تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيەنىڭ ھېكايىسى، شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى كۆپرەك سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك

شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھەرلىك يېڭى 4 - ئارمىيە تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى 100 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنىڭ ھېكايىسى، شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى كۆپرەك سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك

جاۋاب خەت

شاڭخەي شەھەرلىك يېڭى 4 - ئارمىيە تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى 100 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىلەر:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. سىلەر ياشلىق دەۋرىڭلاردىلا ئىنقىلابقا ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرانە كۈرەش قىلدىڭلار، 100 ياشقا كىرگەندىمۇ پارتىيە تارىخى تەشۋىق - تەربىيەسىگە رىشتە باغلىدىڭلار، چوڭقۇر بولغان پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىڭلار كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، قايىل قىلىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخى ئەڭ ياخشى دەرسلىك، دائىم ئوقۇش، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. سىلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىش تارىخىي مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردىڭلار، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ چۈشىنىسىلەر. پۈتۈن پارتىيە پات ئارىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدۇ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ داۋاملىق نۇر - ھارارەت تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى كۆپرەك سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزاق بولۇشىنى تىلەيمەن!

شى جىنپىڭ

2021 - يىلى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك يېڭى 4 - ئارمىيە تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى 100 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىلەر ياشلىق دەۋرىڭلاردىلا ئىنقىلابقا ئاتلىنىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرانە كۈرەش قىلدىڭلار، 100 ياشقا كىرگەندىمۇ يەنىلا پارتىيە تارىخى تەشۋىق - تەربىيەسىگە رىشتە باغلىدىڭلار، چوڭقۇر بولغان پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتىڭلار كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، قايىل قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخى ئەڭ ياخشى دەرسلىك، دائىم ئوقۇش، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. سىلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىش تارىخىي مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردىڭلار، پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى تېخىمۇ چۈشىنىسىلەر. پۈتۈن پارتىيە پات ئارىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرىدۇ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ داۋاملىق نۇر - ھارارەت تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب كەچۈرمىشىگە بىرلەشتۈرۈپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى كۆپرەك سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شاڭخەي شەھەرلىك يېڭى 4 - ئارمىيە تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتى 1980 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت پارتىيە تارىخى، ئارمىيە تارىخى تەتقىقاتى، تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىگە كۈچ چىقاردى. يېقىندا، تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى شى پىڭ، چېڭ ياشى قاتارلىق يېڭى 4 - ئارمىيەنىڭ 100 ياشتىن ئاشقان 40تىن ئارتۇق پېشقەدەم جەڭچىسى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ «پەقەت كوممۇنىستىك پارتىيەلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ» دېگەن چوڭقۇر تەسىراتىنى بايان قىلدى، دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنكى پارتىيە تارىخى تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.