تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

«14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

باھار زېمىنغا ئۈمىد چاچتى، بارچە مەۋجۇدات ھاياتىي كۈچكە تولدى. بۈگۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ئىللىق باھار نۇرىغا چۆمۈلۈپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى زىممىگە ئېلىپ، 34 ساھەدىن كەلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2000دىن ئارتۇق ئەزاسى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

2020 - يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. بۇ بىر يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەك، مۇساپە جاپا - مۇشەققەتكە تولدى، كۈرەش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان ۋەزىيەت، ۋەزىپە، مىسلىسىز خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش ۋە «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى. جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىشىنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، «13 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ باش تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەت، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۆزلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ پايدىسى بولۇش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلدى، مەركىزىي ۋەزىپىگە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق نامايان قىلدى، «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق ئۈچۈن» دېگەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى جانلىق نامايان قىلدى. بولۇپمۇ كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى شۇكى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پەۋقۇلئاددە پەيتىدە، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئىشلەپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولدى، كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىگە پائال ئاتلىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەپ، چارە ئويلاپ، يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشتى.

كۆپنىڭ كۈچى كۆپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولسا، تەيشەن تېغىنىمۇ يۆتكىگىلى بولىدۇ. 2021 - يىلى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان يولغا قويۇلغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدە ئالاھىدە مۇھىم بولغان بىر يىل. باشلىنىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، قەدەم ئېلىش كېيىنكى ۋەزىيەتنى بەلگىلەيدۇ، ياخشى باشلىنىش ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. بۇرچ قانچىكى مۈشكۈل بولغانسېرى، مەسئۇلىيەت قانچىكى ئېغىر، زور بولغانسېرى، قەلب ۋە كۈچنى شۇنچە كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇشتەك سىياسىي ئەۋزەللىكى، ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكى، باراۋەر كېڭىشىدىغان دېموكراتىك ئەۋزەللىكى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ئىتتىپاقلىق ئەۋزەللىكى، مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان فۇنكسىيە ئەۋزەللىكى، كەڭ ئالاقە قىلىدىغان ساھە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ قوش يۆنىلىشلىك كۈچەش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يېڭى ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ ئىستىقبالى پارلاق، يېڭى مۇساپە كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات ئۈچۈن چارە كۆرسىتىپ كۈچ چىقىرىش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتە، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور. ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھېسسىياتى بىلەن ئىشلارنى قەلبكە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن ھەقىقىي تەكلىپ بېرىپ، ياخشى تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.