تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋابلار» نەشر قىلىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال - جاۋابلار» ناملىق كىتابنى تەشكىللەپ تۈزدى، ئۆگىنىش نەشرىياتى، خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

«سوئال - جاۋابلار»دا ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىلىپ، دىققەت نەزەرىيەدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، كادىرلار، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، سوئال - جاۋاب شەكلى ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي روھى، ئاساسىي مەزمۇنى، ئاساسىي تەلىپى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق شەرھلىنىپ بايان قىلىنغان بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشىغا پايدىلىق. «سوئال - جاۋابلار» جەمئىي يەتتە بۆلەك، 100 مەسىلىگە بۆلۈنگەن، مەزمۇنى مول، شەكلى يېڭىچە، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.