چېن چۈەنگو سۆز قىلدى
شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ قاتناشتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش، پارتىيە تارىخىغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە تارىخىنى تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نىشان - تەلىپى، ئۆگىنىش مەزمۇنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈشى، ئەمەلىي ئىش قىلىشى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تارىخىي سەھىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ ياخشى پۈتۈش كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. نىشان-ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىيلىكى، ھەقىقەتلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئىگىلەش؛ تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزم، كوممۇنىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يادروغا سادىق بولۇش، يادرونى قوغداش، يادروغا توغرىلىنىش سىياسىي ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش؛ تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە بولغان سادىق قەلب، خەلققە بولغان ساپ قەلبنى مەڭگۈ ساقلاش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش؛ تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەت، چوڭ يۈزلىنىشنى ئىگىلەش، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئەمەلىي خىزمەتنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاش كېرەك. ئۆگىنىش مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش قىلىش شانلىق مۇساپىسىنى ئەستە چوڭقۇر، چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي خەلقنى كۆزلەشتەك ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ شەكىللەندۈرگەن مۇھىم، زور نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش قىلىش داۋامىدا ياراتقان ئۇلۇغ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك. خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ۋە «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق شەكىللەردىن ياخشى پايدىلىنىپ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى چۆرىدەپ تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، شەرھلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى ياخشى تەشكىللەپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كەسكىن، ئەستايىدىل، شەكلى كۆپ خىل مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى، پۇختىلىشى كېرەك، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى پىلانلىشى، ئۆزى تەتقىق قىلىشى، ئۆزى تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىلىرى رەھبەرلىك، يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك، ھەرقايسى ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار ۋە ئورۇنلار زىچ ماسلىشىشى، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆگىنىشتىن تەپەككۇر ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى پۇختا تۇتۇپ، قاتتىق، پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ھەل قىلىپ، بېسىمنى سىجىل يەتكۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتقا قارىتا ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىپە-تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تاراتقۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، نىشان-ۋەزىپىسى ۋە ئاساسىي تەلىپى قاتارلىقلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش قويۇق كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھقا ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار؛ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك، ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.