قىزىل ئىزنالار
شىنجاڭدىكى قىزىل ئىزنالار كۆرسەتمە خەرىتىسى
[ئىستون سۆزى]
ۋاقىت ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان پەيتتە، شانلىق 100 يىلنى ئەسلەپ ئۆتىمىز. 1921-يىلى 7-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مىسلىسىز ئۇلۇغ ۋەقە بولۇپ، يېقىنقى دەۋردىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.
پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك-تاراتقۇ گۇرۇھى) «جەۋلان قىلغان قىزىل بايراق − پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى 100 يىلى» چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇ تەشۋىقات-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى باشلىدى. پارتىيە تاراتقۇسىنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىغا ئويۇلغان قىزىل ئىزنالىرىنى ئىزدەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەر مىللەت خەلققە بەخت- سائادەت يارىتىشتىكى ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئىجادىي ياخشى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، تارىخىي بۇرچنى زىممىمىزگە ئالىمىز.
بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ سۇپىسىدا «قىزىل ئىزنالار» ئىستونىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىللىرىدە، كوممۇنىستلارنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى جاپا-مۇشەققەتلىك، مىسلىسىز كۈرەش مۇساپىسىنى ئىزدەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا، ئازاب-ئوقۇبەتتىن پارلاقلىققا قاراپ ماڭغان ئۇلۇغ مۇساپىسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىغانلىقى، سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشنى تاللىغانلىقىنىڭ تارىخىي لوگىكىسىنى تولۇق ئېچىپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك قەتئىي ئېتىقادىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. بىز يەنە «پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى چوڭ ئىشلىرى خاتىرىسى» «پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھېكايىلىرى توپلىمى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئىستونلارنى ئاچىمىز ۋە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى بېرىمىز، دىققەت قىلغايسىلەر.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن
1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق كەڭ تۇپراق، ۋەتەن زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمى، جۇڭگودىكى قۇرۇقلۇق كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون − بۇ جاي شىنجاڭ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق بەختلىك ئائىلىسى.
خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايونى جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا رەسمىي ئايلانغان. كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى ئىچىدە مەركىزىي ھاكىمىيەت باشتىن-ئاخىر شىنجاڭ رايونىغا بولغان باشقۇرۇش تەۋەلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن، شىنجاڭ رايونى باشتىن-ئاخىر دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدىدى.
تارىخقا نەزەر سالساق، بۇ تۇپراقمۇ ئىلگىرى نامرات-ئاجىز، پۈتۈن جىسمىنى جاراھەت قاپلىغان بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە قالغانىدى.
100 يىل ئىلگىرى، جۇڭخۇا مىللىتى تەرەققىيات تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ تۇپراقنىڭ تارىخى يېڭىباشتىن يېزىلدى، بۇ تۇپراقنىڭ كەلگۈسىگە يېڭىباشتىن تەبىر بېرىلدى. قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا قاراپ ماڭدى، ئازاب-ئوقۇبەتتىن پارلاقلىققا قاراپ ماڭدى، بىر مەردانە ناخشا ساداسى كۆكنى لەرزىگە كەلتۈردى، 100 يىللىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش جاھاننى ئۆزگەرتتى.
تارىخنى يارىتىش، كەلگۈسىنى ئېچىش
ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىشىشى سەۋەبىدىن، جۇڭگو پەيدىنپەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلىنىپ قالدى، جۇڭخۇا مىللىتى مىسلىسىز ئېغىر مىللىي كىرىزىسقا پېتىپ قالدى.
يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق دەۋردىكى جۇڭگودا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق جاھانگىرلىك تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىپلا قالماستىن، چىرىك فېئودال ھۆكۈمرانلار سىنىپى ۋە دىنىي كۈچلەرنىڭ تۈرلۈك سىياسىي زۇلۇمى ۋە ئىقتىسادىي تالان - تاراج قىلىشىغا تېخىمۇ ئۇچرىدى. جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزمنىڭ قوش زۇلۇمى شىنجاڭ جەمئىيىتىنى بىر ئىزدا توختىتىپ قويدى، ئىقتىسادىنى خارابلاشتۇردى، خەلقنى كۈن كەچۈرەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
1921-يىلى 7-ئاي، جەزمەن تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا قويۇق، رەڭدار بەلگە قالدۇرىدۇ − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، جۇڭخۇا مىللىتى شۇنىڭدىن باشلاپ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى!
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو خەلقى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە يۆلەنچۈككە ئىگە بولدى.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ قەدەم بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە كىردى.
ئۇلۇغ مۇساپە شۇنىڭ بىلەن باشلاندى؛ ھەيۋەتلىك سەھىپە شۇنىڭ بىلەن پۈتۈلدى؛ قىزىل ئىزنالار شۇنىڭ بىلەن ئويۇلدى.
100 يىللىق مۇساپە قاينام-تاشقىنلىققا تولدى
ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ساداسى جۇڭگوغا ماركسىزم-لېنىنىزمنى يەتكۈزدى. ماركسىزم-لېنىنىزم بىلەن جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىرلىشىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى دۇنياغا كەلتۈردى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قىياپىتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ سادىق ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ باشتىن-ئاخىر شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئاممىنى ئويغىتىش، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاھانگىرلىك ۋە فېئودالىزمنىڭ رەھىمسىز زۇلۇمىدىن ئازاد قىلىشتەك تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئالدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، باشتىن-ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. پارتىيەنىڭ كۈچىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە ئىزچىل ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە شىنجاڭنىڭ ئىنقىلاب مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسەتتى، يېتەكلىدى، تۈرتكە بولدى.
پارتىيەنىڭ 2-قۇرۇلتىيى، 3-قۇرۇلتىيى، 6-قۇرۇلتىيىنىڭ ھەممىسىدە شىنجاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاقىدار قارارلار چىقىرىلدى.
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا، پارتىيە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ نەچچە يۈز كادىرنى شىنجاڭدا بىرلىك سەپ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتتى، ئۇلار جان-دىلى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنى كۈچلۈك قوغدىدى ۋە گۈللەندۈردى.
«18-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مىللەت ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى توغرا تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى.
تىيانشان ئېتىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ سىياسەتنى ئىسلاھ قىلىپ، كونا ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ماركسىزم ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى پائال تارقىتىپ، جان-دىل بىلەن ھەر مىللەت خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئالغا سىلجىتتى، كوممۇنىستلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىپ، ئىنقىلاب ئوتىنى ياندۇردى.
پۈتۈن مەملىكەتتە خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىلىك ئالغا سىلجىتىلىشى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بەربات قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تىنچ ئازاد بولۇشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئازاب-ئوقۇبەتنى ئۇزاق ۋاقىت يەتكۈچە تارتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاپ، پائال پىلان تۈزۈپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ھەربىي زەربە بېرىش بىلەن سىياسىي جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ھەر ئىككىسىنى تەڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى تىنچ ئازاد قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىدا يېڭى دەۋر ئاچتى.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ توپىلاڭنى تىنچىتىپ، باندىتلارنى يوقىتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، قوزغىلاڭچى قىسىمنى ئۆزگەرتىپ، مىللىي ئارمىيەنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھاكىمىيەتلىرىنى قۇرۇپ، ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش-زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، خەلق ئىگىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، قول سانائەت، خۇسۇسىي سودا-سانائەتكە قارىتا سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى قۇردى، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئەۋلادمۇئەۋلاد ئېكسپلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قەددىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىدا ماڭدى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار ئالاھىدە سىياسەت، تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلق پۈتمەس-تۈگىمەس بەخت-سائادەتكە ئېرىشتى.
قىزىل ئىزنالار مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ
بۈگۈنكى شىنجاڭدا، بىپايان تۇپراق يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، تۈرلۈك ئىشلار رەڭدار بۇلۇتتەك ياشنىدى. يېپيېڭى قىياپەت يول باشلىغۇچىنىڭ كۈچىدىن كەلدى.
«100 يىللىق مۇساپە قاينام-تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.» بوران-چاپقۇنغا تولغان قىزىل سەھىپىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، 100 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم، زور غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جاپا-مۇشەققەتنى يەتكۈچە تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەسلىي مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەي، قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.
تارىخ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئىنقىلاب ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقارغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.
دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئېقىمىغا ئاتلىنىشقا چاقىرىق قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا پۇل ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ياردەم بېرىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستلىرى تۈرمىگە قامالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېتىقادى ئۈچۈن ئۆلسىمۇ تىز پۈكمىدى، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىپ، ئىسسىق قېنىنى تۆكۈشتىن، ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتىن باش تارتمىدى.
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەد كۆتۈرۈپ ئازاد بولۇشىغا دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلدى.
مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىغا مېڭىشىغا دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلدى.
شىنجاڭنىڭ قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا قاراپ مېڭىشى، بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ مېڭىشى، نامراتلىقتىن بېيىشقا قاراپ مېڭىشى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىشقا ئاشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدىكى جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيەتمۇ دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يارىتىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باشتىن-ئاخىر پارتىيە كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىپ، ئۇلۇغ مۇساپىنى ئاچتى.
100 يىللىق قاينام-تاشقىنلىققا تولغان تارىخقا، مىسلىسىز جاپالىق مۇساپىگە نەزەر سالساق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا، يايلاق، بوستانلىقلاردا، قۇملۇق، ئورمانلىقلاردا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئىزلىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. تۈركۈم-تۈركۈم جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئۇل سېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلگۈسىنى ئاچتى.
جۇڭگو كوممۇنىستلىرى چاچقان ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى كۆزنى چاقنىتىپ جۇلالاندى؛ كۈرەشچان ھەيۋەتلىك گەۋدىلەر ئابىدىگە ئايلاندى؛ ياراتقان جاھان مۆجىزىلىرى تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى؛ قالدۇرغان قىزىل ئىزنالار مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
كەلگەن يولنى ئۇنتۇمىغاندىلا، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. بىز جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ شىنجاڭدا قالدۇرغان قىزىل ئىزلىرىنى ئىزدەپ، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان يىللارنى قايتا ئەسلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قىزىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىنقىلابچىلارنىڭ قورقماس روھىنى ساقلاپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىدىغان، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ سەلتەنەتلىك مۇساپىسىدە دولقۇن يېرىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى.