تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۇزاققىچە ئەۋج ئالدۇرايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ ھەممىسى بىزنى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق.» پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى تەبرىكلىنىۋاتقان مۇھىم، زور پەيتتە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ 2021 - يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، ياش كادىرلارنى پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلەشكە، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى، بۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۇزاققىچە ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، يېڭى مۇساپىدە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. شىكۇمېندىن تيەنئەنمېنگىچە، شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئەسلىي مەقسىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن قورقماي، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى شۇكى، پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا بىر يۈرۈش شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى يېتىلدۈردى ھەم ئۇنىڭدا چىڭ تۇردى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «بۇ شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىل پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، پارتىيەمىزنىڭ باشقا سىياسىي پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، جەزمەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۇزاققىچە ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك».

بۈگۈنكى دۇنيادا، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنىلا نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەل ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشتا، دۇچ كېلىدىغان خەۋپ - خەتەر ۋە سىناق ئىلگىرىكىدىن قىلچە ئاز بولمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «خەۋپ - خەتەر قانچە چوڭ، خىرىس قانچە كۆپ، ۋەزىپە قانچە ئېغىر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى قوزغىتىپ، ئوبراز تىكلەپ، خەلق رايىنى ئۇتۇش كېرەك.» بىز بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئەستايىدىل ئەسلەپ، كەلگەن يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدا داۋاملىق ياخشى مېڭىشىمىز كېرەك، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى تاۋلىغاندىلا، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتەك كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى. جەزمەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلىشى كېرەك.» مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشتە، بىز پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەگە باشتىن - ئاخىر سادىق بولۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قورالنى ياخشى ئىشلىتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مەڭگۈ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئىرادە كۈچىمىز، چىدامچانلىق كۈچىمىز، ئۆزىمىزنى كونترول قىلىش كۈچىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

«دەرەخنى ئېگىز ئۆسسۈن دېسەك، يىلتىزىنى چوقۇم مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك.» ھەممىدە ئالدىغا قاراپ ماڭغاندا، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا ماڭسىمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچى، كىشىلىك پەزىلەت كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەتنى ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.