تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «پۈتۈن ئارمىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت «پۈتۈن ئارمىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئارمىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ئارمىيەمىزنىڭ تارىخىنى تۇتاشتۇرۇپ ئۆگىنىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۇەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە يۈزلىنىپ قانات يايدۇرۇپ، 2021 - يىلى پۈتۈن بىر يىلغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىكلەر نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش، دەرسنى سىڭدۈرۈپ ياخشى ئۆتۈش، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەش، ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، مەخسۇس تېمىدا تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى ئۆگىنىشكە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئۆگىنىشكە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي خەلقنى كۆزلەشتەك ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئۆگىنىشكە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا شەكىللەندۈرگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىشكە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش قىلىش جەريانىدا تاۋلىغان ئۇلۇغ روھىنى ئۆگىنىشكە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشكە، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە نامايان قىلىنغان ئۇلۇغ كۈچنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىكلەر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ئۆتكەلنى، يېتەكچىلىك ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، يىللىق چوڭ تۈر ۋەزىپىسى، باش تېما تەربىيەسى قاتارلىقلار بىلەن ياخشى بىرلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇپ، تەربىيە مەزمۇنى، ۋاقتى ۋە تەشكىللەش شەكلىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەشكىلىي رەھبەرلىك ئارقىلىق ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.