تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گۈللىنىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئۇلۇغ مۇساپىگە ئاتلىنايلى

− 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

خەلق گېزىتى باش ماقالىسى

زېمىننى باھار تۈسى قاپلاپ، بارلىق شەيئىلەر بەس - بەستە ئويغاندى. بۈگۈن ھەممە كىشى دىققەت قىلىۋاتقان 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پىلانلىدى. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

جاپا - مۇشەققەتكە دۇچ كەلگەندە، باتۇرلۇق - قەيسەرلىك ئاندىن نامايان بولىدۇ، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. 2020 - يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلىدى، يۇقۇمغا قارشى جەڭ قىلدى، كەلكۈن - ھۆلچىلىككە تاقابىل تۇردى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇردى، دۇنيادا ئالدى بىلەن يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى تىزگىنلەپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى، مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق رازى بولغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ بېتىگە يېزىشقا بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ئۆتكەن بەش يىلغا نەزەر سالساق، سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر غەلىبىلىك تاماملىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇش، تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىگە پائال قاتنىشىپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تەرتىپى، قانۇنچىللىق تەرتىپىنى قوغدىدى، قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ قوشتى، نۇقتىلىق ساھەلەرگە دائىر قانۇن چىقىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتتى، خىزمەت نازارەتچىلىكى ۋە قانۇن نازارەتچىلىكىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇردى، مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا تۈرتكە بولۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى.

دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى تۈزۈمگە باغلىق، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى، بەخت - سائادىتى ئىدارە قىلىشقا باغلىق. بۇ يىل «14 - بەش يىل» باشلانغان يىل، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان بىرىنچى يىل. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ھەم 15 يىللىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى. پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىي ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. «14 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىگە جاسارەت بىلەن ئاتلىنىشتا، بىز خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈملۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى ئارقىلىق دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى خەلقنىڭ قولىدا چىڭ تۇتقۇزۇشىمىز كېرەك.

«ھاكىمىيەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك ھاكىمىيەت دېمەكتۇر». «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ قىلىپ مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان دېموكراتىيە. خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ھەل قىلىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. خەلق دېموكراتىيەسىنى كېڭەيتىپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردە پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرساقلا، تۈپ سىياسىي تۈزۈمىمىز ئاندىن باشتىن - ئاخىر چوڭقۇر، مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ، ئىشلىرىمىز ئاندىن ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

«تايىنىشقا تېگىشلىكى ۋەزىيەتتۇر، چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىكى پۇرسەتتۇر». «ئىككى 100 يىل»لىق تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى مۇھىم بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. كەڭ ۋەكىللەرنىڭ مەۋقەنى ئىشنى باشلاش، قەدەم ئېلىش يىلىغا قويۇپ، بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە كۈچ قوشۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.