تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھەقىقەت يولى ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم؛ ئىگىلىك تىكلەش جاپالىق بولسىمۇ، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش كادىرلارنى پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلەپ، ئىرادە كۈچى، چىدامچانلىق كۈچى، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

«ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق باشلاندى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، كەلگۈسى 30 يىل بىز بۇ تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى بولىدۇ. يول ئۇزۇن، كۈرەش قىلىش داۋاملىشىدۇ، بىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، كۈرمىڭلىغان تاغ - دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق. بىز يەنە داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. بىز شۇنى چوڭقۇر بىلىمىزكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە قانچە يېقىنلاشقانسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش يولى شۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا تولىدۇ، جەزمەن ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلاپ، ئۈزلۈكسىز روھنى ئۇرغۇتۇپ، داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش كېرەك.

ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشتا، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتا چىڭ تۇرۇشى، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتا چىڭ تۇرۇشى، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قورالنى ياخشى ئىشلىتىشى، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى، مەڭگۈ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە تىكلەپ، باتۇرلۇق بىلەن جاپا - مۇشەققەتنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقنى زىممىگە ئېلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، خەۋپ - خەتەرنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى شەرھلىشى كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىنى قوللىنىپ ئىدىيەۋى ئۇسۇلنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىپ كەسىپ ۋە خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇش، راستچىل بولۇش، سەمىمىي ئىش قىلىش كېرەك. «پۇقرالارنىڭ ئەمەلدارى» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن» دېگەن مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشقا رازى بولۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. «ئۆزىدە كەمچىلىكلەر بولسا قاتتىق تەكشۈرىدىغان» ئاڭلىقلىققا ئىگە بولۇشى، دائىم پارتىيە نەزەرىيەسىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا سېلىشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىشى، باتۇرلۇق بىلەن تۈزىتىشى كېرەك، پارتىيەگە، كەسىپكە، يولداشلارغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، تەنقىدنى دادىل قانات يايدۇرۇپ، تەنقىدنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىدىغان قەلب ۋە جاسارەتنى يېتىلدۈرۈپ، كەڭ قورساق بولۇپ، سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، بار بولسا تۈزىتىشى، يوق بولسا ساقلىنىشى كېرەك. كۈرەش قىلىش ئارقىلىق چېنىقىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كۈرەش قىلىشنى بىلىپ، كۈرەش قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىشتىكى ھەقىقىي قابىلىيەت، ھەقىقىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىغا ئېلىپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان كۈرەش قىلىش ئىزىنى قالدۇرۇپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىقتىسادچىللىق بىلەن كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، ھەممە ئىشنى تىرىشچانلىق - ئىقتىسادچىللىق بىلەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ، ساغلام تۇرمۇش قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىكنى قەتئىي توسۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك - دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ بىر دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى بار. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تاڭ نۇرى ئالدىمىزدا، ئىستىقبالىمىز پارلاق. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۇزاققىچە ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرگە تولغان ئۆتمۈش، كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ھازىر، پارلاق، بۈيۈك كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ، قارا بۇلۇتلار ئارىسىدا توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا جاسارەت ۋە پاراسەتنى چېنىقتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بوران - چاپقۇنلارغا قارىماي، قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى دەۋر شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتالايمىز، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.