مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى   ۋاڭ ياڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى   لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى)

2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخسلەر، ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا يەككە ئېرىشكۈچىلەر ۋە مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈتۈۋېلىنىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملاندى، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يەنە بىر جاھان مۆجىزىسى يارىتىلدى! بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغ روھنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشى «يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش، دەل جايىدا - ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق»تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى تاۋلىدى، شەكىللەندۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى - ئاساسىي مەقسىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى - پەزىلىتى، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنىڭ تولۇق نامايەندىسى بولۇپ، ئۇلۇغ مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى داۋاملاشتۇردى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلدى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەرلەر ئۈستىدىن قەتئىي غالىب كېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ ياڭ تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن بەلگىسى ئېسىلغان، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى. 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا ئېسىلغان لوزۇنكىغا: «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى. ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئوركېستىرى «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇدى.

ۋاڭ ياڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىنى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى. قاراردا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىلغارلارنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، رىغبەتلەندۈرۈپ، مىللەت روھى، دەۋر روھى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى تولۇق قوزغاپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ماۋ شياڭلىن قاتارلىق ئون يولداشقا، خېبېي ئۆلكىسى سەيخەنبا ماشىنىلاشقان ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئون كوللېكتىپقا «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى» دېگەن شەرەپ نامى بېرىشنى قارار قىلدى.

«ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» دېگەن ھەيۋەتلىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە بىرمۇبىر مېدال، گۇۋاھنامە، تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلارنى تەبرىكلىدى. پۈتۈن مەيداندا ئۈزۈلمەي قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ۋاڭ ياڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇدى.

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەر ۋە ئىلغار كوللېكتىپلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا تۆھپە قوشقان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يېزىلاردىكى كەڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلار ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، پىدائىيلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاكتىپ قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ھەمدە چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ياردەم بەرگەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار، چەت ئەللىك دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى جاھىل كېسەل. نامراتلىققا قارشى تۇرۇش باشتىن - ئاخىر قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ كەلگەن. جۇڭگو تارىخى دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلغان تارىخىدۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۆزىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاسارەت بىلەن ئىشلەش، دۆلەتنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشقا تەشكىللەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشنى كەڭ كۆلەمدە، پىلانلىق، تەشكىللىك يولغا قويۇپ، كۈچەپ جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، كۈچەپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىسلىسىز ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى تۆۋەن چەك ۋەزىپە قىلىپ، داغدۇغىلىق بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەلق ئۇرۇشىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. سەككىز يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە خەلق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بوران - چاپقۇن ۋە جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلىپ، ھەربىر ئەڭ نامراتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەڭ قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم، زور تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق تۆھپە قوشۇلدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى چوڭ قەدەم ئېلىپ يېتىشىۋالدى، ئومۇمىي قىياپەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ روھىي قىياپىتى پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشەنچى، جاسارىتى ئاشتى؛ پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى؛ نامراتلار سانىنى ئازايتىش - تىزگىنلەشنىڭ جۇڭگو نۇسخىسى يارىتىلىپ، يەر شارىۋى نامراتلار سانىنى ئازايتىش ئىشلىرى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەۋر قەھرىمانلارنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە نەچچە مىليون كادىر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، نامرات ئامما بىلەن ئۇلار ئويلىغاننى تەڭ ئويلاپ، بىللە ئۆتۈپ، بىللە ئىشلەپ، ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا شەخسىيەتسىز بېغىشلىدى، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ئىلغار ئىش ئىزلار بارلىققا كەلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىدە، 1800 دىن ئارتۇق يولداشنىڭ ھاياتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسىدە توختاپ قېلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى جانلىق شەرھلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلى ۋە قوشقان تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جۇمھۇرىيەت ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر قۇربان بولغان ھەربىر كىشىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرى ۋە ئالىيجاناب روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە تاياندۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىي پەزىلىتىگە تاياندۇق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان توپلانغان پۇختا ماددىي ئاساسقا تاياندۇق، نۆۋەتمۇنۆۋەت ئىشلەيدىغان قەتئىيلىككە، چىڭ تۇرۇشقا تاياندۇق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تاياندۇق. بىز مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، نامراتلار سانىنى ئازايتىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، بىر قاتار ئادەتتىن تاشقىرى سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق، جۇڭگوچە نامراتلار سانىنى ئازايتىش يولىدا ماڭدۇق، جۇڭگوچە نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈردۇق. ئاساسلىقى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئورتاق بېيىش يولىدا ماڭدۇق؛ دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئورتاق ئىرادە، ئورتاق ھەرىكەتنى شەكىللەندۈردۇق؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق نامراتلىق مەنبەسىنى تۈگەتتۇق؛ كەڭ نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتۇق؛ بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ نامراتلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتۇق؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قىيىنىغا تېگىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ مۇھىم تەجرىبە ۋە تونۇشلار دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەزەرىيە جەۋھىرى، ماركسىزملىق نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مەزمۇت چوڭ قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر - يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. بىزنىڭ مەغرۇرلىنىپ ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىشكە، بوشىشىپ توختاپ قېلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق، جەزمەن ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاسان قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان، نامراتلىشىپ كېتىدىغان نوپۇسلارغا قارىتا كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلاردىكى كەسىپلەرنى ئۇزاق مۇددەت يېتىلدۈرۈپ ۋە قوللاپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلىنىدىغان نامرات ئاممىنى داۋاملاشما يۆلەشنى ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنى ئاتقا يۆلەپ چىقىرىپ بىر بۆلەك يەرگىچە ئاپىرىپ قويۇپ، ئاساسلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىشىش، نىشانلىق ياردەم بېرىش، جەمئىيەت ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق تۈزۈملەردە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەم ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئېلىپ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەرنى چۆرىدەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقىنى سىجىل كىچىكلىتىپ، تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسلار ۋە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق، يېتىشتۈرۈۋېلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇق، كەڭلىك، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن، تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچ توپلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز جەزمەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىدىغان تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەننى ئەسلىسەك، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، ئىنسانلارنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتۇق. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، بىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ بوشىشىپ قالمايدىغان روھىي ھالەت، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى كېرەك!

لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى تەنتەنىلىك جاكارلاندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ شانلىق مۇساپىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى چوڭقۇر يەكۈنلەندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ روھى چوڭقۇر شەرھلەندى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشكە قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەر، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخسلەر، ئىلغار كوللېكتىپلار ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا يەككە ئېرىشكۈچىلەر ۋە مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ئىلغار شەخسلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، پارتىيە ۋە دۆلەت تۆھپە، شەرەپنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.