تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش مۇساپىسىدىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ بېسىپ ئۆتكەن 100 يىللىق مۇساپە شەرەپلىك، شانلىق 100 يىل، شۇنداقلا مىسلىسىز مۇشەققەتلىك 100 يىل؛ ئۇل سېلىپ نەتىجە يارىتىلغان 100 يىل، شۇنداقلا كەلگۈسىگە يول ئاچىدىغان 100 يىل. 100 يىللىق داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش جەريانىدا، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ تارىخ ياراتتى، ئۇلۇغ روھنى تاۋلىدى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى ياراتتى. پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئەڭ چوڭ سىياسىي پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەرگە پارتىيەنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى، كەلگۈسىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى خۇلاسىلەش، ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەشكە ئەڭ سالاھىيىتى بار، شۇنداقلا ئەڭ ئىشەنچى بار.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تارىخنى ئۆگىنىش كەلگۈسىگە تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىش ئۈچۈندۇر. ھازىر، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، تارىخىي قانۇنىيەتنى تونۇش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەشكە نىسبەتەن، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشقا نىسبەتەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تېخىمۇ قۇدرەتلىك ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە قۇرۇش، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە نىسبەتەن، مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر - ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى زىچ چۆرىدەپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئەستە چىڭ ساقلاشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر تونۇشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي خەلقنى كۆزلەشتەك ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا شەكىللەندۈرگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق ئىگىلەشكە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش قىلىش جەريانىدا تاۋلىغان ئۇلۇغ روھىنى ئۆگىنىش، ۋارىسلىق قىلىشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈندىلىك ئىشلارغا سىڭدۈرۈشكە، دائىم تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلىنىپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ئۆگىنىش تەربىيەسى ئەمەلىيىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ماركسىزملىق ئېسىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، قويۇق ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پۇختا نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.