىللىك، بىر كەسىپكىلا قويۇلغان تەلەپ بولۇپ قالماي، بەلكى جەزمەن ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرىدىغان تەلەپ. ھەرقايسى رايونلار ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك. باشتىن-ئاخىر ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنى تولۇقلاش كېرەك.

يىغىندا، ۋاڭ جيەنجۈن، ئا شېڭچىڭ، كۇڭ چىڭجۈ، زاشى دوجيې، مېڭ خەي، شا فېڭ قاتارلىق ئالتە ۋەكىل ئايرىم-ئايرىم ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرى، چىليەنشەن تېغى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، يۈشۇنى ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇشتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر، مۇلى كۆمۈر كېنىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ياخشى ئىشلەش، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى، ئارىلاپ-ئارىلاپ گەپ سوراپ، ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ چىڭخەينىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرى ۋە «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، چىڭخەيدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى چىڭخەينىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت جەزمەن چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك، ياخشى تۇتۇشقا تېگىشلىك خىزمەت. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چىڭخەينىڭ ئەۋزەللىكى ۋە بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۇنياۋى تۇزكۆل كەسىپلەر بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپ ئېگىزلىكى، خەلقئارا ئېكولوگىيە ساياھەت مەنزىلى، يېشىل ئورگانىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىش ئورنى بەرپا قىلىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: چىڭخەي دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، مىللەتنىڭ مەڭگۈلۈك سىجىل تەرەققىياتىدا مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، جەزمەن ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئۈچ دەريا مەنبەسىنى قوغداش، «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى قوغداشتەك مۇھىم، زور بۇرچنى ياخشى زىممىگە ئېلىپ، دۆلەتكە، مىللەتكە، ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. بۇ يىللاردىن بۇيان، چىڭخەي ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، لېكىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇش ئېكولوگىيەنى قوغداشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى گەۋدىلەندۈردى. زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش، قوغداش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەپ، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى ئورنىتىش جەھەتتە ئالدىدا مېڭىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى مەڭگۈ چىڭخەينىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئىپتىخارىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىش، ئەۋلادلارنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئومۇملىشىش ۋە باراۋەرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر-يېزىلارنىڭ رايون ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان، كەسىپلەر گۈللەنگەن، كىشىلەر ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى ۋە دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىش كېرەك. جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكتىكى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا، خۇشال-خۇرام ئىشلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ بولدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، قىزىل بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا يولدىن ئاداشماسلىق، جاپالىق كۈرەش ئالدىدا ئارقىغا چېكىنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، كەڭ خەلق ئاممىسىغا، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «يارايدۇ»غانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكى قاتارلىق ئاساسىي داۋلىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، چېن شى، يوۋ چۈەن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.