تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئۈرۈمچى شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئىختىيارىي مۇخبىرلار سۇ جۈنيا، گەي يۈ خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىقنى كۆزىتىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ ئىش»نى ياخشى تۇتۇپ، «ئۈچ بىرتۇتاش پىلانلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئالتە ئالاھىدىلىككە ئىگە مەركىزىي شەھەر» قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.