شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى
يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك
3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى)
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىر پۈتۈن گەۋدە، ئۇنى جەزمەن تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كۈچەپ مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە «نەمۇنىلىك ئاپتونوم رايون» دېگەن ئالىي شەرەپنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇنىڭدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.
ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى دېموكراتىك، جانلىق كەيپىياتقا تولغانىدى. جاڭ شياۋبىڭ، نارېنتۇيا، گېمىڭ، جوۋ يىجې، لى گوچىن قاتارلىق بەش ۋەكىل ئايرىم - ئايرىم ھالدا خېتاۋ سۇغىرىش رايونىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى ئىشلىتىشنى يولغا قويۇش، چېگرا رايونلارنىڭ مەركەزلەشتۈرۈلگەن، توپلاشتۇرۇلغان، تۈجۈپىلەنگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، داشىڭئەنلىڭ تېغىنىڭ يېشىل بىپايان ئورمىنىنى ياخشى قوغداش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىچكى موڭغۇلنى دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق توسۇقى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بويىچە، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە ئىچكى موڭغۇل تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئورنىنى توغرا تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىككە ئىگە ساھەسى ۋە كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق كەسىپلەر ۋە ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىش، يېتىشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا دىققەت قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، فۇنكسىيەنى ئايلاندۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى چىڭ كۆزلەپ يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىدى، بۇ، خۇشاللىنارلىق ھەم تەرىپلەشكە تېگىشلىك ئىش. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر، يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. ئىچكى موڭغۇلنىڭ يېرى كەڭ، ئاھالىسى شالاڭ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى، ئولتۇراقلىشىشى بىرقەدەر تارقاق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاجىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور، خىرىس كۆپ بولۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ، مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەم ئۇنى مەدەنىيەت - ساياھەت، يېزا - كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى قوغداپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك. مەنبەدىن تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، مۇھىم ساھەلەرنى يېشىللاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل دۆلىتىمىزدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان مىللىي ئاپتونوم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، ئۇزاقتىن بۇيان «نەمۇنىلىك ئاپتونوم رايون» دېگەن ئالىي شەرەپكە ئىگە، بۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەش، داۋاملىق ساقلاش كېرەك. ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى چۆرىدەپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ئىشلەپ، پۇختا ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەتتىكى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ روھى. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسىدىن باشلاپ تۇتۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، توغرا دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇش، بايرىقى روشەن ھالدا تۈرلۈك خاتا ئىدىيەۋى قاراشلارغا قارشى تۇرۇش، «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ چىقىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»تىكى بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەممىدە ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ھەرقانچە يىراققا ماڭسىمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، پارتىيەمىز مىللەت مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. يولداش لى داجاۋ موڭغۇل ئامما ئارىسىدا ماركسىزمنى تارقىتىش، كوممۇنىزملىق ئىلغار شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلدى ۋە قاتناشتى. 1923 - يىلى ئىچكى موڭغۇلدا ۋۇ لەنفۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى كوممۇنىستلار بارلىققا كەلدى. 1947 - يىلى 5 - ئايدا، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ جاكارلىنىشى پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى قوللىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى مىللەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل «بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ باۋگاڭ قۇرۇش»، «3000 يېتىم بالىنىڭ ئىچكى موڭغۇلغا ئورۇنلىشىشى» قاتارلىق تارىخىي داستانلارنى ياراتتى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە بۇ قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بولۇپمۇ مىللەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئىدىيەۋى تونۇش ۋە خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.