تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ ئادەمدە، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «پارتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، جەزمەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۇزاققىچە ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك» دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى ۋە «ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى، جەزمەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلىشى كېرەك» دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەرەققىي قىلىپ 100 يىللىق شانلىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئەڭ چوڭ سوتسىيالىستىك دۆلەتتە 70 نەچچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن، 91 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسى بار دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەگە ئايلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ كەڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشتى. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى، پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا بىريۈرۈش شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى يېتىلدۈردى ھەم ئۇنىڭدا چىڭ تۇردى. باشتىن - ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتا چىڭ تۇرۇش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتا چىڭ تۇرۇش، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قورالنى ياخشى ئىشلىتىش، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇش، مەڭگۈ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، بۇ شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىل پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، پارتىيەمىزنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە ۋەزىيەت بىز تەرەپتە، بۇ بىزنىڭ ئىرادە ۋە جاسارىتىمىزنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا غەيرەت ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ ئاساسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، گەرچە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرسىمۇ، لېكىن پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ ھەممىسىدە يېڭى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بار، پۇرسەت ۋە خىرىسنىڭ زورلۇقى ئوخشاشلا مىسلىسىز، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا پۇرسەت خىرىستىن چوڭ. يەنە نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەل ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا، پەقەت پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۇزاققىچە ئەۋج ئالدۇرۇپ قىيىنچىلىقتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، بىز ئاندىن بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىن غالىب كېلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ يۈرۈش قىلالايمىز.

مەنىۋى بايلىق زامان ۋە ماكاندىن ھالقىيدۇ، ئۇلۇغ ئىش ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىدۇ. پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ياش كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم. پارتىيەگە سادىق بولۇش كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پەزىلىتى، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «پارتىيەمىز ھازىرغىچە سانسىزلىغان خەۋپ - خەتەر ۋە ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنى باش ئەگدۈرەلمىدى، ھەرقانداق دۈشمەن بىزنى يىقىتالمىدى، بۇنىڭدا مىليونلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سادىقلىقىغا تاياندۇق»؛ نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاش ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى، «پارتىيەمىزنىڭ تارىخى شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، قاچانكى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە ياخشى چىڭ تۇرغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؛ ئەكسىچە بولغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئېغىر ئەگرى - توقايلىق كۆرۈلىدۇ»؛ خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭقۇر ئاساسى ۋە ئەڭ چوڭ ئىشەنچى، «پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى خەلقتە، قان تومۇرى خەلقتە، جەزمەن خەلقنى قەلبىمىزدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر پۇقرالار ئويلىغاننى ئويلىشىمىز كېرەك»؛ تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، كېسىلىنى داۋالاش، ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتىكى ئۆتكۈر قورالى، «بىز كوممۇنىستلارنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز پارتىيەۋىلىكتىن كەلگەن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھىدىن كەلگەن»؛ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن پەزىلىتى، «پارتىيەمىز كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ»؛ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ سىياسىي خىسلىتى، بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىزنىڭ، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى، «ياش كادىرلار جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىغا ئېلىپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان كۈرەش قىلىش ئىزىنى قالدۇرۇشى كېرەك».

بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ بىر دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بار، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ بىر دەۋر كىشىلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى بار. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلەيدىغان بولساق، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىنى يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان چۈشەندۈرۈپ بەردى؛ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قۇرۇلۇش قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىنى، تەرەققىي قىلالايدىغان - قىلالمايدىغانلىقىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى ئاللىقاچان چۈشەندۈرۈپ بەردى؛ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرالايدىغان - تۇرالمايدىغانلىقىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرالايدىغان - تۇرالمايدىغانلىقىغا ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرالايدىغان - راۋاجلاندۇرالمايدىغانلىقىغا يەنە ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ داۋاملىق جاۋاب بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلەپ، ياخشى ئەنئەنىنى يېڭى مۇساپىگە باشلاپ كىرىپ، ياخشى ئىستىلنى يېڭى دەۋردە ئەۋج ئالدۇرغاندىلا، ياش كادىرلار تارىخنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويمايدۇ، دەۋرنىڭ چاقىرىقىنى يەردە قويمايدۇ، باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتالايدۇ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.