تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللىگەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلار تۈزگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىسقىچە تارىخى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قىسقىچە تارىخ» دېيىلدى) خەلق نەشرىياتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخى نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىشىپ نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

بۇ «قىسقىچە تارىخ» پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن پارتىيە تارىخى قىسقىچە ئوقۇشلۇقى. كىتاب ئارگىنالىنى يېزىش جەريانىدا، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار تۈزۈش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى زور كۈچ بىلەن مەدەت ۋە ياردەم بەردى.

«قىسقىچە تارىخ»تا دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئىككى «تارىخىي قارار» ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ، 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان شانلىق تارىخىي مۇساپىسى سادىقلىق بىلەن خاتىرىلەندى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تارىخىي تۆھپە - نەتىجىلىرى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن - غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرى سىستېمىلىق خۇلاسىلەندى، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە تاۋلىنىپ يارىتىلغان ئۇلۇغ روھى مەركەزلىك نامايان قىلىندى.

«قىسقىچە تارىخ» جەمئىي 10 باب، 70 پاراگراف، تەخمىنەن 280 مىڭ خەت بولۇپ، پارتىيە تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر تولۇق قوبۇل قىلىنىپ، تارىخ بىلەن نەزەرىيەنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە، مۇھىم، زور تارىخىي ۋەقەلەر ۋە مۇھىم تارىخىي شەخسلەر، مۇھىم، زور فاڭجېن، سىياسەت ۋە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار، مۇھىم، زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات تارىخىي مۇساپىسى نۇقتىلىق بايان قىلىندى ۋە باھا بېرىلدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «يارايدۇ»غانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى داۋلىلار چوڭقۇر شەرھلەندى؛ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالىيجاناب ئىنقىلابىي روھى ۋە خىسلىتى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇلدى؛ تارىخىي ئۆزگىرىش ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئىچكى لوگىكا، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى يول، نەزەرىيە، تۈزۈم، مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈرۈلدى، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئاددىي، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم ئوقۇشلۇقى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.