تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

3-ئاينىڭ 1-كۈنى، 2021-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى تېلېگراممىسى 2021-يىلى ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەيلى ئىلگىرى، ھازىر ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ ھەممىسى بىزنى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ياش كادىرلار پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى، جەزمەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنىڭ سادىق ۋارىسلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە تىكلەپ، ئىرادە كۈچى، چىدامچانلىق كۈچى، ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى شۇكى، پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا بىر يۈرۈش شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىلنى يېتىلدۈردى ھەم ئۇنىڭدا چىڭ تۇردى. بۇ شەرەپلىك ئەنئەنە ۋە ئېسىل ئىستىللار پارتىيەمىزنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. پارتىيە خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، جەزمەن پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۇزاققىچە ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنىلا نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەل ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. خەۋپ-خەتەر قانچە چوڭ، خىرىس قانچە كۆپ، ۋەزىپە قانچە ئېغىر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق روھنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش ئىرادىسىنى قوزغىتىپ، ئوبراز تىكلەپ، خەلق رايىنى ئۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەگە سادىق بولۇش كوممۇنىستلارنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي پەزىلىتى. پارتىيەمىز ھازىرغىچە سانسىزلىغان خەۋپ-خەتەر ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن ھەرقانداق قىيىنچىلىق بىزنى باش ئەگدۈرەلمىدى، ھەرقانداق دۈشمەن بىزنى يىقىتالمىدى، بۇنىڭدا مىليونلىغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سادىقلىقىغا تاياندۇق. پارتىيەگە سادىق بولۇشتا، جەزمەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئىزچىل ئەمەل قىلىش، جەزمەن ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇش، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا مەيدانىنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەسلىك، پەزىلىتىنى يوقاتماسلىق كېرەك. ياش كادىرلار ئەجدادلارنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەينەك قىلىپ، سەلبىي تىپلارنى ئىبرەت قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇستەھكەم غايە-ئېتىقاد ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سەمىمىي سادىقلىقىنى چىڭىتىشى كېرەك. ئاڭلىق ھالدا سىياسىي جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا قاتتىق تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان خىزمەت ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە تىكلەپ، باتۇرلۇق بىلەن جاپا-مۇشەققەتنى زىممىگە ئېلىپ، قىيىنچىلىقنى زىممىگە ئېلىپ، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، خەۋپ-خەتەرنى زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان سادىقلىقىنى شەرھلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ تارىخى قاچانكى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتە ياخشى چىڭ تۇرغاندا، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى؛ ئەكسىچە بولغاندا، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئېغىر ئەگرى - توقايلىق كۆرۈلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى. نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نەزەرىيەنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئىدىيەنىڭ چىن مەنىسىنى ئىگىلەش. ياش كادىرلار ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەيدان، قاراش، ئۇسۇل، داۋلى، ئىلمىي قائىدە، پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، سۆزىنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىسىنى چۈشىنىش، ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ماھىيىتىنى چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئالدى-كەينىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئىدىيەۋى ئۇسۇلنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىكى گاڭگىراشنى ھەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى ئىستىلى ۋە روھىي ھالىتىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە مەنىۋى دۇنياسىنى كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىپ كەسىپ ۋە خىزمەتلەرنى پىلانلاپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان چارە-تەدبىر، سىياسەت، لايىھەلەرنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىلمىي روھقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ئىجادىي خىزمەت ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، قاتتىق تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى، يەتكىلى بولمايدىغان نىشان بېكىتىۋالماي، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلماي، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. سەمىمىي ئادەم بولۇش، راستچىل بولۇش، سەمىمىي ئىش قىلىشنى كىشىلىك ھايات ئەقىدىسى قىلىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي تۈردە مەزمۇت تۇرغىلى، يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق پارتىيەمىزنىڭ كۈچ مەنبەسى، پارتىيەمىزنىڭ يىلتىزى خەلقتە، قان تومۇرى خەلقتە، جەزمەن خەلقنى قەلبىمىزدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر پۇقرالار ئويلىغاننى ئويلىشىمىز كېرەك. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ كادىرلىرى «پۇقرالارنىڭ ئەمەلدارى» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىمۇ پۇقرا دەپ بىلىشى، ئەمەلدار بولۇشتا بەگ بولۇۋالماسلىقى كېرەك، بۇ نۇقتىنى ياش كادىرلار باشتىلا ئېنىق ئويلىشى ھەم ئۆمۈربويى ئېسىدە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ياش كادىرلار مەيلى ئادەم بولۇش ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا بولسۇن ياكى سىياسىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا بولسۇن، ئالدى بىلەن «مەن كىم، كىم ئۈچۈن ئىشلەيمەن، كىمگە تايىنىمەن» دېگەن مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىپ، «مەن ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېگەن مەنىۋى مەنزىلگە ئۈزلۈكسىز ئىنتىلىشى كېرەك. خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشقا رازى بولۇشى، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىن كۆڭلىدىكى گەپنى قىلالايدىغان كۆپرەك دوست تۇتۇشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەشكە پايدىلىق، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە پايدىلىق بولىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتەك ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ ساقلاپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز كوممۇنىستلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى پارتىيەۋىلىكتىن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھىدىن كەلگەن. ياش كادىرلار «ئۆزىدە كەمچىلىكلەر بولسا قاتتىق تەكشۈرىدىغان» ئاڭلىقلىققا ئىگە بولۇشى، دائىم پارتىيە نەزەرىيەسىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا سېلىشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچقا سېلىشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىشى، باتۇرلۇق بىلەن تۈزىتىشى كېرەك. پارتىيەگە، كەسىپكە، يولداشلارغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، تەنقىدنى دادىل قانات يايدۇرۇپ، يولداشلارنىڭ كەمچىلىكىنى بايقىشى، خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىپ، يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىكتە ئىلگىرىلىشى كېرەك. تەنقىدنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىدىغان قەلب ۋە جاسارەتنى يېتىلدۈرۈپ، كەڭ قورساق بولۇپ، سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، بار بولسا تۈزىتىشى، يوق بولسا ساقلىنىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىش پارتىيەمىزنىڭ روشەن خىسلىتى. پارتىيەمىز كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، دۇچ كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە سىناق ئىلگىرىكىدىن قىلچە ئاز بولمايدۇ. ياش كادىرلار كۈرەش قىلىش ئارقىلىق چېنىقىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا كۈرەش قىلىشنى ئۆگىنىپ، كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، يۈكسىلىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، كۈرەش قىلىشقا ماھىر باتۇرلاردىن بولۇشى كېرەك. كۈرەش ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، تىز پۈكمەي، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرگىزمۇ ئازراقلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ئارىسالدى بولۇپ توختاپ قالىدىغانلاردىن، قىيىنچىلىققا يولۇقسىلا بەل قويۇۋېتىدىغانلاردىن بولماسلىقى كېرەك. كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، كۈرەش قىلىشنى بىلىپ، ئىشنىڭ بىخ ھالىتىدىلا ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى بىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھادىسىدىن ماھىيەتنى تونۇپ، ئۆزگىرىشنى توغرا تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، پۇرسەتنى كۆزىتىپ، پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىشى، زىيانلىق تەرەپتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، چوڭ يۈزلىنىش، چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈرەش قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ئامىللىرىنى قەرەللىك ھالدا ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى كېرەك. بىر ئىشنى قىلىش ئارقىلىق بىر ئەقىلنى يېتىلدۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، بىر ھادىسىدىن يەنە بىر ھادىسىگە ئۆتۈپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، كۈرەش قىلىشتىكى ھەقىقىي قابىلىيەت، ھەقىقىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ياش كادىرلار جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان كۈچ ئۇلاش تايىقىنى قولىغا ئېلىپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى ۋە مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان كۈرەش ئىزىنى قالدۇرۇشى كېرەك. تېجەشلىك، ئاددىي-ساددا بولۇپ، ھەشەمەتچىلىكتىن قاتتىق ساقلىنىش پارتىيەمىزنىڭ تەۋەررۈك ئەڭگۈشتەرى. ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلاندى، لېكىن جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى ئازراقمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، جەزمەن ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئىقتىسادچىللىق بىلەن كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، ھەممە ئىشنى تىرىشچانلىق-ئىقتىسادچىللىق بىلەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ياش كادىرلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاكتىپ، ساغلام تۇرمۇش قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ پاك-دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

چېن شى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچى، كىشىلىك پەزىلەت كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

2021-يىللىق ئەتىياز پەسىللىك ئوقۇش مەۋسۇمى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.