تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇيۇلتاشتەك مۇستەھكەملەپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى باشلاش پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، دىڭ شياۋشى، خۇاڭ يۆ، سۈن شاۋلۇڭ

2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى قارار قىلدى.

100 يىللىق مۇساپە قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 100 يىللىق ئەسلىي مەقسەت ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي خاراكتېرلىك پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 100 يىللىق كۈرەشنىڭ شانلىق داستانىنى قايتا ئەسلەپ، ئېتىقاد نۇرى بىلەن ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتۇپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ئەسلىي مەقسەت ئارقىلىق كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى تارىخىي سەھىپىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈپ چىقتى.

تارىخنى ئۆرنەك قىلىپ، 100 يىللىق قاينام - تاشقىنلىققا تولغان داستاننى قايتا ئەسلەش

گۇيجوۋ − قىزىل تۇپراق.

1935 - يىلى 1 - ئايدا، ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە زۇنيى يىغىنى بۇ يەردە ئېچىلىپ، ئەڭ خەتەرلىك جىددىي پەيتتە پارتىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.

2021 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقنى قايتا ئەسلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش چاقىرىقىنى چىقاردى −

«پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزۇن سەپەر روھى ۋە زۇنيى يىغىنى روھىدىن كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي ماسلىشىپ، ئۆزگىرىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنتىلىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك».

قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندىلا، نەگە بارىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاڭلىقلىق بىلەن، پارتىيە تارىخىنى يەكۈنلەش، تەتبىقلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا كۆتۈردى.

2013 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 7 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخىنى ئۆگىنىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى زۆرۈر دەرسلىك. بۇ دەرسنى چوقۇم ئوقۇپلا قالماي، يەنە جەزمەن ياخشى ئوقۇش كېرەك».

2016 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك بىلەن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «ھەممىدە ئالدىغا قاراپ مېڭىش كېرەك، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا ماڭسىمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارسىمۇ، بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ».

مەيلى ئىنقىلابىي خاتىرە جاينى تەكشۈرگەندە بولسۇن ياكى مۇھىم، زور ئىشلارنى، مۇھىم ئەربابلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە تارىخىنىڭ تارىخنى بۈگۈن ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش، پارتىيە تارىخىغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيە تارىخىنى تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇشىنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

ئىنقىلاب باشلانغان جاينى ئىزدەپ، تارىخنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش −

«بىز كوممۇنىستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئىنىقلابىي تارىخى ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق دورا ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب قىلغان ئۇلۇغ تارىخىنى كۆپرەك قايتا ئەسلىگەندىلا، قەلبكە ناھايىتى نۇرغۇن ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى پۈككىلى بولىدۇ».

پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ مەخسۇس شاڭخەي ۋە جېجياڭ جياشىڭغا بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي ۋە جياشىڭ نەنخۇدىكى قىزىل كېمىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئىنقىلاب چوغىنى ئىزدەپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇردى.

مۇساپە ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەسلىي مەقسەت بىردەك بولدى.

يەنئەن باۋتاشەن ئېتىكىدىكى ئىنقىلابىي كونا جايدىن تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئىنقىلابىي تايانچ بازىغىچە؛ يۈدۇ دەرياسى بويىدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە توپلىنىپ يولغا چىققان جايدىن دابيېشەن تېغىدىكى خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي سوۋېت رايونى مەركىزىدىكى ئىنقىلابىي مۇزېيغىچە؛ گەنسۇ گاۋتەيدىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە مۇنارىدىن بېيجىڭ شياڭشەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە جايغىچە... باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخنىڭ نەق مەيدانىغا قايتا - قايتا كېلىپ، تارىخنىڭ چوڭقۇر ساداسىغا قۇلاق سالدى، تارىخنىڭ بۈگۈنگە بولغان چوڭقۇر ئىلھامىنى شەرھلىدى.

پېشقەدەم نەمۇنىچىلارنى ياد ئېتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش −

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، ليۇ شاۋچى، جۇ دې، دېڭ شياۋپىڭ، چېن يۈن قاتارلىق پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلارنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى ياد ئېتىپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنى ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

تۈرمىدە «نامراتلىق»نى يازغان فاڭ جىمىن، «ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئۈلگىسى» جياۋ يۈلۇ، «يوشۇرۇن نەتىجە»لىرى بىلەن خەلققە ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشقان گۇ ۋېنچاڭ... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنقىلابىي قەھرىمانلار، ئىلغار پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھېكايىسىنى كۆپ قېتىم سۆزلەپ، پارتىيە تارىخىدىكى ھەربىر روشەن شەخسلەر كوردىناتى ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنى سىزىپ چىقىپ، پارتىيە تارىخىدىن ئىبارەت بۇ «مول، جانلىق دەرسلىك» ئارقىلىق كىشىلەرنى تەربىيەلىدى، كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈردى، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى، كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇردى.

كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىش −

4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، 4 - ماي ھەرىكىتىنىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيىتى شەرھلىنىپ، جۇڭگودىكى ئىلغار كىشىلەرنىڭ ماركسىزم بايرىقى ئاستىغا يىغىلىپ، مىسلىسىز ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش تارىخىي مۇقەررەرلىكى ئېچىپ بېرىلدى؛

قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر قايتا ئەسلىنىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى خۇلاسىلىنىپ، بۈگۈنكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش ئۇلۇغ چاقىرىقى چىقىرىلدى؛

جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، «قورال - جابدۇقلىرى ئاددىي، جاسارىتى كۈچلۈك» بولۇشنىڭ «قورال - جابدۇقلىرى سەرخىل، جاسارىتى ئاجىز» بولۇشنى يەڭگەنلىكىدەك ھەيۋەتلىك تارىخىي داستان بايان قىلىنىپ، مەردانە، غەيرەت - شىجائەت بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىرادە ۋە غەيرەت نامايان قىلىندى؛

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، 40 يىللىق ئەمەلىيەتتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر ۋە مۇھىم ئىلھام بايان قىلىندى؛

...

تارىختىن تەجرىبە ئىزدەش، تارىختىن قانۇنىيەت ئىزدەش، تارىختىن كەلگۈسىنى ئىزدەش.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 100 يىللىق بوران - چاپقۇننى بېسىپ ئۆتكەن ھەربىر چوڭقۇر «پارتىيە تارىخى دەرسى» ئارقىلىق تارىخنىڭ ئارقىسىدىكى داۋلى، لوگىكىنى ئېچىپ بېرىپ، كىشىلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «يارايدۇ»غانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىدى.

ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەدىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش

2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شاڭخەي شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان نەنچاڭ يولى 100 - كوچا 2 - نومۇرلۇق قورۇ قىزىپ كەتتى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان جاي» ۋە «<يېڭى ياشلار> ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ كونا ئورنى» يېڭى يىلدىكى تۇنجى تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالدى.

100 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ شىكۇمېن كونا كوچىسىدا، ئىلغار ياشلار ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، خەلقنى قۇتقۇزۇش يولى ئۈستىدە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى، ئىزدەندى، پارتىيەنىڭ دەسلەپكى تەشكىلاتى بارلىققا كەلدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ چوغى يالقۇنجىدى. بۈگۈنكى كۈندە، تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، قەدىمىنى توختىتىپ ئايرىلىشقا قىيالمايدۇ، بۇ، ھەم پارتىيە تارىخىنى قايتا ئەسلەش، ھەم ئەتىگە نەزەر سېلىش، كۈرەش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈندۇر.

بۇ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى پائال ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى تەربىيەسىگە قاتناشقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزەلدىن ئۆز تارىخىنى يەكۈنلەش ۋە ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى ھەم بۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، پارتىيە ئىچىدىكى كۆپ قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيە جەريانىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئېسىل ئەنئەنىگە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋارىسلىق قىلىندى ۋە بۇ ئېسىل ئەنئەنە جارى قىلدۇرۇلدى.

2016 - يىلى 7 - ئايدا، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىلى» نەشر قىلىنغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيىدىغان، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيىدىغان قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

2019 - يىلى 7 - ئايدا مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىدە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردىن پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا ئېچىلغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئىدىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە «پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش» تەلىپى بار.

ھەر قېتىم تارىخقا نەزەر سالساق، ھەممىسى بىر قېتىملىق روھنى پاكلاش ھېسابلىنىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە داۋاملاشتۇرۇلۇپ قانات يايدۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرگە ئايلاندى −

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىن «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىگىچە، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگىچە، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار قايتا - قايتا مەركەزلىك «كالتسىي تولۇقلاش» «كۈچ توپلاش» جەريانىدا، ئاۋانگارتلىق خىسلىتىنى ئۈزلۈكسىز روشەنلەشتۈردى.

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە يۈزلىنىپ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد كۈچى، مول نەزەرىيە ئوزۇقى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت، ئېتىقاد بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تارىخقا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ پۈتۈش

100 يىللىق ۋەزىيەت داۋالغۇشى ھەم يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان تارىخىي داستان، ھەم مەردانە ئىرادە ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مەدھىيە ناخشىسى. تارىخقا كۈرەشنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى ئويۇلغان، شۇنداقلا ئۇ كەلگۈسى يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۆتمۈشنى بايان قىلىپ، كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىپ، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاش −

1921 - يىلى، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كېمىسى نەنخۇ كۆلىدىن يەلكەن چىقىرىپ يولغا چىقتى.

ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى قايتا نامايان قىلىش ئۈچۈن، جېجياڭ جياشىڭ شۆيۈەنىدىكى بىر تۈركۈم ياش ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلاپ، ئۆزلىرى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزلىرى ئورۇنلىغان «ئەسلىي مەقسەت» ناملىق دىرامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيىنىڭ ھەقىقىي تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلەنگەن مەزمۇنلىرىنى ئاساسىي كۆرۈنۈش قىلىپ، پېرسوناژلارنى يارىتىش ۋە ۋەقەلىك تەسىس قىلىش ئارقىلىق، «قىزىل كېمە روھى»نىڭ دەۋر سېھرىي كۈچىنى قايتا نامايان قىلدى.

«1 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ خارابلىشىشى، قالايمىقانچىلىقىنى تۈزەشنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرغانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ، قەلبىمنى ھاياجانغا سالدى. مەن ئۆزۈمنى پارتىيەگە بەكرەك يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشنى ئويلايمەن.» ياش ئوقۇغۇچى ۋاڭ دەنلۇ دىراما ئورۇنلاشقا قاتناشقان مەزگىلدە كوممۇنىستلارنىڭ سەمىمىي، چوڭقۇر مۇھەببىتىدىن تەسىرلەندى.

2017 - يىلى دىراما تۇنجى ئورۇنلانغاندىن بۇيان، ئۈچ يىلدا نەچچە قارار ئوقۇغۇچىلار «ئەسلىي مەقسەت»نى ئورۇنلاپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگەندى، ئۆمەكتە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەمئىي 200دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى.

ئوزۇق ئېلىش، تاۋلىنىش، تارقىتىش ... بىر دىراما يەنە بىر قېتىملىق پارتىيە تارىخىنىڭ جانلىق لېكسىيەسى.

كىچىككىنە قىزىل كېمىدىن ھەيۋەتلىك چوڭ پاراخوتقىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، يەنە قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى قان تومۇرلارغا سىڭدۈرۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئالغاندا يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇش −

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭتىڭ ناھىيەسى جۇڭفۇ كەنتىدىكى قىزىل ئارمىيە كۆۋرۈكىدە، كارىدورلۇق كۆۋرۈكنىڭ تۈۋرۈكىگە ئويۇلغان بىر ئىز غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. 50 نەچچە ياشلىق «قىزىل چۈشەندۈرگۈچى» جۇڭ مىڭ كېلىپ - كېتىپ تۇرۇۋاتقان ساياھەتچىلەرگە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق بايان قىلدى: بۇ ئويۇلغان ئىز قىزىل ئارمىيەنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى، يەنى بىر مىلتىققا بىر نەيزە قوشۇلغان ئۇزۇنلۇق، تەخمىنەن بىر يېرىم مېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭدا يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ مىلتىق كۆتۈرۈپ، جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ھاياتنىڭ بوي ئۆلچەش سىزىقى ئالدىدا، غەربىي فۇجيەن پەرزەنتلىرى ئۆلۈمگە دادىل يۈزلىنىپ، قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتقا بولغان تاللىشىنى تاماملىدى. ئالاقىدار خاتىرىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇزۇن سەپەرگە قاتناشقان فۇجيەن خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىلا 30 مىڭغا يېقىنلاشقان.

«بەخت ھېچقاچان ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، بەختنىڭ ھەممىسى كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ.» جۇڭ مىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن سەپەر روھى − ئارمىيە روھى، پارتىيە روھى ۋە دۆلەت روھى، ئۇ بىزنى جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلاردىن قورقماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ».

پارتىيە تارىخى قىيىنچىلىقلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىش، مۆجىزە يارىتىش تارىخىدۇر.

يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، يەنە نۇرغۇن «لوۋشەنگۇەن» «لازىكوۋ» ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا، يەنە نۇرغۇن «قارلىق تاغ» «ئوتلاق»لاردىن ھالقىشقا توغرا كېلىدۇ. 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىنىپ، بوران - چاپقۇنلار كۆتۈرۈلۈشىدىن قەتئىينەزەر، كەسكىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى تېخىمۇ نامايان قىلىنىدۇ.

ئۆتمۈشتىن ئۆرنەك ئېلىپ، كەلگۈسىنى بىلىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىقتىدار، ئىستىلنى تاۋلاش −

خۇتوخې دەرياسى بويى، تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسى. يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىبەيپو بازىرى بېيجۇاڭ كەنتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يازغان بىر پارچە جاۋاب خېتى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. 70 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ جىمجىت كىچىك كەنت پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىك مەركىزى ئىدى.

1949 - يىلى 3 - ئايدا، جۇڭگو ئىنقىلابى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، يولداش ماۋ زېدۇڭ بۇ يەردە پۈتۈن پارتىيەگە غەپلەتتىن ئويغىتىدىغان «ئىككى جەزمەن»نى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدىن بۇيان، «ئىككى جەزمەن»نى يادرو قىلغان شىبەيپو روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن چېن گوپىڭ ئىلگىرى ئۇزۇن مەزگىل شىبەيپو بازىرى لياڭجياگوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئۇ «ئىككى جەزمەن»نى باشتىن - ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، يۇرتداشلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىگەن.

«شىبەيپو بىز كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەنىۋى ماكانى.» چېن گوپىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يەتتۇق، بىز <ئىككى جەزمەن>نى يەنە ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك ياخشى مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، يېڭى ئىمتىھان بېرىش يولىدىكى <ئىمتىھان قەغىزى>گە داۋاملىق ياخشى جاۋاب يېزىشىمىز كېرەك».

پارتىيەنىڭ تارىخى يەنە پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش تارىخى. 100 يىل ئىچىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ خىسلىتىنى ئۆزگەرتمەسلىكىدىكى سىر دەل باشتىن - ئاخىر پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشتەك جەمئىيەت ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىدا.

100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق سىياسىيدا سەگەك بولۇپ، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا تىرەك بولغاندا، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئىقتىدارى، ئىستىلى تېخىمۇ قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولىدۇ.

100 يىللىق شانلىق سەھىپە شانلىق نەتىجە ياراتتى، يېپيېڭى ئۇلۇغۋار ئىشلار باشلاندى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 100 يىللىق چوڭ پارتىيە ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، ھازىرقىنى چۈشىنىپ، قايتا ئاتلىنىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، مۇقەررەر ھالدا غەلىبىدىن يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.