تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئېتىقاد، ئەقىدىنى چىڭىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە تارىخىنىڭ تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

«لايىھە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

«لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر تونۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي خەلقنى كۆزلەشتەك ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا شەكىللەندۈرگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق ئىگىلەش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش جەريانىدا تاۋلىغان ئۇلۇغ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك.

«لايىھە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلىنىپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئۆگىنىش تەربىيەسى ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشنى تەشكىللەش، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۇختا، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.