شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت، ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن «ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەت، ماتېرىيال نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
تارىخنى ئۆگىنىش ۋە يەكۈنلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، تارىخىي تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە ئۇنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. جۇڭگو ئىنىقلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تارىخى مەزگىللەردىكى شانلىق مۇساپىسى، نەزەرىيە نەتىجىلىرى، قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئۇلۇغ روھىنى چوڭقۇر شەرھلىدى. پارتىيەمىز پات ئارىدا 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ ۋە چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل ۋە كۈچ قوبۇل قىلىشىمىزدا، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشىمىز، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بايانلاردىن ئۈزۈندە»دە جەمئىي 141 بۆلەك بايان بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا يولداش ماۋ زېدۇڭ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ، يولداش جياڭ زېمىن، يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى، دوكلاتى، سۆھبىتى، تەستىقىي يوليورۇقى ۋە خېتى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەت، ماتېرىياللاردىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.