ئاپتونوم رايون رەھبىرى ئۆزى مەسئۇل بولغان ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
ئورگان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللەش كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۆزى مەسئۇل بولغان ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۆزى مەسئۇل بولغان ئورۇنلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى قاتارلىق 13 ئورۇن پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيە گۇرۇپپا (پارتىيە كومىتېت)لىرى مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى پۇختا تۇتۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى پۇختا تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتىدىغان روشەن يۆنىلىشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزىشى كېرەك؛ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى پۇختا تۇتۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، ئورگاندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.